مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4117|ئىنكاس: 11

باشئەگىمدەئابدۇرىشىت سابىت ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1366
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51384
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9955 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 08:12:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باشئەگىم دىيارىدا ‹‹ئەدىب ئابدۇرىشىت سابىت ئەسەرلىرى ئىلمىي

مۇھاكىمە يىغىنى››ئۆتكۈزۈلدى



  مائارىپنىڭ تەرەقىياتى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل.دۆلىتىمىز قۇرۇلۇپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يېتىشىپ چىققان پىداگۇكلار بىر ئۆمۈر دەرس مۇنبىرىدە مىللەتنىڭ ئۈممەتلىرىنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇش جەريانىدا نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چەككەن.ئۇيغۇر پىداگۇكلىرى پۈتۈن بارلىقىنى كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارغا  بېغىشلاپ مىللىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشى،تەرەقىي قىلىشى ئۈچۈن تارىخ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلىپ كەلگەن.ھازىرقى رىقابەت،تەرەقىيات،خىرىسقا ئۇچراپ تۇرۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋردە پىشقەدەملەرنىڭ ھايات مۇساپىسىنى خۇلاسىلاش،ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى ياد ئېتىش ھەمدە ئەجدادلار ئېچىپ بەرگەن يولدا تەۋرەنمەي مېڭىش ئەۋلادلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.
   دىيارىمز باشئەگىم ۋادىسىدا بىر ئۆمۈر خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ،سۈيىدە ئېقىپ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان نۇرغۇن پىشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆتكەن.مويدۇن سايىت بوستانى،ئابلىز ھەسەن،ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى،ئابدۇمىجىت ھەسەن قۇربانى،مەمتىمىن ھامىد،ئابدۇرېھىم ئەيسا،ئابدۇرېشىد سابىت...قاتارلىقلار ئەزىز كىشىلەر كورلىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشى ئۈچۈن خەلق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلىپ كەلگەن.
   شۇ ۋەجىدىن پىشقەدەم مائارىپچى،مەسئۇلىيەتچان يازغۇچى،ھارماس پىداگۇك،ئەستايىدىل ئوقۇرمەن ئابدۇرېشىد سابىت ئاكىنىڭ 71ياشقا كىرگەن مەۋلۇد كۈنىنى خاتىرلەش،ئۇستازنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ۋە شانلىق ھاياتىنى ئەسلەش يۈزىسىدىن 2014-يىلى 22-ئىيۇن ‹‹كىرۇران››ژۇرنىلىنىڭ باش  بولۇپ يېتەكلىشى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى قەلەمكەشلەر،ئۇستازنىڭ پەرزەنتلىرى،ئۇرۇق-تۇققانلىرى،جەمىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى يۈزدىن كۆپرەك كىشى كورلا شەھىرى ئالتۇن بۇلاق رېستۇرانىغا يىغىلىپ ‹‹ئەدىب ئابدۇرىشىد سابىت ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ››ئۆتكۈزدى.

7.jpg

   پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،‹‹كىرۇران››ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى،شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرۇران بۈگۈنكى يىغىننىڭ باشلىنىش سۆزىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى.كەينىدىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرۇران  ئابدۇرىشىد سابىتقا ئاتاپ يازغان ‹‹ھۆرمەت كۈيى،ئالقىشلارغا بولدى ئەل شاھىد››غەزىلىنى ھەمدە ئابدۇرىشىد سابىتنىڭ  قىسقىچە تەرجىمىھالىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
14.jpg



جان كۆيدۈرگۈچى قەلەم ئۈچۈن ئابدۇرىشىد سابىت
ھۆرمەت كۈيى،ئالقىشلارغا بولدى ئەل شاھىد

ئۆمەر مۇھەمتئىمىن كىرۇران


  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،جاپاكەش قەلەمكەشلەر،ھەممىڭلارنىڭ گۈزەل يەكشەنبىسى قۇتلۇق بولغاي!!(چاۋاك)


چوققىنى دەسسەر پۇتۇڭ ماڭغان يولۇڭدىن يانمىساڭ،
يىلتىزىڭدىن ئۆكسىمەس سۇ،غول،شېخڭدىن تانمىساڭ.

سەن بېشىڭچە شۇڭغىساڭ،باسقاي خۇمارىڭنى نىشان،
شان-زەپەر قۇتلار ۋۇجۇدىڭنى،قاتاردىن چانمىساڭ.

پۇت-قولۇڭ كاللاڭغا ماسلاسشا،قولۇڭدا لىقلا گۈل،
كەلمىگەي سۇ،تاغ تامان گۈرجەك تۇتۇپ ئاتلانمىساڭ.

ئۆتتى نى‹‹مەن!مەن!››دېگەنلەر،قالمىدى باغ،قالدى داغ،
ئەل قاراپ قويماس،چاپاننى ئەل ئۈچۈن بىر سالمىساڭ.

پۈتتى تارىخ كىم بارالايدۇ كېلەچەككە ئامان،
نە يارالغاي قىممىتىڭ،تۆھپەڭ بىلەن قۇتلانمىساڭ.

ئەر بولامسەن،يەر بولامسەن،بەلگىلەر ئىزگۈ ئىشىڭ،
نە مۇقام ئىشىتكەي قۇلاق،سازىڭنى مۇڭلۇق چالمىساڭ.

ئەل بىلەر ئەر قەدرىنى،قەد كەرسە خىسلەت كۆڭلىدە،
ئەرمۇ سەن ئۆمرۈڭدە خەلقىڭدىن شاھادەت ئالمىساڭ؟...!


1.jpg

2.jpg
3.jpg
4.jpg
8.jpg
6.jpg
5.jpg
9.jpg
10.jpg
15.jpg


  كەينىدىن بايىنغولىن گېزىتى ئۇيغۇر مۇخبىرلار بۆلىمىنىڭ مۇدىرى،يازغۇچى پەخرىدىن موسا ‹‹ئەدىب ئابدۇرىشىت سابىتنىڭ كىتاب ئوقۇش مەدەنىيىتى ھەققىدە››دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
13.jpg


  كورلا شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى،يازغۇچى ھۆرلىقا ئابدۇرىشىد دادىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ يازغان ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
11.jpg
12.jpg

  ‹‹كىرۇران››ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ئۇستاز،ئەدىب ئابدۇرىشىد سابىتنىڭ 71يىللىق مەۋلۇد كۈنىگە  ھەمدە بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئاتاپ تون كەيدۈردى.تون كەيدۈرۈلۈپ بولۇنغاندىن كېيىن ئابدۇرىشىد سابىتنىڭ پەرزەنتلىرى،كەسىپداشلىرى،ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزى تەييارلاپ كەلگەن كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم ئەتتى.
16.jpg


17.jpg

18.jpg
19.jpg
20.jpg
27.jpg
26.jpg
25.jpg
24.jpg
23.jpg
22.jpg
21.jpg

    ئەدىب ئابدۇرىشىد سابىتقا تون ۋە سوۋغا -سالاملار تەقدىم قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن پائالىيەتنىڭ داۋامىنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئامانگۈل ئېزىز باش بولۇپ رىياسەتچىلىك قىلدى.ئامانگۈل ئېزىز سورۇنغا چىقىپ بارلىق سورۇن ئەھلىگە ئوتلۇق سالام يوللىغاندىن كېيىن ئابدۇرىشىد سابىتنىڭ  مىجەز-خۇلقى،كەسىپ جەھەتتىكى تاللاشتا بىردىنبىر ۋارىسى،دادىسىنىڭ ئىزىنى باسقان كورلا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى نىجات ئابدۇرىشىدنى خوتەن خەلق ناخشىلىرىدىن ‹‹ساراي مەشرىپى››نى ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.بىر جەمەت ئىناق ئائىلە سورۇنغا چىقىپ خوشال،قىزغىن كەيپىيات بىلەن ئۇسۇل ئوينىدى.

28.jpg

29.jpg

   بۈگۈر كەسپىي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،ئابدۇرىشىت سابىتنىڭ پەخىرلىك ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى شائىر سېتىۋالدى قادىر يېڭسارى‹‹ئۇستاز روھى››ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى.

30.jpg

    رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئامانگۈل ئېزىز ئەدىب ئابدۇرىشىد سابىتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ،ئامانگۈل ئېزىز ئۆزىنىڭ قولىدا تەربىيلەنگەن ئوقۇغۇچىسى غەيرەتجان زۇنۇننى ئابدۇرېشىد ئاكامنىڭ نەۋرە ئوقۇغۇچىسى دېگەندەك چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەر بىلەن ئىزاھلاپ غەيرەتجان زۇنۇننى بىر پەدە دۇتتار چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

31.jpg

    بۈگۈنكى يىغىلىشقا كەلگەن باشئەگىم دىيارىنىڭ زۆھرەسى،خۇشۇت ناھىيلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسۇلچىسى زۆھرە  قىز يۇقۇرى ماھارەت بىلەن سورۇن ئەھلىگە بىر پەدە ئۇسۇل ئويناپ بەردى.

32.jpg

33.jpg

   ئەدىب ئابدۇرېشىت سابىتنىڭ ئوماق نەۋرىسى دىلناۋا چوڭ دادىسىنىڭ 71ياشلىق مەۋلۇد كۈنىگە ئاتاپ ‹‹ئوتۇڭ يامان››ناملىق خەلق ناخشىسىغا ئۇسۇل ئويناپ بەردى.

