مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5549|ئىنكاس: 19

بالدۇر بىلىشىڭىز زۇرۇر بولغان 10 ھىكمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1464
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 05:34:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                            بالدۇر بىلىشىڭىش زۇرۇر بولغان 10 ھىكمەت

   1 . سىز ئەسلىدىنلا بىر كىچىك شەخىس.
مەيلى سىز كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر، سىز ئەسلىدىنلا بىر كىچىك شەخىستىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، بويىڭىز ئېگىز كىبىر، ئۆزىڭىزدىن چوڭ ئاچچىقنى ھەمرا قىلىۋىلىشىڭىزنىڭ ھېچقانداق زۆرۈيىتى يوق. سىز پەقەت ئاددىيلا، بىر كىچىك شەخىس. باشقىلاردىن ئاغرىنىش ھوقۇقىڭىز يوق. شۇڭا، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئورنىنى ۋە سالاھىيىتنى بىكىتىڭ. سىز بىر كىچىك شەخىس.
  2 . ئاسماندىن ئالتۇن ياغمايدۇ.
ئېسىڭزىدە بولسۇن، سىز بىكارغا ئېرىشكەن نەرسىلەر ھەرگىزمۇ سىز ھەقىقىي ئېرىشكەن نەرسىلەر ئەمەس، چۈنكى ھامان سىز ئۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيسىز. بايلىق، مەرتىۋە ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئاسانلا ئېرىشىۋالدىم، دەپ كۆرەڭلەپ كەتمەڭ، چۈنكى بىكاردا ئىش يوق. باشقىلارنىڭ سىزنى ئوۋلاش نىيىتى بولمىسا، سىزگە ھەرگىزمۇ يەمچوك تاشلاپ بەرمەيدۇ.
  3 . پۇشانماننى ئالىدىغان قاچا يوق.
سىز بىر قەدەمنى خاتا ئالدىڭىزمۇ بولىدى، مىڭ پۇشايمان قىلىپ، ئون مىڭ قېتىم ئۆزىڭىزنى كاچاتلىسىڭىزمۇ، بىكار. چۈنكى كىيىنكى پۇشايمان سىزگە دۈشمەندىن باشقىنى تېپىپ بەرمەيدۇ. قەدەم ئالغاندا ئالدىراقساقلىق قىلماڭ، تەمكىن بولۇڭ، سىزنىڭ ئىتراپىڭىزدا تېخىمى ھېچ كىشى يەتتە ئىقلىىمنىڭ سىرى بىلىپ كەتمىدى.شۇڭا ھودۇقىشىڭىزنىڭ، ئالدىراپ-سالدىراپلا چوڭ ئىش قىلىشىڭىزنىڭ زۆرۈريىتى يوق. چوڭ ئشىقا ئۇزۇن ۋاقىت، كۆپ مەبلەغ، زور ئەمگەك كۈچى كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە باشقۇرۇش سەنئىتىڭىز بولۇشى كېرەك. ئىشنى قىشلىتىن بۇرۇن ياخشى ئويلىنىڭ، بۇرۇننىڭ ئۈچىنى كۆرىدىغان ئشىنى قىلماڭ.
  4 . ھەممە كىشى ئۆز مەنپەئىتىنى ئويلايدۇ.
بەلكىم سىز ئۆزىڭىزنى بەك ئالىيجاناب ھېسابلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما بىلىشىڭىز كېرەككى، بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ھەممە كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا شەخسىي مەنپەئەت پەردىسى بار. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئۆز مەنپەئەتىڭىزنىلا كۆزلە، دېگەنلىك ئەمەس. سىز باشقىلار بىلەن ئادىل، سەمىمىي ۋە مۇۋاپىق ھەمكارلىشىپ، ئورتاق مەنپەئەتلەنسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداق قىلماي، باشقىلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سالسىڭىز، ئەلۋەتتە، باشقىلارمۇ قان تەرى بەدىلىگە ئېرىشكەن مەنپەئەتىنى سىزنىڭ قولىڭىزغا چۈشۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرمايدۇ-دە!
  5 . ھېچكىمنى بوش چاغلىماڭ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھېچكىمنى بوش چاغلىماڭ، چۈنكى سىز بار نەرسىنىڭ ھەممىسى باشقىلاردا بار. ئەگەر ئۇلار سىزدىن ئاكتىپ ۋە ئەپچىلرەك پايدىلانسا، ئۇ ھالدا سىزدىن ئېشىپ كېتىشىگە گەپ كەتمەيدۇ. ئىقتىدار، بايلىق دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق نەرسىلەر. ئۇنى تاپقىلى بولىدۇ. باشقىلارنىڭ سىزدىن نامرات ياكى دۆت ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ، ئۇلارنى كىچىك كۆرسىڭىز، ياراتمىسىڭىز، مەلۇم بىر كۈنلىرى دەل ئاشۇ خىل كىشىلەر تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
  6 . ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ يولى بولىدۇ.
سىز مەڭگۈ بىر يولدا ماڭدىم دەپ ئويلىغان ئادەمنىڭمۇ ھامان ئۆزگىچە يولى بولىدۇ، شۇڭا ھەدىسىلا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ھەممە ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز سىزغان سىزىق بويىچە مېڭىشىنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭلاشقا، باشقىلاردىن زىيادە ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەڭ، ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ، چۈنكى، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىشىڭىز كېرەك.
  7 . ھوقۇق ۋە مال-دۇنيا ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس.
سىز ھەممە نەرسىنىڭ بولۇپمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى نەرسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق، شۇڭا ئۇلار تۇرمۇشىڭىزنىڭ پۈتكۈل قىسمىنى ئىگىلەپ كەتمىسۇن، ئەگەر مال-دۇنيايىڭىز كۆپ ئەمەلدار بولسىڭىز، خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىڭ، ھوقۇقىڭىزدىن توغرا، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ. ئۆز نەپسىڭىزگە چوغ تارتىدىغان، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىشىنى قىلماڭ، چۈنكى «بۈگۈن ماڭا، ئەتە ساڭا» دەيدىغان گەپ بار.
  8 . ئەسكى كۆۋرۈك داغدام يولدىن ياخشى.
شۇنداق، بىلىشىڭىز كېرەككى كۆۋرۈك، يول سېلىش ئىمكانىيىتى يوق جايغا سېلىنىدۇ. كۆۋرۈكنىڭ رولىنى يول ئۆتىيەلمەيدۇ. ئەمما كۆۋرۈك ئۆز نۆۋىتىدە يولدىن ئىبارەت. شەيئىلەرنى كۆزەتكەندە، ئىنچىكە بولۇڭ، ماھىيىتىگە دىققەت قىلىڭ. سىزگە ئاداققىچە ھەمرا بولالايدىغان نەرسىلەرنى تاللاڭ.
  9 . ئۇ سىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزمۇ-ئەمەسمۇ.
بۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، ئۇنىڭغا پەقەت ئانچە-مۇنچە قىزىققان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئىشنى توختىتىڭ. چۈنكى بۇ قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنى دەپسەندە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، سىز ياخشى كۆرمىگەن ئىكەنسىز، ئۇنداقتا ئۇنى باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىدىن مەھرۇم قىلسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسىڭىز، چىڭ تۇتۇڭ، ھەرگىز يېنىكلىك قىلماڭ. چۈنكى بۇنداق ئادەم ھاياتىڭىزدا پەقەت ۋە پەقەت بىرلا.
   10 . ئېسىلزادىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمايدۇ، جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە سىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىغا قاراپ سىز ئۇلارنى ياخشىكەن دەپ قالماڭ. ئېسىلزادە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئادەم بولۇشى ناتايىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 461 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 06:04:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇردۇم،ياخىشى ھېكمەتلەركەن  .......

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 06:51:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانچە بالدۇر ھېس قىلالىسا، كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا شۇنچە كۆپ نەپ بېرەلەيدىغان ھېكمەتلەركەن……
كىبىرلىكتىن ، كىشىلەردىن بىھۇدە ئاغرىنىشتىن ، مال -دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشتىن بەندىلىرىڭنى ساقلىغايسەن ئاللاھ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106129
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 07:07:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىز خۇلاسىلەپ چىققانمۇ ياكى ؟

ئىچىڭگە تېرىۋالغان ئاداۋەت ئۇرۇقلىرى بىخ تارتىپ كۆكلەپ كەتمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 07:07:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات ھىكمەتلىرى -ھايات سىناقلىرىدىن ئۆتۈشتىكى ئەڭ ياخشى كۆۋرۈك .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 08:03:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى شىر چاغلا دەيدىغان گەپ بار،قولغا كەلتۈرگەن ئازراقلا مۇۋاپىقىيەتلىرىمىزگە گىدىيىپ،مەغرۇرلىنىپ ئالغا ئىلگىرلەش قەدىمىمىزنى ئاستىلىتىپ قويساق،شۇ بىز كۆزگە ئىلمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن شاللىنىپ كىتىشىمىز تۇرغانلا گەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72782
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3174
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 08:11:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسىي مەقسەت :  قورسىقىڭىز ئاچسا تاماق يەڭ !

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32436
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3761 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 10:31:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ياخشى ھىكمەتلەر ئىكەن ، قىسقىسى ئۆز ئىشىڭىشغا پۇختا بولۇڭ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11366
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9476
تۆھپە نۇمۇرى: 530
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2010-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 04:15:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسىي مەقسەت :  قورسىقىڭىز ئاچسا تاماق يەڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97058
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1505
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2013-8-18
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 09:47:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرگىز قانائەتلەنمەڭ
ئۆز قەدىر- قىممىتىڭىزنى قوغداڭ
تەقدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا
ئۆزىڭىزنى تونۇڭ
غايىڭىزدىن تەۋرەنمەڭ
ھەرگىز چېكىنمەڭ

http://chongbazar.com/news/

چوڭ بازارغا مەرھەممەت. http://chongbazar.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش