مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1521|ئىنكاس: 18

بىزلەردىكى ۋاقىت ئېڭى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 06:40:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                   بىزلەردىكى ۋاقىت ئېڭى ھەققىدە


            

ۋاقىت ھېچقاچان، ئۆزىنىڭ قەدىرىنى بىلگەنلەرگە ھىممىتىنى ئايىغان ئەمەس. ۋاقىتتىن ،پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلانساقلا ئۇ بىزگە بايلىق ،خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. كۇن-بويى لاغايلاپ يۇرگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ ئېرشىدىغىنى -  پۇشايمان ،قېرىلىق ،يوقسۇزلۇقتىن ئىبارەت خالاس.

    بۇ يەردە چاقىرسا  ئۇ يەردە ھە دەيدىغان لايغەزەل مۆرىمەس ئادەملەرمۇ ئارىمىزدا  ئاز ئەمەس .      بەش ،ئون مىنۇتتا بارىمەن دەپ ئادەم ساقلىتىپ ۋاقىتىنى ئۆلتۈردىغان ئىشلارغۇ كۈندە ئۇچراپ تۇرىدۇ .

    ئادەتتە  ئايالىم بىلەن بازارغا چىقسام، ئايالىم بىر تال نەرسىنى 10 ،20 يۈئەن ئەرزان ئېلىش ئۈچۈن يېرىم كۈن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلاتتى،مەن ئەستايدىل چۇشەندۇرۇپ قىلغاچقا ھازىر نۇرغۇن سودىلىق ئىشلىرىنىمۇ بىردەمدىلا تۈگۈتىدىغان بولدى .ئەمما بۇنداق 10 ،20  يۈئەن پۇلنى تىجەيمىز دەپ بىر كۈن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ بازار چۆرگىلەۋاتقانلار ئازمۇ ؟ بۇلار ئائىلسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىنى تاشلاپ ،كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ . تۈگمە ئۈچۈن تۆگىدىن قۇرۇق قاپتۇ  دىگەن مانا مۇشۇ .

   مېنىڭ ئۇكام بىر كۈنى چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە كەپتۇ بەزەن بىر سەۋەپلەر بىلەن تاماق ئېتىش ئازراق كېچىكىدىغان بولغاچقا ،مەن ؛ ئىشقا كېچىكىپ قالىسەن بازاردىنلا تاماق يەپ ماڭغىن دىسەم ئۆيدىكىلەر قوشۇلماي ،بىردەمدىلا تەييار قىلىمىز دەپ ئۇكامنى توسۇۋېلىشتى . ئۇكام تاماق يەپ ئىشقا بارغاندا يوقلىمىغا ئۈلگۈرەلمەي 50 يۈئەن جەرىمانە تۆلەپتۇ ،  بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۇلۇك .

   ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ،كۈن- كۈنلەپ ئۆيگە كىرمەي، قاۋاقخانىلاردا ئىچىپ ،قىمارخانىلاردا تۈنەپ ئويناۋاتقانلار ئازمۇ؟  ھېچبولمىسا بىرەر ھۆنەر كەسىپ ئۈگەنسە ئائىلىگە يۈك بولمايدۇ ،تۇرمۇشى ياخشىلىندۇ .لىكىن نۇرغۇن ياشلىرىمىز   ئۇنداقمۇ قىلمايدۇ .   ئويۇن-تاماششاغا ۋاقىت چىقىدىكەنۇ بىرەر ھۆنەر كەسىپ ئۈگۈنۈشكە ۋاقىت چىقمايدىكەن . بۇنداق ياشلىرىمىز ئاتا- ئانىسىنى ئويلىمامدىغاندۇ ياكى ئۇلارنىڭ تۈگىمەيدىغان پۇللىرى بەك جىقمىدۇ؟            

    يېقىندا بىرسىدىن ئاڭلاپ قالدىم  ؛ قەشقەرلىك بىر قىزىقچى بالا  مەھەللىسىدىكى ياشلارغا كورلىدا پويىز ئىستانسىغا خىزمەتچى ئالىدىكەن ، پويىزنىڭ چاقىغا يەل بېرىدىغان ئىش ئىكەن ،ئۇ دىگەن بەك ئاسان ،ئايلىقى      5000 يۈئەن ئىكەن دەپ قىزىقتۇرۇپ قويۇپتۇ  شۇنىڭ بىلەن سەھرادىن چىقىپ باقمىغان بالىلار قىزىقىپ كەلسە پويىزنىڭ چاقى تۆمۈر تۇرغۇدەك،شۇنىڭ بىلەن ئەخمەق بولغۇنىغا ئاچچىغى كەلگەن بالىلار قايتىپ كېتىپتۇ . بۇ راس-ياكى يالغان بولسۇن جەميەتتىكى پاراڭ . ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەكلا؛ بىھۇدە جاپادىن ،ۋاقىتتىن پايدىلىنىشنى ئۈگەنسەك ؛يامان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىپ قالىمىز.  ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى توغرا ئىگەللەپ ، كەسپىمىزگە ماھىر بولساقلا نەتىجىگە ئېرىشىش دىگەن تەس ئەمەس. كونىلارمۇنۇ گەپنى بىكار ئېيتمىغان ؛ ۋاقتىڭ كەتتى-بەختىڭ كەتتى .

       مەنبە ؛مەخمۇتجان مەمەت تەشنائى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-22 07:05 PM  


كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93838
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 07:33:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغىرا بىزدىكى ۋاقىت ئسىراپچىلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ     يولداشلار دائىم دەيدىغان :  «汉族人的五分钟却是两个小时,维吾尔族的两个小时最起码一天“(خەنلەرنڭ بەش مىنۇتى ئككى سائەت،ئۇيغۇرلارنىڭ ئككى سائىتى بىركۇن)بۇيەردە دىمەكچى بولغىنى ئادەم ساقلاش ياكى ۋەدىدە
بولسا قىرىنداشلار ۋاقىت ئڭىمىزنى يۇقىر كوتتۇرسەك بۇ توغۇرسىدا مەيلى توردا مەيلى ئتتوتلاردا كوپ ئوتتۇرغا قويۇلدى ،لىكىن «گەپ ئايلىخانغا ،يول سارخانغا »دىگەندەك ھىچ ئۈنۇمى بولمىدى ،سائەت 5دە دىگەن سۇرۇنغا بارسا سايىپخان بولغۇچى كۇرۇنمىسە تىلفۇن قىلىپ سورىسا ئەمدى بارماقچى ،تەييارلىق قىلۋاتىمەن ،ئارتۇق گەپ قىلسا ئۇيغۇر دىگەن ئاشۇنداق         ئەجبا ئۇيغۇر دىگەن ئاشۇنداقمۇ؟؟؟؟؟؟؟!!!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوزىمال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-22 07:34 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28024
تۆھپە نۇمۇرى: 469
توردا: 486 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 07:42:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسىلىنىڭ بىرلا تەرىپى بولمايدۇ . بىكار تەلەپلەرنىڭ كۆپيىپ قىلىشى بەلكىم ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەستۇ . رېئاللىق شۇنداق رەھىمسىز بولىدۇ . بىلىپ بىلمەي پۇرسەتنى كەتكۈزۋەتكەنلەرگە قايتا پۇرسەت كىلىپ بولغىچە شۇنداق بىر چۈشكۈن دۇنيانىڭ قەھرىمانى بولۇپ كىتىشى مومكىن . ھىلىقى ئىتوتتا دىگەندەك«  پېلانغۇ شۇنداق ياخشى ، لىكىن پۇل يوق » بولۇپ قالىدۇ . قورساق غېمىدە ياشىغان كىشىدە ئارزۇ-ئارمان بولامدۇ ؟ . جەمىيتىمىزدە دېپلۇمى يوق كىشىدە ئىقتىدار بولامدۇ؟ ... ئىشقىلىپ دەپ كەلسەك بىرمۇنچە گەپلەر ...
بۇ مىنىڭ بىكار تەلەپ ، ئىقتىدارسىزلارنى ئاقلىغىنىم ئەمەس ، ھەركىمگە دەيدىغىنىم ، كەينىڭىزدە قالغانلارغا قارىماي ، ئالدىڭىزدىكىلەردىن ئىشىپ كىتىشكە تېرىشىڭ . چۈنكى كەينىڭىزدىكىلەر سىزگە چۈشكۈن ھېسلارنى بەخشەندە ئىتىدۇ . ئۇلار سىزگە قاراپ ، مىدىرلىسا ماڭغىلى ، ماڭسا يۈگۈرگىلى بولدىغانلىقىنى ھېس قىلىشسۇن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TAXNAI2 + 30 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

http://www.sawrim.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 08:04:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئاپتۇرىدىن كەچۈرۈم سورايمەن،ئۈستىدىكى ئىنكاس بىخەستەنلىكتىن يوللىنىپ سالدى.


مۇۋاپىقىيەتشۇناسلارنىڭ تەجرىبىسىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق،ئامرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى ئوگ ماندىنونىڭ(دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى)ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق مەزمۇنلار ئۇچىرايدۇ.

سەن ھەر-بىر كۈنۈڭنى ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى بىر كۈنۈم دەپ ئويلا،ھەم شۇ تۇيغۇدا خىزمەت قىل.
شۇندىلا سەم ۋاقىتنىڭ ھاياتلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى چىن مەنىسىدىن تۇنۇپ يىتىسەن.
ۋاقىتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بول بىر مىنۇت ۋاختىڭنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلما،شۇندىلا سەن مۇۋاپىقىيەتكە قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلاۋاتقان بولىسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6245
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 08:11:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىز مېنى راس ئويغا سەپ قويدى

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 08:20:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hujayin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 08:04 PM
تىما ئاپتۇرىدىن كەچۈرۈم سورايمەن،ئۈستىدىكى ئىنكاس بى ...

كېرەك يوق ....خاتا بېسىپ قېلىشلار دىگەن بوپ تۇرىدۇ ،،،،،
ئەمما سىزنىڭ كەلتۈرگەن نەقىللىرىڭىز بەك ياخشىكەن  .....
كۆرۈپ بەكمۇ سۆيۇندۈم....

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 09:22:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19520
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 09:27:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى ۋاقىت قارشىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئېتراپ قىلماي بولمايدۇ .
ئىشقا كېچىكىپ قىلىشتىن  ئەنسىرەپ ناشتا قىلماستىن يۈگىرەپ ماڭىمىز چۈنكى ماشىمىزنى تۇتىدۇ ياكى باشلىققا سەت كۆرنىشتىن ئەنسىرەيمىز '
ئەمما نامازغا ۋە ياخشى ئىشقا ئالدىرمايمىز ، قايسى بىزگە بەكرەك مەنپەئەت ئىلىپ كىلدىغىننى كۆڭلىمىزگە ئايان ،
ئۆتكەندە ئىشخاندىكى خىزمەتدىشىمىز توي قىلىپ  بىرنەچچە خىزمەتداشلار بىلەن بارغان باغاقتىكى ۋاقىت 12 ، خەنزۇلار بىلەن 12 بىلەنلا كىپ بولغان ئەمما بىزگە باغاق ئىۋەتكەن خىزمەتدىشىمىزنى 2 سائەتتەك ساقلاپ كۆرەلمەي سىرىتتىن تاماق ئەكىرگۈزۈپ كەتتۇق ......

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 976 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 09:37:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقتىڭ كەتتى - بەختىڭ كەتتى .

مۇشۇ ماقال -تەمسىلدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ . ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا ۋاقىتقا ئېتىۋار بىرىدىغان
مىللەت . ئەمما ئاز بىرقىسىم كىشىلەردە بار بۇ ئىللەت .

ۋاقىتقا ئېتىبار بەرمەسلىك -سەھەر تۇرماسلىقتىن باشلىنىدۇ . مەن شۇنداق ئويلايمەن ؛
سەھەر تۇرمايدىغان ئادەملەر چۇقۇم ۋاقىتقا ئېتىبار بەرمەيدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-22 09:39 PM  


مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3394
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 09:37:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشناجان شۇندـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــو  قارىسام ئۈزلە كۈندە دىگۈدەك توردىن چۈشمەيدىكەنسىلە . ھەربىر تىمىنى ئاساسەن قۇرۇق قول قايتۇر مايدىكەنسىلە  . ئاساسەن كومپىيوتىر ئالدىدىلا ئولتىرامدىكىن دەپ پەرەز قىلدىم . كەسپىڭلا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىكمۇيا ؟ سىلىمۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەندەك ۋاقىتتىن (ئۈنۈملۈك) پايدىلىنامسىلە ؟

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش