مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 459|ئىنكاس: 9

سەن بىزنى كۈتمەكتە دۆندۈر نېسىۋە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2971
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16921
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2645 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 11:42:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن بىزنى كۈتمەكتە دۆندۈر نېسىۋە

قاراخان
ھەيۋەتلىك بىناغا،تۇرالغۇ تامغا،
چاپلانغان رەڭمۇ رەڭ ئۇچۇر مەلۇمات.
ئۇندا بار سۆيۈنچە پۇقرا- ئاۋامغا،
باي بولۇش پۇرسىتى چەكمەي مۈشكۈلات.

بىرىدە بوۋامدىن قالغان قەدىم جاي،
سېتىلار دىيىلگەن تۆۋەن باھادا.
بىرىدە ئاتامدىن قالغان بىنەم،ساي،
ئۆتۈنۈپ بېرىلەر قىسقا ئارىدا.

بىرىدە ئۆي بېزەك قىلىمەن دەيدۇ،
بىرىدە سۇ ،توك،پار ،گازغا ئالاقە.
بىرىدە چەكلەنگەن تىغ،پىچاق،چەيدۇ،
بىرىدە قانۇنغا دائىر ۋەرەقە.

بىرىدە ئادىل سوت ئېلان،ھۆكۈمى ،
بىرىدە تۇتقۇنغا دائىر ئاخبارت.
بىرىدە شىركەتنىڭ ئىمكان پۈتۈمى،
بىرىدە شەھۋەتكە دائىر تەرغىبات.

بىرىدە ئۆلمەسنىڭ رېتسىپ دورىسى،
بىرىدە يېزىلغان كېپەن ،قەۋرە تاش .
بىرىدە تۇتۇلدى دەيدۇ ...‹‹ئوغرىسى››،
بىرىدە يۇيۇنۇش،كۈتەر ئۇۋۇلاش.

كۆپىيىپ بارماقتا تامدىكى ئېلان،
چىقتى خوپ پاش قىلىش يولىمۇ ئەندى .
يىپ ئۇچى تېپىلسا قوزغالسا گۈمان،
تەيياردۇر ئېلىشقا خانىم- ئەپەندى.

باغچىدا،ۋوگزالدا ،رېستۇران،توردا،
بار بىزگە قولايلىق ئۇچۇر لېنىيە.
ۋاقىت،كۈچ تېجەلدى شۇنداق ئۇسۇلدا،
سەن بىزنى كۈتمەكتە دۆندۈر نېسىۋە

2014-يىلى 19-ئاۋغۇست





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-21 12:05 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-8-22 11:51 AM):
تەيياردۇر ئېلىشقا خانىم- ئەپەندى، ئەمەس
تەيياردۇر ئىنئامغا خانىم- ئەپەندى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TAXNAI2 + 30 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1093
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 03:45:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز لىكىن دۆندۈر دىگەن نىمە گەپ ئۆزى.

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2971
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16921
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2645 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 06:41:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمۇش يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 03:45 PM
بەك ياخشى يېزىپسىز لىكىن دۆندۈر دىگەن نىمە گەپ ئۆزى.

دۆندۈر -پۈتۈن دىمەكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 06:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى شىئىرنى ئوقۇماي نەگە مۈكۈۋالغاندۇ  بۇ مۇنبەردىكىلەر ....................


بۇ شىئىرنى شۇنداق ياخشى يېزىپسىز ،،ھەممە ھۆنەرۋەنلەرنى تەسۋىرلەپ ئۆزگىچە ،يۇمۇرلۇق تۈسكە كىرگۈزۈپسىز ،،،،قەلەم كۈچىڭىزگە قايىل بولدۇم............

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 04:30:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108506
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 10:00:23 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز.دۆندۈرنىڭ مەنىسىنى چۈشىۋالدىم.

ھايات سەن كۈتكەننى ئەمەس،  بەلكى  ئاللاھ پۈتكەننى  ئېلىپ  كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109012
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 677
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 12:05:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يىزىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96557
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 591
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 01:16:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتتا ئالدىنىپ ، ئالداپ ياشايمىز ،
بەزىدە شادلىنىپ ، قاخشاپ ياشايمىز .
ئۆمۈرنىڭ چەك - چېكى بىزگە نامەلۇم ،
بۈگۈننى ئەتىگە باغلاپ ياشايمىز .
تويمىغۇر بۇ بالا نەپسى دەستىدىن ،
ئۆزگىنىڭ رىزقىنى بۇلاپ ياشايمىز .
بۇ ئۇچۇر دەۋرىدە رىقابەت كەسكىن ،
ئۇچۇرنى ھەر جايغا چاپلاپ ياشايمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2971
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16921
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2645 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 11:32:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TURKI5886 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 01:16 AM
ھاياتتا ئالدىنىپ ، ئالداپ ياشايمىز ،
بەزىدە شادلىنىپ  ...

ئۇچۇرنى ھەر جايغا چاپلاپ ياشايمىز .
باپلانساق ھەرجايدا دادلاپ  ياشايمىز.
بىر يالغان يېپىلماس مىڭ يالغان بىلەن،
يالغانغا كۆمۈلۈپ بىتاپ ياشايمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96557
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 591
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 10:51:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالغانغا كۆمۈلۈپ بىتاپ ياشايمىز ،
ھەقىقەت نەدە دەپ خىتاپ باشلايمىز .
بىلىمىز يالغاننىڭ يالغانلىقىنى ،
شۇندىمۇ ھاياتنى سۆيۈپ ياشايمىز .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش