مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5536|ئىنكاس: 28

تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى-- ئەخمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 12:18:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە،شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا ھاۋا يولى ئېچىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى گېرمانىيىدىكى مەشھۇر رونكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن ياۋروپا -ئاسىيا ھاۋا يولى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان .1929-يىلى بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن،قۇمۇل،ئۈرۈمچى،چۆچەكلەردە ئايرودرۇم ياسالغان.1932-يىلى (مىنگونىڭ 21-يىلى)11-ئاينىڭ 14-كۈنى ،لىۇ سى دېگەن ئۇچقۇچى ھەيدىگەن <يونكىر>ماركىلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى سىناق تەرىقىسىدە ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم قونغان.
       شۇنىڭدىن كېيىن جىن شۇرېن ئۇچقۇچى تەربىيىلەش مەقسىتىدە شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇچقۇچى تەكلىپ قىلىپ،ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى قۇرغان. بۇ مەكتەپكە ئۇيغۇرلاردىن خەنزۇچىنى پۇختا بىلىدىغان ئەخمەت(خەنزۇچە ئىسمى يۇئەنجاڭ) ئىسىملىك بىر بالا  قوبۇل قىلىنغان. ئەخمەت ئەسلىدە خوتەنلىك بولۇپ،20-يىللارنىڭ باشلىرىدا دادىسى بىلەن تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ياڭزېڭشىن ئاچقان شۆتاڭدا ئوقۇغان .ئۇ شۇ جەرياندا خەنزۇچە تىل -يېزىقلارنى پۇختا ئىگەللەپلا قالماستىن ،بەلكى شۇ زاماندىكى خەنزۇ ىەتتاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەخمەت ئۇچقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ،تېخنىكىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن ۋە 1936-يىلى شىنجاڭ خەلقىنىڭ سۇييۇئەن ئالدىنقى سېپىگە قىلغان ئىئانە -ياردەملىرىنى ئايروپىلان بىلەن لەنجۇغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .
       1938-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇچقۇچىلار ئەترىتىگەئەۋەتكەن 43 كۇرسانتتىن لۇيلىپىڭ (ئەسلى ئىسمى لى ۋەنشەن )باشلىق 25 كىشى ئۇچقۇچىلار سىنىپىغا كىرگەن .لۇي لىپىڭ سىنىپ مۇدىرى بولغان .ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ئەخمەت بۇ كۇرسانتلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان،ئۇلارغا ئۇچقۇچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە دەرس ئۆتكەن .ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن (ئاۋىئاتسىيە تېىخنىكىسىدىن دەرس بېرىدىغان ) ئۇچقۇچىلارنىڭ ياردەمچىسى بولغان.1939-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشىئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئىئانە قىلغان <شىنجاڭ> ماركىلىق ئايروپىلان (10دانە) لارنى ئالدىنقى سەپكە ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە قاتناشقان.
     ئەخمەتنىڭ ئىقتىدارى ۋە جامائەەت ئىچىدىكى شۆھرىتى شىڭ شىسەينى ئۇنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلغان .شۇنىڭ بىلەن ئەخمەت توققۇز ئايروپىلان باشقۇرىدىغان ئۇچقۇچىلار  ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان .ھايات شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ ھەر قېتىم ھاۋاغا  كۆتۈرۈلگەندە ،ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا بىر قانچە مىنۇت ماھارەت كۆرسىتتىپ، ئاندىن يولغا راۋان بولىدىكەن .
      1939-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنقى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىردا ئەخمەت ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت كۆرسەتكەن ،ئۇ، لاچىندەك ئاسمانغا تىك ئۆرلەپ، يەرگە قاراپ شۇڭغۇپ ،يەنە ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندە،يەردىكى توپىلار قۇيۇن ئۇچقاندەك يەردىن كۆتۈرۈلگەن .بىر دەم جىمجىتلىق باسقان مەيدان ئەخمەتنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھۇررا ساداسىغا تولغان .  ئەخمەتنىڭ ماھارىتى ،خەلقنىڭ ھۇررا ئالقىشىدىن شىڭ شىسەي قاتتىق چۆچۈگەن ،شۇنىڭ ئەتىسىلا ئەخمەت قاتارلىق بىر قانچە ئىلغار ئۇچقۇچى <زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بار >دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغان .
      ئەخمەت جۇڭگو  كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ،ئۇچقۇچىلىرى بىلەن بىللە 1942-يىلى شىڭشىسەي تۈرمىسىدە يېتىپ ئاخىر پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ھالدا ئېغىر ئازاب ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن.ھازىر ئەخمەتنىڭ رەپىقىسى ۋە پەرزەنتلىرى بار.


    مەنبە: <شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر --شىرىپ خۇشتار
                      ئەلكۈيى تورى مۇنبىرى ، تورداش «مەشئەل» يازمىسى، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن ، شۇڭا ھەممەيلەن بەھىرلىنەيلى دەپ كۆچۈرۈپ كەلدىم ...

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109097
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-8-11
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 01:00:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ تالانتى زالىملارنىڭ ئۇنى قەتلى قىلىشىغا سەۋەب بوپتۇ!
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتىن بولغاي!

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 01:07:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىست ... ھەجەپ ئېچىنىشلىق ئۆلۇپ كېتىپتىكەن...  مۇمكىن بولسا سۈرىتى بولغان بولسا قوشوپ يوللانغان بولسا  ياخشى بولور ئىكەن....

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96400
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1018
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 01:09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  بۇ   كىشىنىڭ  سۈرىتى  بولغان  بولسىچۇ؟    بىر  كۆرۈپ  باقساق..........................

دۇنيا  پاسسىپلارنىڭ  قولىدا  ئەمەس ،  بەلكى   ئاكتىپلارنىڭ  قولىدا  چۆرگىلەۋاتىدۇ.  ...  :::

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 01:29:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزەلدىن شۇنداققۇ    ئىقتىدارلىق تالانتلىقلار پەشكەشلەر تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە  ئۇچراپ كەلگەن  ھەم كېلىۋاتىدۇ   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109068
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 84
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2014-8-10
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 01:32:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز.رەھمەت.دوستۇم.

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3445
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2608
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 01:36:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ئۆلىمى ئەجەب ئېچىنىشلىق بولۇپتىكەن دىسە~

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 01:43:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىش بوپتىكەن دېسە،،،

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 01:49:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sidam يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 01:29 PM
ئەزەلدىن شۇنداققۇ    ئىقتىدارلىق تالانتلىقلار پەشكەشل ...

شۇ ئەمەسمۇ!!"

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88517
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1033
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 02:56:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ مۇ بۇ كىشىنىڭ رەسىمىنى كۆگۈم كىپ قالدى .ئىقتىدارلىك كىشلەر ئەزەلدىن ئەمەلدار لار نىڭ كۆزىگە مىخ بوپ قالىدۇ !

مەلۇم نەرسىگە چۇقۇم ئرىشىنى ئاخىرقى نىشان قىلىش كىرەكمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش