(ھېكايە)
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
كوچا ئاپتوبوسىنىڭ تولىمۇ ئاستا مېڭىشىدىن ئىچىم سىقىلىپ سومكامدىن گېزىت ئېلىپ كۆرىۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز بىرىنىڭ :«ئۇكام يېنىڭىزدا بىر يۈەنلىك پارچە پۇل بارمىدۇ؟»دىيىشىدىن ئىتتىك بېششىمنى كۆتۈردۈم.ئالدىمدا 50 ياشلار چامىسىدىكىيۈزلىرى كۆيۈپ قارىدىغان،ئاددى كىيىنىۋالغان بىر ئادەم قولىدا بەش يۈەن پۇلنى تۇتقىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى.
-بۇ ئاپتوبوستا پۇل قايتۇرۇلمايدىكەن شۇڭا...،-دىدى ئۇ تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە،مەن يانچۇغۇمنى ئاختۇرۇپ ئۇنىڭغا پارچە پۇل تاپالمىدىم.
-كەچۈرۈڭ مەندىمۇ پارچە پۇل يوقكەن ،پۇلنى ھازىرچە سېلىۋېرىڭ،بىر ئازدىن كېيىن چىققانلاردىن ئېلىۋالساق بولىدۇ،-دىدىم مدەن چۈشەندۈرۈپ،ئۇ پۇلنى سېلىۋېتىپ يېنىمدىلا ئۆرە تۇردى.شۇ ئەسنادا ئاپتوبوس يەنە بىر بېكەتكە كېلىپ توختىدى.يېنىمدىكى ئادەم ئىتتىك ئىشىك يېنىغا باردى.ئەپسۇس،ئاپتوبوسقا چىققان ئىككەيلەن ئايلىق بېلىتىنى كۆرسىتىپ قويۇشتى.
-ئۈمىتسىزلەنمەڭ پۇلنى ئالىمىز،-دىدىم مەن ئۇنىڭ مەيۈس چىرايىغا قاراپ.ئىككىنچى بىكەتتە مەن ئۇنىڭ ئىككى يۈئەننى ئېلىپ بەردىم ھەم ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم.ئۇ:«رەھمەت سىڭلىم پۇلۇمنى ئېلىۋېلىپ ئاندىن ئولتۇراي»دىدى ۋە ئىشىك ئالدىدىلا ئكرە تۇردى.
-ئاۋۇنىڭ چۈپەيلىكىنى قارا ،-دىدى شۇ ئەسنادا بىرەيلەن،-ئىككى يۈەن ئۈچۈن دىۋانىدەك ئىشىك ئالدىدا تەلمۈرۈپ تۇرغىنىنى،ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ،بولدى ئاكا ئۇ ئىككى يۈەننى مەن بېرەي ئولتۇرىڭە،-دىدى ئۇرغۇلۇق قىلىپ.
ھېلىقى ئادەم خىجىل بولغان قىياپەتتە يېنىمغا قايتىپ كەلدى.
-ئۇكام بىز دېھقان خەق پۇلنى ناھايىتى تەستە تاپىمىز،يۇرتتا ئىككى يۈەنگە ئىككى نان كېلىدۇ.ماڭا باشقىلارنىڭ پۇلى كېرەك ئەمەس...،-دىدى ئۇ دۇدۇقلاپ.
-ئۇلارنىڭ گېپىنى تىڭشىماڭ،سىز ئۇ پۇلنى بىر يەردىن بۇلاپ كەلمىدىڭىز،نىمىشقا ئالمايتتىڭىز،ئۇلار دەۋېرىدۇ،-دىدىم مەن ئۇ كىشىگە بولىشىپ ھەم كەينىمگە ئۆرىلىپ بايا گەپ قىلغان يىگىتكە قارىدىم .قارىدىم-يۇ چۆچۈپ كەتتىم.چۈنكى بايا بۇ دېھقاننىڭ‹چۈپەيلىگى› ىن نومۇس قىلىپ كەتەكەن بۇ يىگىتنىڭ قولى ئۇدۇلدىكى ئاپتبوس تۇتقۇچىغا ئېسىلىپ تۇرغان كىشىنىڭ يانچۇغىدا تۇراتتى.
-ئاناڭنى قەلەندەر يانچۇغىدىن چاشقان يامانلايدىكەن بۇنىڭ.
يىگىت يېنىدىكى يەنە بىر يىگىتكە شۇنداق دەپ كۇسۇرلىدى.قارىغاندا ئۇلار شىرىكتەك قىلاتتى.بۇ يىگىتلەرنى مەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا مۇشۇ ئاپتوبوستا كۆرگەن ئىدىم.ئۇ چاغدا ئۇلار چوڭلارنى يۆلەپ،ئۆز ئورۇنلىرىنى باشقىلارغا بوشىتىپ بېرىپ كىشىلەرنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. ،مەنمۇ ئۇلاردىن مەمنۇن بولغان ئىدىم.ئەسلىدە ئۇلار....
بىر چاغدا ئۇلارنىڭ قولى ئەپچىللىك بىلەن يېنىمدىكى دېھقاننىڭ يانچۇقىنى تاپتى.قورققىنىمدىن يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولدۇم.ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىگە دىققەت قىلغىنىمنى كۆرۈپ قالدى ۋە قاپىقىنى تۈرۈپ يېنىغا ئېسىۋالغان پىچىقىنى ئىشارەت قىلىپ قويدى.مېنى تېخىمۇ تىترەك بېسىپ گەپ قىلالماي قالدىم.بىر چاغدا ئۇلار دېھقاننىڭ يانچۇغىدىن بىر مۇنچە پۇلنى سۇغۇرۇپ ئالدى،كىم بىلسۇن،ئۇلارنىڭ قولى تېىخى يانچۇقتىن چىقماي تۇرۇپلا كۈچلۈك ئالقانلار ئارىسىدا قالدى.دېھقان ئەسلىدە ھەممىنى بىلىپ تۇرغانكەن ،ئۇ يىگىتنىڭ قولىنى ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن كاپ قىپلا تۇتىۋالدى-دە،كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئوغرىغا تىكىلدى.
-ئۇكام،قانچىلىك لازىمتى،مەن بېرەي،بۇنداق قىلما.دىۋانە چېغىدا سوراپ ئالىدۇ.بايا مېنى مەسخىرە قىلدىڭ،ئەمما مەن ئۇ بىرنەچچە يۈەننى ھالال تەر تۆكۈپ تاپقان.يامان يول بىلەن باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىپ تاپقان مىڭ يۈەندىن ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىگى بىلەن تاپقان بىر يۈەن قىممەتلىك.ئەمدى كىم كىمدىن نومۇس قىلساق بولار ،تېخى ياشكەنسەن يولۇڭنى تېپىۋال ئوغلۇم،-دىدى ۋە بڭر تۇتام پۇلنى يىگىتكە تەڭلىدى،-مە بۇنى ئال دۇرۇس ئىش قىلىپ ئاتا-ئاناڭنى خاتىرجەم قىل.
يىگىت تاتىرىپ تۇرۇپلا قالدى.ئاڭغىچە ئاپتوبوس يەنە بىر بىكەتكە كېلىپ توختىدى،شۇ چاغدا يىگىت دېھقانغا تولىمۇ تەستە بېشىنى يەردىن ئالماي تۇرپ :« كەچۈرۈڭ ئەمدى ئينداق قىلمايمەن،»دىدى ۋە ئاپتوبوستىكى نەپرەتلىك كۆزلەر ئاستىدا ئىتتىك ئاپتوبوستىن چۈشۈپ غايىپ بولدى.
2014-6. ئۈرۈمچى