35.jpg

36.jpg

   ياش تۇرۇپ ئۆزى ئىگىلىك تىكلىگەن،كورلىنىڭ ئاۋات بازارلىرىدىن بىرى بولغان بوستان سودا بازىرىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ياش قەلەمكەش ھەسەنجان ئۆزى يېزىپ تەييارلىغان ‹‹ئاتام باردۇر››دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى.
34.jpg

ئاتام باردۇر


ھەسەنجان ياسىن


بۇ كۆزۈمدىن ياشلار ئاقسا سۈرتەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر،

دەرت-ئازاپقا تولسا قەلبىم يۈتەر ئۈچۈن  ئاتام باردۇر.

ئەجەل كېلىپ كەتسەم ئەگەر ئۇ دۇنياغا بىر كۈنى،

بالام كەلسە قاشىمگە دەپ كۈتەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.


يولدا دۈشمەن توسسا ئەگەر باشلىرىمغا كۈن كېلىپ،

قەھرى بىلەن تاغنى قالغان ئېتەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.

يىقىلسام گەر قول سۇنارغا بولمىسا ھېچ بىر كىشىم،

سەبىر تىلەپ مېھىر بېرىپ يۈدەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.


بالىلىققا تال چىۋىقنى مىنگەن بولسام ئات قىلىپ،

ئازغان يولدا دۇلدۇل قىلىپ مىنەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.

كېچە-كۈندۈز غېمىمنى يەپ جان بالام دەپ ئۇھسىنىپ،

باشلىرىمدا ئۇخلىماي تۈنەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.


زىمىستاندا خازان بولسا ئۇشبۇ ھايات باغلىرىم،

بىر مەن ئۈچۈن گۈل بولۇپ ئۈنەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.

ھايات يولدا شان قۇچۇپ غەلبە قىلسام بىر كۈنى،

سەن يىغلايسەن بىلىپ قال كۈلەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.

28.jpg

42.jpg
40.jpg
46.jpg
44.jpg
45.jpg
43.jpg


  شۇنداق قىلىپ ئەدىب،پىشقەدەم مائارىپچى ئابدۇرىشىد سابىت ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.پائالىيەت ئاخىرىدا يىغىنغا كەلگەن قەلەمكەشلەر،ئابدۇرىشىد سابىت جەمەتى قاتارلىقلار سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.كورلىدا بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزغان ئۇستازنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە بولغان ھايات مۇساپىسىدىكى مۇپەسسەل بايانلار،ئۇستازنىڭ پەرزەنتلىرى،ئوقۇغۇچى-شاگىرتلىرى،دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ سوۋغىلىرى،پائالىيەتتە سۆزلىگەن يۈرەك سۆزلىرى،ئۇستازغا ئاتاپ ئورۇنلىغان نۇرمۇرلار پائالىيەتكە قاتناشقان ھەربىر كىشىنى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈردى.

   دەۋرىمىز ياشلىرى ئابدۇرىشىد سابىت ئاكىنىڭ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى ياد ئېتىش بىلەن بىرگە ھازىردىن باشلاپ ئالتۇندەك ۋاقىتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىشى، ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ  ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن يېڭى-يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.

   -مارشالنىڭ نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن خەۋىرى

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە يېزىلدى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2255
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 08:40:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىزلەرنى تونۇش-قەدىرلەش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.
ئەزىزلەرنىڭ مىننەتسىز ئەجرى بىلەن قۇرۇپ چىققان ئەشۇ گۈزەل ئائىلىسى، يېتىشتۈرگەن ئەشۇ ساپالىق شاگىرتلىرى،سەمىمى دوستلىرى ئۈچۈن بىر گۈزەل ئەسلىمە بولغۇسى.
ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا ئۆچمەس بىر بەت بولۇپ يېزىلغۇسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2989
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 731 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 09:33:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەل ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەننى ،ئەل بېشىدا كۆتىرىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82816
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3152
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 12:06:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز مارشال ،تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!
ئادەتتە يازغۇچى-شائىرلار بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشىسىز،دېمەكچى ئالاقە دائىرىڭىزنىڭ كەڭلىكىگە ھەۋىسىم كەلدى.
ئالتۇن بۇلاقنىڭ ئورنى قەيەردە؟بولسا مۇشۇ كورلاشەھىرىنى بىر تۇنۇشتۇرۇپ
ماقالە يازسىڭىز تۇلىمۇ ئوبدان بۇلاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 12:36:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم

ئا  سۆرەتلەرنى كورلا  شەھرى چوڭ بازار دەريا بۇيىدىكى ئالتۇن بولاق رېستۇرانىدا تارتىپتۇ ھە؟

2010-يىللىرى بىر دوستۇمنىڭ تويىدا شۇ رېستۇرانغا كىرگەنتۇق،كىيىنمۇ بىر نەچچە قېىم كىرگەن،كورلىدىكى ئەڭ چوڭ رېستۇرانغۇ دەيمەن.
ئا كاستىيوم بۇرۇلكا كەيگەن ھەسەنجان ياسىن دىگەن بالىنى خېلى ياخشى تۇنۇيمە مەن،لىكىن مۇنچىلىك ئىسىل شىئىر يازالايدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.ھەقىقەتەن قابىليىتى باركەن..ئۇ مىنى چۇقۇم تۇنۇيدۇ.

مۇشۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزىلىگىنىدىن تۇلۇمۇ سۈيۈندۈم،زىيالىيلارنى يوقلاش،ھەم ئۇلارنى ھايات ۋاختىدا قەدىرلەش كېرەك.بىلىملىكلەرنىڭ قەدرى بولغان  ئەلدە بىلىم-مەرىپەت يۈكسىلىدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 12:45:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىملىكلەر يىغىلغان سورۇن بوپتۇ،ئەلۋەتتە بۇنچىلىك  چوڭ كۈلەمدە مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۆتكۈزمەك ھەقىقەتەن تەس.بايىنغۇلىن تەۋەسىدىكى بىلىم سۆيەر،مەرىپەتپەرۋەز زاتلار يىغىلىپتۇ..

كورلا شەھرىدە يول ناملىرىنى خەنزۇچە دەيدىغان ئەھۋاللار ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇتكەن-مەسلەن،شىمالى تاغ يولى،سايباغ يولى،لەڭگەر يولى،يىڭىشەھەر يولى،كۆنگەي يولى،جەبۇنىي ئازاتلىق يولى،قاتارلىق كۆپۈنچە يول ناملىرىنى ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇچە ئاتىلىشى بۇيىچە دەۋىرىدىكەن،،.
سىلە ئايرىم بىر تىما ئېچىپ شۇ يوللارنىڭ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى يوللىساڭلار،بىلمىگەنلەر بىلۋالاتتى..يەنە دەريا بويىنى،تۈگمەن بېشى دەيدىكەنتۇق ئۇ يەرمۇ ئۆزگىرىپتۇ،باش ئەگىم مەھەللىسىنىمۇ خەنزۇچە ئاتايدىكەن..

ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان نۇرغۇن تەۋەرۈك زىمىنلار  ئاتىلىشى ئۆز تىلىمىزدىن تۇلۇمۇ يىراقلاپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 03:12:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Yatmix يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 12:06 PM
يارايسىز مارشال ،تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!
ئادەتت ...

ئەسسالاممۇئەلەيكۇم يەتمىش ئەپەندىم؟

ئالتۇن بولاق رېستۇرانىنىڭ ئورنى كورلا شەھرى كۆنگەي يولىنىڭ دوقمىشىدا.(چاۋياڭلۇ دەپمۇ قۇيىدىكەن)

كورلىغا كەلسىڭىز،پويىز ئىستانسىسىدىن 101-يولنىڭ ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ،چوڭ كۆۋرۈك بىكىتىدە چۈشۈپ قېلىپ جەنۇپقا 100مىتىر ماڭسىڭىز يولنىڭ  شەرىق تەرەپىدە 4قەۋەتلىك بىنانىڭ 4-قەۋىتىدە ئالتۇن بولاق رېستۇارنى دىگەن خەتنى كۆرىسىز

ئەگەر ماشىنا بىلەن كىلىپ سايۋاغ بىكەتكە چۈشسىڭىز،شۇ بىكەتنىڭ ئالدىدىن 19-يولنىڭ ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا چۈشسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئىشقىلىپ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىلا..

ئۇ رېستۇراننىڭ كۈلىمى بەك چوڭ.نەچچە مىڭ كوۋادىرات مىتىردىن ئاشامدىكىن دەيمەن..كورلىدا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق.داڭلىق،كاتتا،مەشھۇر كىشىللىرىمىزنىڭ ئايىغى تەككەن جاي ئۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35999
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4816
تۆھپە نۇمۇرى: 143
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 09:08:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتى بەرىكەتلىك، تېنى سالامەت بولغاي ...

ئىسمى نېمىلىكى نامەلۇم بىر گۈل،
ئۆزى بىلمەيدىغان يوچۇن بىر جايدا.
دېدى شائىرغا: >ئەي، دىلكەش ئامرىقىم،
بىز تۇغۇلغانمۇ ئوخشاش تۇپراقتا؟

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6721
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7028 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 09:25:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پائالىيەت شۇنداق داغدۇغۇلۇق تونۇشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمما بۇ ئۇستازنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرى تىلغا ئېلىنماپتۇ، ئۇستازغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 09:25:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرەتتىكى تونۇش سېيمالارنى كۆرۈپ بۇلتۇر ئەتىيازدا كورلىدا تۇرغان كۈنلىرىم ئېسىمگە يەتتى...


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش