مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1942|ئىنكاس: 13

تاشپۇلات روزى زىيارىتىدىن ھېس قىلغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4234
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20195
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1680 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 02:13:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاشپۇلات روزى زىيارىتىدىن ھېس قىلغانلىرىم



ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن







ئالىمدۇر دۇنيانىڭ ئىنساننىڭ جىنى،

ئالىملار ئالەمنىڭ بىلەر قەدرىنى،

يۇرتىمىز ئالىمنىڭ ئەدىبنىڭ كانى..

............



مانا بۇ "مەھمۇد كاشغەرى" ناملىق شېئىرنىڭ بىر پارچىسى خالاس. شۇنداق ئالىملار ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ ئىنژىنىرى، ئۇلار ئۈزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە خىزمەت قىلماقتا. ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيا ئالىملىرى بىلەن داڭلىق مىللەت، قەدىم يىراقتا  مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر نەۋائى، ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق مەشۇرلىرى بىلەن پەخىرلەنسە، ئالاھەزەل بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، مەملىكىتىمىز ئىچىدە ۋە دىيارىمىزدا بىر قىسىم مەشھۇر ئالىملىرى بىلەن پەخىرلىنىمىز ئەلۋەتتە.

ئامېرىكا، ياپۇنىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر، 90 -يىللارنىڭ بىشىدا، دىيارىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم ياش ئىستىدادلىق ياشلارنىڭ تاللىشىغا ئايلىنىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق شۇ دۆلەتلەرگە چىقىپ ئۇقۇشنى ئارزۇ ئۈمد قىلغان ۋە تىرىشىپ ئۇقىغان، ھەتتا ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ تا بۈگۈنكى كۈندە شۇ رايۇنلاردا تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا، مەن تۇنۇيدىغان ئالىم-دوكتۇرلاردىن ئامرېكا دۆلەت تەۋەسىدە شۆھرەت مۇتەللىپ،  ۋە تاشپۇلات روزى قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، مىسرانىم قاتارلىق تور مىدىئا تارقىتىش ۋاستىللىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەر تىپىپ تۇردۇم ۋە ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىدىن بەھىر ئېلىپ كەلدىم، بۇ مەن ئۈچۈن بەخىت ئەلۋەتتە.

456.jpg


مۇنبىرىمىزدە، بىر ۋاقىتلاردا بىر تورداش " ئانا تىل كۆۋرۈكىدىن ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرىغىچە" ناملىق بىر تېما يوللانغان بۇلۇپ، تېمىدا ئاساسلىقى ئامرېكا جەرەن جىلغا ئۇنۋېرسىتىنىڭ مۇدىرى، ئامرېكىدىكى مەشھۇر ماتىماتىكا ئالىمى، دوكتۇر تاشپۇلات روزى ئاكىمىزنىڭ كىچىكىدىكى ئۈسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە ئامېرىكىدا مەكتەپ مۇدىرى بولغانغا قەدەر بولغان ئىش-ئىزلىرى تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇلغان بۇلۇپ، مەن تۇنجى بۇلۇپ ئۇقىغان ۋاقتىمدا شۇنچە ھاياجانلانغان، تەسىرلەنگەن، ھەتتا ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك تەسىرلەنگەن،ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قول قويغان ۋە ئۇ توغۇرلۇق ماتىياللارنى ئىزدەشكە باشلىىدىم، تەلىيمگە يارىشا، ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا مىسرانىم باغداش ۋە ئىزدىنىش تور بىكەتلىرىدە ئەزا بۇلۇپ ، ئۈزىنىڭ ئېسىل يازمىللىرى بىلەن بىزنى بەھىرلەندۈرۈپ كەلدى، ئۇنىڭ كەسىپكە ئايىت ۋە تۈرلۈك ئېسىل ئەسەرلىرىنى سۈيۈپ ئۇقۇپ، قىزغىن مۇنازىرە قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسرلىرىدىن پەخىرلىنىپ كەلدىم، ھەتتا تۇر دۇنياسىدا ئۇچۇر ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىپ كەلدىم. ئالىملار بىلەن بولغان ھەر بىر ھەمسۆھبەت كىشىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدىكەن، ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقىسام، ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلەششەم شۇنچىلىك خۇشال بۇلۇپ كىتەتتىم، خۇددى تۇيۇقىسز تۈگىمەس بايلىق تېپىۋالغاندەك، ئەقىل تېپىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالاتتىم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۈتىۋەردى، ئۇنىڭ ئېسىل ئەسەرلىر بىزگە ھەرۋاقىت ھەمراھ بۇلۇپ كەلگەچكىمىكىن، خۇشال ئىىدىم.

