سۆيگۈ دەپ ياشاش كېرەكمۇ؟
شۇنداق بىر خىيال بار گالدۇر سۆزلىرىم،
تىپىرلاپ جىم تۇرماس ھەتتا يۈرەكمۇ .
ئاشكارە قىلدىغۇ ھەتتا كۆزلىرىم ،
بىلمىدىم سۆيگۈ دەپ ياشاش كېرەكمۇ؟ .

مۇھەببەت يولى تار مېڭىشتۇر مۈشكۈل،
تېپىش تەس چىكىگە قىستۇرغىدەك گۈل .
داد دېدىم تەسەلىي تاپمىدى كۆڭۈل ،
بىلمىدىم سۆيگۈ دەپ ياشاش كېرەكمۇ؟.

مەجنۇننىڭ ئىزىدىن ماڭغىنىم راستتۇر،
مەن دېدىم نىشانىم لەيلىگە خاستۇر .
ۋەلېكىن بۇ زامان ئۇنىڭغا ياتتۇر ،
بىلمىدىم سۆيگۈ دەپ ياشاش كېرەكمۇ؟.

قەسەملەر شۇنچىلىك بۈيۈكتىن بۈيۈك ،
قىينىغاچ دىللارنى ئىشقى ھەم كۆيۈك .
سەزگەندە قەسەمنى بىلىپ ئېغىر يۈك،
بىلمىدىم سۆيگۈ دەپ ياشاش كېرەكمۇ؟.

تاڭغىلى بولمايدۇ تاياقنى تاشقا ،
كىم بىلەر ھەر كىمنىڭ سۆيگۈنى باشقا.
يىتىشچۈن ۋىسالغا كۆز تولسا ياشقا،
بىلمىدىم سۆيگۈ دەپ ياشاش كېرەكمۇ؟.

مۇھەببەت دەردىدە يۈرەكلەر زىدە،
زارلىنىش توختىماس كۈندۈز كېچىدە.
نەزەربەنت بولغۇچە ئەلەم ئىچىگە ،
بىلمىدىم سۆيگۈ دەپ ياشاش كېرەكمۇ؟.

مەنبەسى: ئەپچىلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-18 02:31 PM