مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1693|ئىنكاس: 11

خوتەن سەكايى تىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103486
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 811 سائەت
تىزىم: 2014-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 10:00:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەكايى تىلى

تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش

                        سەكايى                              
                      خوتەنىي، تومشوقىي
                                    
سۆزلەشكۈچىلەر: خوتەن پادىشاھلىقى ۋە تومشۇق (بۈگۈنكى شىنجاڭدا)
      رايون      : مەركەزىي ئاسىيا                                                   
ئۆلگەن ۋاقتى   : مىلادىيە ئونىنچى ئەسىر                                         
تىل ئائىلىلىرى  : ھىندۇ-ياۋرۇپايى                                                
                             ھىندۇ-ئىرانىي تىلى                                          
                                      ئىرانىي                                                      
                                               ئارا ئىرانىي                                             
                                                     شەرىقى ئىرانىي                                   
                                                              سەكايى

                                                                    سەكايى - خوتەنىي

                                                                           سەكايى

     دىئالېكىتلار  : خوتەنىي                                                        
                       تومشوقىي                                                         
      پوچۇركا     : بەراھمىي                                                         
                                

     ئارا سەكايى (ساك) تىلى ياكى خوتەن تىلى، قەدىمقى سەكايى تىللىرىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، ئارا ئىرانىي تىللاردىندۇر. ئارا سەكالار تىلىدىن، ئەسەرلەر ۋاسىتىسى بىلەن قالدۇرۇلغان ئىككى دىئالېكىتى مەشھۇر بولۇپ، ئۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنغان رايونلىرى بويىچە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن ۋە تومشوق (ھازىرقى قەشقەردىكى تۇمشۇق رايونى) بولۇپ، بۇ ئىككى دىئالېكىتقا خوتەنىي ۋە تومشوقىي دەپ نام قويۇلغان. خوتەن دىئالېكىتىدىكى ئەسەرلەر بەراھمىي ئېلىپبەسى بىلەن يېزىلغان ۋە بۇددا ئەدەبىياتى تەسىرى ئاستىدا ھېسابلىنىدۇ. تومشوقىي دىئالېكىتىدىن ھەم ئەسەرلەر قولغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈلۈشى، مىلادىيە بەشىنچى ئەسىردىن تاكى ئونىنچى ئەسىرلەرگىچە بارىدۇ. بۇ ئىككى تىل، شۇ زاماندا ئۇيغۇر تۈركىي تىلىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. ئەمما يەنىلا، شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى پامىر كۇھىستانلىرىدا ئىرانىي دىئالېكىتلار قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىككى تىل بىلەن يىراق باغلىنىشقا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. پوشتۇ ۋە ۋەخىي تىل (ۋاخان تىلى) لىرى سەكايى تىلى بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرىنى كۆرسۈتۈپ بېرىۋاتىدۇ.

     سەكايى قەبىلەلىرى، تارىم دەرياسى ھەۋزىسىدىكى زېمىنلاردىن تاكى بەلخ چېگرايىغىچە يەتكەن ۋە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋالىدا باختەر (ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمقى دەۋلىتى-باكتېرىيە) ۋە زەرەنگ (زەرەنج دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زەرەنگ ھازىرقى ئافغانىستاندىكى نىمرۇز ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان مەركىزى بولۇپ، ئىران بىلەن چېگرالىنىدۇ) ۋە روخەج تەرەپكە، ۋە كېيىن غەربى شىمالىي ھىندىستانغا كۆچۈشكەن.

     مىلادىيە ئونىنچى ئەسىردە كاشغەر (ھازىرقى قەشقەر) دائىرىسىدە ‹كنچگ› تىل (بۇ تىل ھەققىدە ئادەتتىكى لۇغەت ھەم توردىن مەلۇمات تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشىنى بىلگىلى بولمىدى) ى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالدۇق قالغان سۆزلەر، ئۇ تىلنىڭ سەكايى دىئالېكىتلىرى بىلەن ئوخشاشلىقى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

     تىلشۇناسلاردىن بەزىلىرىنىڭ كۆرسۈتۈپ بەرگىنىدەك، بەلكىم بۈگۈنكى پامىرىي تىللار، سەكايى تىلىنىڭ خىلمۇخىل دىئالېكىتلىرىنىڭ تارىخىي داۋامى بولۇشى مۇمكىن. خوتەن سەكايى تىلى ۋە پامىرىي تىللار گۇرۇھىدىنكى بۈگۈنكى ۋەخىي تىلىنىڭ سېلىشتۇرما تەكشۈرۈلۈشى، بۇ ئىككى تىلنىڭ تارىخىي ئوخشاشلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە كۆرسۈتىۋاتىدۇ كى ئۆزئارا يېقىن بىر مەنبە تېپىلغان.


بىر قىسىم سۆزلۈكلەر
قارا دېڭىز ياقىسى ۋە جەنۇبىي روسىيەدىكى مەغرىب سەكالار تىلىدىن بىر قىسىم سۆزلۈكلەر:
arvant:تند و سريع
aspa:اسب             (ئات)
atar:اذر                (ئىران خۇرشىدىي كالېندارىدىكى 9-ئاي)
carma:چرم           (كۆن، تېرە، خۇرۇم)
gausa:گوش           (قولاق)
hapta:ھفت            (يەتتە)


مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D8%B2%D8%A8%D8%A7%D9%86_%D8%B3%DA%A9%D8%A7%DB%8C%DB%8C_%D8%AE%D8%AA%D9%86

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 10:04 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kaxtexijan + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4719
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 07:49:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق  تارىخقا  ئائىت  نەرسىلەرنى يەنە  يوللاپ تۇراسىز مەن  ئامراق   تارىخقا

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3489
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3975
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10841 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 05:21:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈم خوتەنلىك بولغىنىم بىلەن بۇ تارىخ بىلىملەرنى بىلمەيدىكەنمەن.تارىخ بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

مەن «قاشتېشى» شۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107304
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 759
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 06:47:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ توغرىسىدا بىز بىلنەيدىغان نوقتىلار بەك كۆپ بەك كۆپ.
تۇنۇگىنىنى بىلمىگەن كىشى بۈگۈنىنى تۇنالمايدۇ ھەمدە ئەتىنى قانداق كۈتۈشنى بىلمەيدۇ.

پەقەت مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن قاشتېشى ھەرگىزمۇ تور ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمايدۇ.

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2015
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 448 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 06:49:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدىم،رەھمەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BUEREZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-30 06:50 PM  


قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104272
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 82
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2014-3-1
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 10:34:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۈملىلەر سەل تۇمتاق بولۇپ قاپتۇ.گرامماتىكىسىنى توغرلاپ يوللىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن.غەيرەت قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104272
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 82
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2014-3-1
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 10:39:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە ماتېرياللاردا بۇ تىل خوتەن ساك تىلى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، بولسا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا بىر قارىۋەتكەن بولسىڭىز، ئېنگىلىزچىدىمۇ خوتەن ساكا تىلى دەپ ئېلىنغان. http://en.wikipedia.org/wiki/Saka_language

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15123
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2805 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 01:31:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا ئۇدۇنلۇقلارنىڭ قاراخانى ئۇيغۇر مۇسۇلمان قوشۇنلىرى بىلەن 40يىللاپ ئۇرۇش قىلىشى يالغۇز دىنىي ئۇرۇش بولۇپلا قالماي بەلكى  ئىسلامدىن بۇرۇنقى خۇتەن خەلقىنىڭ قەدىمكى ساكلارنىڭ ئەۋلادى بولشىمۇ بىر سەۋەب بولۇپ ،بۇيەنە مەلۇم مەنىدىن مىللىي توقۇنۇشمۇ ھېسابلىنامدۇ قانداق ؟

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103486
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 811 سائەت
تىزىم: 2014-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 01:31:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nill يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 10:39 PM
ئۇيغۇرچە ماتېرياللاردا بۇ تىل خوتەن ساك تىلى دەپ ئاتىل ...

دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق. بىراق «سەكا» ئاتالغۇسىغا «ئىي» قوشۇمچىسىنى قېتىپ، ئۇنى سۈپەتكە ئايلاندۇرۇپ تىلنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى قىلساق، مەقسەد تېخىمۇ كونكېرت بولۇشى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103486
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 811 سائەت
تىزىم: 2014-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 01:34:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nill يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 10:34 PM
جۈملىلەر سەل تۇمتاق بولۇپ قاپتۇ.گرامماتىكىسىنى توغرلا ...

سەمىمىي تەكلىپىڭىزگە رەھمەت. كونكېرت خاتا جايلىرىنى كۆرسۈتۈپ، ئۇنىڭ قانداق خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىۋەتكەن بولسىڭىز، بەلكىم تېخىمۇ راۋانلىشىپ قالار ئىدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش