بىز كىچىك چاغلاردا مەھەللىدە بىر نەچچە ياش بالىلار مۈرىلىرىگە خۇرجۇننى ئارتىپ، رامىزاننىڭ ئونىنچى ئاخشىمى ئۆيمۇ-ئۆي، ئىشىكمۇ-ئىشىك رامىزان قوشىقىنى ئېيتىپ، نەرسە كېرەكلەرنى، بولۇپمۇ يىمەك -ئىچمەكلەرنى يىغىدىغان، ئاندىن ئۇ يىغىلغان نەرسىلەرنى ئۈلىشىدىغان، يەنە بىر قىسىملىرىنى بولسا شۇ مەھەللىدىكى ئاجىز، مەيىپ كىشىلەرگە ياكى تۇل خۇتۇن، يىتىم-ئوغۇللارغا تارقىتىپ بېرىدىغان ئىشلار بار ئىدى.
بۇمى رامىزان ئېيتىش دەپ ئاتايتتۇق، شۇ چاغلاردا.
بۇ بىزدىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنەلەرنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن بىر قانچە يىلدىن بىرى بۇ خىل ئادەتلەر ئاستا-ئستا يوقىلىپ كەتتى. نىمىچۈن بۇنداق ئېسىل ئەنئەنە بىزنىڭ ئىچىمىزدىن تۇيۇقسىز غايىپ بولىدۇ؟
بۇ پەقەت بىر خىل كوللىكتىپ ھالدا ئىئانە يىغىش ئادىتى بولۇپ ئادەتتە بۇ ئىشلارغا چوڭلار بەك ئارلىشىپ كەتمەيدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولۇپ، ھەر بىر مەھەللىنىڭ ياشلىرى بىر گۇرۇپ بولۇپ ماڭاتتى.
شۇنداقلا بۇ بىر خىل قىزىقارلىق كۆڭۈل ئېچىش كۈنى ۋە ئۇلۇغ رامىزانى مۇبارەكنى تەبرىكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. باشقا يۇرتلاردا قانداقتۇ، بۇ بىزگە قاراڭغۇ، ئەمما بىزنىڭ يۇرتلاردا خېلى يىللار بولۇپ قالدى بۇ خىل ئەنئەنىلەر كۆزگە چېلىقمايدىغان بولۇپ قالدى.
مۇمكىن بولسا ھەر قايسى يۇرتلاردىكى مۇسۇلمان ياشلار بۇ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرساق، شۇ ئارقىلىق جەمىيەتتىكى ئىگە- چاقىسىز ئاجىزلارغا، تۇل خۇتۇن، يىتىم-ئوغۇللارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنساق دېگەن ئۈمىتتىمەن.
رامىزان قوشاقلىرىدىن ئېسىمدە قالغانلىرى:
رامىزان ئېيتىپتىكەن ھەزتىئەلى،
ئۇلاردىن قاپتىكەن بىز ئېېتىلى.
رامىزان ئاللا، ماھى شېرىپ رامىزان،
اللە ... اللە.....
ئاخشىمى قاراڭغۇدا ئاي كۆرىنىدۇ،
ھەممە ئۆيدىن مۇشۇ ئۆي باي كۆرىنىدۇ.
رامىزان اللە، ماھى شېرىپ رامىزان،
اللە..... اللە....
.
مەنمۇ بەك ئەسلاپ بولالمىدىم، بىلىدىغانلار بولسا،
ئاخىرىغا ئۇلاپ يوللاپ قويساڭلار، تۇلىمۇ مەمنۇن بولغان بولاتتىم. اللە رەھمەت قىلسۇن بىلىدىغانلار يوللاپ قويۇڭلار!...
قۇمۇلنىڭغۇ دەيمەن بىر سۆرەتلىك فىلىم بولىدىغان،
مەن كۆرگەندەك قىلىمەن، باشقىلارمۇ كۆرگەن بولىشى مۇمكىن.
شۇنىڭدا ئىنتايىن جىق ئىدى ئۇنىڭ بېيتلىرى......
ھەممىمىز ئورتاقلاشساق.... دېمەكچى....
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-6 10:57 PM