ئالتۇن توغراق
ئەكبەر ئۆمەر ۋولقانى
ئالتۇن توغراق، ئالتۇن رەڭ تۇپراق،
تېلىم ئاجىز سېىنى كۈيلەشكە.
ئارامى جان،مەشھۇر سەيلىگاھ،
مىڭ كۆز كېرەك سېنى كۆرۈشكە.
توغرا قىلدىڭ كۆككە بوي سوزىغان،
‹‹توغراق شاھى››سەندە مۇجەسسەم.
تەبىئەت سىزغان بىر تەبئىي سۈرەت،
گۈزەل قوينۇڭ جەننەتتىن كۆركەم.
بىر يېنىڭدا ئاقار زىلال سۇ،
ئاسما كۆۋرۈك تۇرار تەۋرىنىپ.
بەخىش ئىتەر دىللارغا شادلىق،
تەبئىي ئورمان گۈزەللىك بىرىپ.
ئېھ! گۈزەللىك ئىلاھى ئۆزۈڭ،
ئالتۇن توغراق –ئالتۇن رەڭ تۇپراق.
سېڭىپ كېىتەي گۈزەل باغرىڭغا،
كەل ئوغلۇم دەپ ئاچقاندا قۇچاق.
ئاپتۇر:پوسكام ناھىيە 3-ئوتتۇردىن -
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-2 09:57 AM