شۇ ۋاقىتتا، بىر بۇرادىرىم بىلەن كۈرۈشۈپ قالدىم، ئۇمۇ تاشپۇلات روزى ئاكىمىز بىلەن ناھايىتى يېقىن بۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەتتا تاشپۇلات ئاكامنىڭ facebook، ئۇندىدار نۇمۇرلىرى بار ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ مىڭ بىر جاپادا ئۇنىڭ ئۇندىدار نۇمىرىنى قېتىۋالدىم، ۋە ئۇندىدار دىن ئىبارەت ھازىرقى دەۋىردىكى ئەڭ مودا بولغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلدىم. مەن ھەقىقەتەن بەخىتلىك ھە........

6-ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىلىغۇ دەيمەن، مەۋسۇملۇق ئىمتىھام تۈگەپ تەتىل قۇيۇپ بىرىلدى، مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بىردە ئۇندىدار دوسلار چەمبىرىكىدە، تاشپۇلات ئاكامنىڭ ئايرىلغىلى 15 يىل بولغاب ئانا ۋەتىنىگە قايتا بىر قېتىم كىلدىغانلىقى دىن ئىبارەت ئۇچۇرنى كۈرۈپ قالدىم، كۈرۈپ شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم ۋە ھاياجانلاندىم، ھەتتا ئىچىمدە ئۇ قەشقەر تەرەپلەرگە كىلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈرۈشۋالسام ھەيدىغان خام خىيالنىمۇ قىلىپ قويدۇم....


قىسقىسى تاشپۇلات روزى ئاكام ۋەتەنگە كەلگەندىن بۇيان، دىيارىمىزنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق رايۇنلىرىدا زىيارەت ۋە ساياھەتتە بولدى، ھەمدە تەسىراتلىرى، خاتىرە سۈرئەتلىرىنى ئۇندىدار ئارقىلىق يوللاپ تۇردى، مەن ئۇنىڭ زىيارەت جەريانىنى كۈرۈپ تۇردۇم ھەم شۇنچىلىك تەسىرلەندىم، خام خىيالىرىم ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى، ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىدىم، ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكەن ۋاقىتتىكى ھېسياتىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. مەن ئۇ بىر ئايلىق ساياھەت ۋە زىيارەت جەريانىدىن ئالغان تەسىراتلىىمنى يىغىنچاقلاش  ۋە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئۇشبۇ تېىمىنى يېزىشنى ئۇزاق ئويلاشتىم، ۋە ئاخىر كەڭ مۇنبەر ئەھلىگە سۇندۇم. كەمچىلىكلىرىمنى كەچۈرۈپ تەنقىدى پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر!!




                              



مەن ھىسلىرىمنى كىچىك بىر قانچە نۇقتىلارغا بۈلۈپ يازىمەن، ھەر قايسىسى ماڭا ئالىمنىڭ ئىش ئىزلىرى تەسىر قىلغان چوڭ نوقتىلار.


1. ئالىملارغا بولغان يۈكسەك ھۆرمەت..

ئالدى بىلەن ئالىمنىڭ قەشقەردىكى قىسقىغىنە بىر كۈنلىك زىيارەتلىرىدىن ھېس قىلغانلىىرىمنى ئورتاقلاشسام.  

ياپۇنلاردا مۇنداق بىر ئىش بار، بەلكىم ھازىرمۇ شۇنداقمۇ ئۇنى ئېنىق بىلمەيمەن.. ياپۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلانغا ئالاھىدە ھۆرمىتى باركەن بۇلۇپمۇ ئۇلۇغ بۇۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىگە، چۈنكى مەھمۇد كاشغەرى ئەينى ۋاقىتتا ئۆز قۇلى بىلەن ئاسىيا رايۇنىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ۋاقىتتا، ياپۇنىيەنىمۇ شۇ خەرىتە ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ياپۇنلىقلاردا مەھمۇد كاشغەرىگە جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈكسەك ھۆرمىتى بار ئىكەن، شۇڭا ئۇلاردا مۇنداق بىر قائىدە شەكىللەنگەن بۇلۇپ، ھەرقانداق بىر ياپۇنيەلىك كاشغەر دىيارىغا قەدەم ئالغان ۋاقىتتا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنى بىر تاۋاپ قىلىش  بولمىسا ئۇخلىماسلىق... بەلكىم بۇ بىر رىۋايەتتۇر، لېكىن بۇنىڭدىن ياپۇنلارنىڭ ئالىملارنى ھۆرمەت قىلدىغانلىقىنى كۈرۈپ چىقالايمىز، خوش مەن بۇ يەردە بۇنى زادى نېمىشقا دېمەكچى بوپ قالدىم، بۇنى سەۋەبى تاشپۇلات روزى ئاكام كاشغەرگە چۈشكەن ۋاقىتتا تۇنجى بارغان يىرى ئوپال يەنى مەھمۇد كاشغەرى بۇۋىمىزنىڭ مەقبەرىسى. خېلى كىشىللىرىمىز داڭلىق بايلىرىمىز ئۆمرىدە بىې قېتىم كاشغەر دىيارىغا كىلىدۇ ئەمما ئۇپالغا چىقىپ مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنى بىر يوقلاپ قويمايدۇ..



ئادەمنى تەسىرلەندۈردىغىنى شۇكى، ئالىمىز شۇنچە ئۇزاق يولنى بىسىپ كىلىپ يەنىلا تۇنجى بۇلۇپ قىلغان ئىشى مەشھۇر ئالىملارنى يوقلاشنى، ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى ئاساسلىق مەقسەد قىلغان. بۇ ئارقىلىق بىز زادى نېمگە ئىرىشىمىز؟


تارىخ ئۇ بىر ئۆتمۇش، مەشھۇر شەخىسلەر تارىخنىڭ يالدامىسى ۋە ئىسپاتى. بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىشكە ۋە ئۇلارنى بىر ئۆمۈر ياد ئىتىشكە ھەقلىقمىز، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلاردىن پەخىرلىنىشلا ھەممىگە كۇپايە قىلمايدۇ، بىز چوقۇم ئۇلارنى قەدىرلىشىمىز، ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مەدەنىي مىسراسلارنى، ئېسىل كىتابلارنى تولۇقى بىلەن يىغىپ ساقلىشىمىز، ئۇنى تەتقىق قىلىشىمىز، كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا تەدبىق قىلىشىمىز كېرەك.  جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۈزىنىڭ ئەجدادلىرىغا، مەشھۇر كىشىللىرىگە بولغان قاراشلىرى بارا-بارا سۇسلىشىپ ھەتتا يۇقاپ كىتىش گىرداۋىغا بىرىپ قالدى، شۇنداق بولغان ئىكەن شۇ بالىلارنىڭ ھامىسى، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىدىغان ، ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم ئۇلارغا بۇنى چۈشەندۇرىشى، بىلدۈرىشى ھەتتا ئۇلارنىڭ مەقبەرىسىگە ئاپىرىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلدۇرىشى كېرەك، ئالىممىز جېنىدا شۇنداق يىراق جايدىن كىلىپ تۇرۇپ يەنە ئالىمنى يوقلاپ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان تۇرسا ، بىز شۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، شۇنچىلىك ئىشنى قىلالمامدۇق؟ بىلەت باھاسى قىممەتمۇ؟ بۇنى ھەممىمىز ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك.



تاشپۇلات ئاكام، قەشقەردە قىلغان يەنە بىر ئىشى ئۇيغۇرلانىڭ 11-ئەسىردىكى مەشھۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغان ئىشى.  يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى زىيارىتى مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز بىر قېتىملىق زىيارەت. يەنى مەن ئالىمىمىز بىلەن تۇنجى كۈرۈشكەن ، پىكەرلەشكەن بىللە زىيارەت قىلغان ئۇنتۇلغۇسىز ۋاقىت.



ئالىمنىڭ قەشقەرگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىچىمدە شۇنچىلىك خۇشال بولغىنىم يادىمدا. ئەمما ئالىمنىڭ ۋاقتىنىڭ قىس بولغانلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن  بەلكىم كۈرۈشكە نىسىپ بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى. 7-ئاينىڭ 20 نەچچىنجى كۈنلىرىغۇ دەيمەن، ئۇندىداردىن تاشپۇلات روزى ئاكامنىڭ قەشقەر دىيارى كەلگەنلىكىنى ۋە مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى، شۇ كۈنى قەشقەر شەھرىدە بىجىردىغان ئىشىم بار بولغاچقا، قەشقەردە ئىدىم، ئالاھەزەل ئون نەچچىلەر بولغاندا ئۇندىدارىمغا ئالدىنقى قېتىم مەن تاشپۇلات روزى ئاكامنىڭ نۇمىرىنى دەپ بەرگەن دوستۇمدىن ئۇچۇر كەلدى، ئۇ تاشپۇلات روزى ئاكامنىڭ ھازىر مەدەنىيەت يولىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىدە زىيارەتتە بولدىغانلىقنى، مېنىڭمۇ شۇ يەرگە كىلەلەيدىغان-كىلەلمەيدىغنالىقنىم، بولسا شۇلار بىلەن بىللە كۈرۈشىدىغانلىقىمنى ئېيىتتى. خەتكە ئىشەنمەيلا قالدىم، ئۇڭىمۇ چۈشىممۇ راسلا ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشەلەيدىغان بولدۇممۇ ئەمدى. مەن تۇرۋاتقان يەر مەدەنىيەت يولىغا ئالاھەزەل 10 نەچچە مىنۇت كىلەتتى، مەن دەرھال تاكسى تۇسۇپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىگە باردىم. مەن بېرىپ نەچچە مىنۇتتىن كېيىن تاشپۇلات ئاكام يىتىپ كەلدى.



ماشىنىدىن، ئوتتۇرا بوي كۆك كۆڭلەك كەيگەن، تۇنۇش چىراي تاشپۇلات ئاكام چۈشتى، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۈرۈشتىم ھەم ئۈزۈمنى ناھايىتى بەخىتلىك ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتۇق، ھەمدە بىرلىكتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئالىم توغۇرلۇق خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلدىغان بۇلۇپ، مەقبەرە ئىچىنى ئالا قويماي كۈرۈپ چىقتى ۋە رەسىمگە تارىتتى، بىرلىكتە خاتىرە رەسىمگە چۈشتۇق.



تۇغۇلۇپ، ھاياتىمدا، تۇنجى قېتىم دۇنياۋى مەشھۇر ئالىملار بىلەن كۈرۈشۈم بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك ھاياجانلاندىم، ئالىم بىلەن بىللە خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن شۇ ۋاقىتلاردا ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدەك ھېس قىلدىم. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى ئىچىدىكى مۇشۇ قېتىملىق زىيارەت ھاياتىمدىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلماس بىر قېتىملىق زىيارەت بۇلۇپ قالدى، مەقبەرە ئىچىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، تاشپۇلات ئاكام بىلەن ئوز-ئارا پىكىرلەشتۇق، ئۇنىڭ ئېسىل سۆزلىرى ماڭا ئىلھام بولدى، قىسقىسى ئالىمغا، بىلىملىكلەر بولغان ھۆرمىتىم قايىتىدىن ئاشتى...


تاشپۇلات روزى ئاكامنىڭ قەشقەردكى  مۇنۇ ئىككى زىيارىتىدىن شۇنى تۇنۇپ يەتتىمكى، ئالىملار بىر مىللەتنىڭ قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرى، قەدىرلەشكە تېگىشلىك بايلىقى. ئەگەر سىز ئۈزىڭىزنىڭ ئالىملىرىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلمىسىڭىز، ھەرگىزمۇ باشقىلار كىلىپ قىلىپ بەرمەيدۇ. ھازىرقى دۇنيا رىقابەتكە تولغان دۇنيا، ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتلىرى ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئابرويىنى دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ساقلاپ قالالايدۇ. ئالىملانىڭ قەبرىگاھىغا ئائىلە بۇيىچە ۋە دوسىت بۇرادەرلەر بىللە بىرىپ كۈرۈپ قىلىپ ئۇنچىلىك تەس ئەمەس، ئىقتىساد تەرەققى قىلغان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى سەۋىيىسى بۇنىڭغا يىتىدۇ. ئىقتىساد يوق دىيىش پەقەت بىر ناھانە خالاس، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئەھمىيەتىسز، مەنىسىز دەپ قارايدۇ. ھەتتا ئۇنداق مەشھۇرلانىڭ بارلىقنى ئۇنتۇپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە تاشپۇلات روزى ئاكىمنىڭ ئالىملارنى قەدىرلەش روھى ۋە ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت روھى ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.



2. يۇرۇتقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت


ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىچىدە " كىشى يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا سۇلتان بول" دەيدىغان مەشھەر ھېكمەتلىك سۆز بار، دۇنيادا مۇساپىرچىلىقتىنمۇ ئېغىر ئىش بولمىسا كېرەك، يۇرۇت قەدىرىنى ۋەتەنسىزلەردىن بىل، ئۈزۈ تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۈھەر، سۈيى كەۋسەر دەيدىغان قىممەتلىك ھېكمەتلەر بىكارغا تارقالغان ئەمەس، ھەر قانداق بىر ئىنسان باشقا يۇرۇتتا ھۈزۇر-ھالاۋەتلىك تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، يەنىلا ئۆز يۇرتىغا يەتمەيدۇ، چۈنكى ئۆز يۇرتى شۇ كىشىنىڭ قىندىك قېنى تۇغۇلغان،  بالىلىق گۈزەل ئەسلىمىللىرى قالغان شۇ ئانا تۇپراق ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن تۇتىيا. ئەلۋەتتە تاشپۇلات ئاكاممۇ يۇرۇتتىن ئايرىلغىلى 15 يىل بولغاچقا، يۇرۇتىنى قاتتىق سېغىنغان ئوخشايدۇ، ئۈرۈمچىگە كىلىپلا ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن ھال مۇڭ بۇلۇشتى ۋە ئەتىسىلا ئانا ماكانى غۇلجاغا قاراپ يول ئالدى، بەلكىم تاشپۇلات ئاكامنىڭ يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى كۈچلۈك بولسا كېرەك. ئۇ غۇلجا دىيارىدىكى ئۇرۇق تۇققان دوسىت بۇرادەرلىرى بىلەن كۈرۈشۈپ ھال مۇڭ قىلىپ بۇلۇپ، ئۈرۈمچى دىيارىدا ھەر ساھە- ھەر كەسىپتىكى كىشىلەر بىلەن قىزغىن كۈرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇدى، تور، مىدىيا ۋاستىللىرى بۇنى تارقىتىپ تۇردى. بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمەن.




قىسقىسى، ئالىمنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، كۆڭۈلۈك زىيارەت بولدى. دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى ساھەدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئالىم بىلەن كۈرۈشۈپ ھال مۇڭ قىلىشتى، ئالىممۇ دىيارىمىزنىڭ پەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەر قايسى تور بىكەتلەر ئىشخانىسى، شىركەتلەردە زىيارەتتە بولدى. ئىشىنىمىزكى، ئالىمىمىزنىڭ قەدەملىرى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدۇ، ئۇيغۇرنىڭ دۇنيادى ساداسى مەڭگۈ ياڭراق جاراڭلايدۇ.





ئاخىرىدا، ئابلەت مۇھەممەتنىڭ تاشپۇلات روزىغا ئاتاپ يازغان شېئىرى ھۇزۇرۇڭلاردا.........


ت.روزى
مەن بۇ ئەسىرىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان چەتئەلدىكى تۈنجى ئالىي مەكتەپ پەخرىي مۇدىرى ، ماتىماتىكا ئالىمى تاشپولات روزى ئەپەندىگە ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن .

شۇڭقار  بولۇپ ئۇچتىڭىز يىراقلارغا ت.روزى ،ئۈمۈدىڭىز شىۋىرلار قۇلاقلارغا ت.روزى ،ئىلھام بېرەر نامىڭىز ئوماقلارغا ت.روزى ،ھەسەل-شەربەت تۆكتىڭىز بۇلاقلارغا ت.روزى ،جاۋاب بەردى ئەمەلىيەت سىناقلارغا ت.روزى ،
يەر شارىدا بەش قىتئە ھاياتىقنىڭ ماكانى ،ئۇيغۇر ناملىق مىللەتنىڭ ئاسىيادا بار كانى ،ياراتماقتا گۈللىنىش تەرەقىيات زامانى ،خاسلىقىڭىز ياراتتى ئامىرىكىدائېرپاننى  ،چوغلىرىڭىز كۈچ بەردى چىراقلارغا ت. روزى.
روزى دېھقان ھاسىدا بىر ئەسىرنى ئۆرىدى ،بالا ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي تۈگمەن چۆرىدى ،خەلقى ئۈچۈن سۈت بېرىپ ئەڭ مۇلايىم مۆرىدى ،ئەۋلاد ئۈچۈن ئەر –ئايال نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى ،چىدىمايدۇ ئاتىلار پىراقلارغا ت.روزى ،
تاشپولات ۋە قۇرۋانجان ئۈمۈدلەرگە ياقتى شام ،شەجەرىنىڭ تېمىغا ئويۇپ بېرىپ ياخشى نام ،تۆھپەڭلەردىن ھەر قاچان پەخىرلەنسۇن دوست-ياران ،ئىلى، تارىم، يۇرۇڭقاش ئۆركەشلىسۇن زەرەپشان ،سۇ بەردىڭىز چاڭقىغان قىياقلارغا ت.روزى .
يەكلىدىمۇ بەزىدە ئۆزگە ئەلنىڭ سۇلىرى ،سەپەرلەردە بەزىدە قىينىدىمۇ يۇللىرى ؟نەتىجەڭلەر ھەققىدۇر چەت دۆلەتنىڭ دوللىرى ،ياخشى نامغا ئېرىشەر بىلىم ھېكمەت موللىرى ،ئۈلگە بولۇپ كەلدىڭىز سىياقلارغا ت.روزى .
نوتۇق سۆزلەش ئاسانمۇ ساپ ئىنگىلىز تىلىدا ،باش كۆتىرىش مۇششەققەت يۈز ئالىملار خىلىدا ،قوللىرىدىن تەتقىقات چىقىپ تۇرار يىلىدا ،جاۋاب بەردى يۈز كېلىپ ئەجداتلىرى قېنىغا ،قويۇپ بەردى يۈز نومور ساناقلارغا ت.روزى .
ئېيتىپ قويۇڭ ئاسىرسۇن ش. مۇتەللىپ تېنىنى ،قەۋمى ئۈچۈن دۇنياغا ئاققۇزماقتا قېنىنى ،كەشپىياتقا چىڭقالدى بۇ دەۋىرنىڭ يىلىنى ،ئۇلۇغ خەلق كەڭ تۇتقاي كۆڭلى دەريا ئېنىنى ،قېرىنداشلار چىدامدۇ پۇراقلارغا ت.روزى .
ئالى مەكتەپ مۇدىرى ئارزۇيىڭىز نىمىكىن ؟ئىنسانىيەت ئۈمۈدى نوبىل ماڭغان يولمىكىن ؟سىلەر تۇتقان مەشئەللەر قاراڭغۇدا نۇرمىكىن ؟سىزگە ئاتاپ يازغىنىم پەقەت ئاددىي قۇرمىكىن ؟سېغىنغاندا ياش كېلەر چاناقلارغا ت.روزى .
ھۆرمەت بىلەن قەلەم تەۋرەتكۈچى يۇرتدىشىڭىز،ئىنىڭىز : ئابلەت مۇھەممەت
  ھۆرمەت بىلەن: مىسرانىم مۇنبىرىدىن                                  ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن 2014-8-6

















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 12:52 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1937
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 969 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 09:15:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا ئالىمنىڭ قەدرىنى ئالىملار بىلىدىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 09:28:21 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەھمەت! ئوقۇپ بەك تەسىرلەندىم........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96400
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1077
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 09:49:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما  ئىگىسىگە  چوڭقۇر  تەشەككۈر................

دۇنيا  پاسسىپلارنىڭ  قولىدا  ئەمەس ،  بەلكى   ئاكتىپلارنىڭ  قولىدا  چۆرگىلەۋاتىدۇ.  ...  :::

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3927
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 10:16:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت .

ئىلىم ئىگىلىرى چۇقۇم ئەزىزلىنىشى كېرەك .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 665
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 623 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 10:59:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك تېما ئىگىسى !

2. بۆلىكىڭىزدىكى خەلق ماقالىنى بۇزۇپ ئىشلىتىپسىز.
‹‹كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە،ئۆز يۇرتۇڭدا سۇلتان بول!›› ---خاتا.
‹‹كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە،ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول!›› --- توغرىسى بۇ.

ئۇلتاڭ--ئات جابدۇقلىرىدىن بىرىنىڭ ئاتىلىشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2510
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11793
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 11:22:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىتىمىزدىن چىققان مۇشۇنداق ئالىملار ،ئۇيغۇر مىللىتىنى خەلقاراغا ، دۇنياغا تۇنۇتۇدۇ ، بىز ئۇلاردىن مەڭگۈ پەخىرلىنشىمىز كېرەك .

ھايات بولسا بىر دېڭىزغا ئوخشايدۇ ،ئىرادىلىك ئادەملەرلا قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ بارالايدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 11:37:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئېگىسىگە تەشەككۈر !
تاشپۇلات ئاكىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر ھەم سالامەتلىك تېلەيمەن .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10507
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 12:00:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز  ئۇيغۇرلا  پەقەت  ئالىملىرمىزنىڭ  قەدرىگە  يەتمەيدىكەنمىز

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68147
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2011-12-2
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 12:41:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تېمىدىنلا تاشپولاتكامنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم...ئاللا شۇ ئالىملىرىمىز ئامان قىلسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش