مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6930|ئىنكاس: 36

«مەشرەپ» پروگىراممىسى سۆھبەت پائالىيتى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25987
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2649 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 11:37:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇر تورى مۇخبىرى خەۋىرى ، جۈمە ياقۇپ فوتوسى :

2014-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلىنىڭ كوزۇر پىروگراممىلىرىدىن بىرى بولغان مەشرەپ پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا دەل 12 يىل بولدى، بۇ 12-يىل جەريانىدا 140 ساندىن ئارتۇق مەشرەپ پىروگراممىسى خەلقىمىز بىلەن تېلىۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق يۈز كۆرۈشتى. مەشرەپ پروگراممىسى ئادىلە ئابلىز، رىياسەتچىسى ماھىرە ئابدۇغېنى قاتارلىق پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكى 15نەپەر خادىمنىڭ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاستىدا باش قاتۇرۇپ پىلانلىشى، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشى، بىرلىكتە توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ئىزچىل خەلقىمىز ياقتۇرۇپ كېلىۋاتقان، بالىلىرىمىزدىن تارتىپ ياشانغان مويسىپىتلىرىمىزغىچە ھەممە ئالقىشلايدىغان، دىققەت قىلىدىغان ھەم كۆڭۈل بۆلىدىغان پىروگراممىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىلا ئەمەس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن مەدەنىيەت مىراسىمىز مەشرەپ مەلۇم مەنىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىغا شاھىت بولالايدۇ.
مەشرەپ ئۇنىۋېرسال ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى. ئۇيغۇر تىلىدا «مەشرەپ» سۆزى «يىغىلىش»، «سورۇن» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. مەشرەپ-ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، ئەدەبىيات، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ-ئادەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق بىر مۇنچە سەنئەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغام روھىيىتىگە، مىللىي پىسخىكىسىغا چوڭقۇر سىڭگەن، ئۇ كىشلەرنى ھەققانىيەتكە، پاك ۋە ئادىل بولۇشقا، ساپ مۇھەببەتكە، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتكە، گۈزەل تۇرمۇش مۇھىتى يارىتشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلگەن.
   شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسى ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئىزدىنىش روھىغا باي ئىشچى -خىزمەتچىلەر يۇقىرىقىدەك نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ ئەۋلادلارغا ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسى، گۈزەللىك تەربىيىسى، ئىلىم بېرىش، ياشلىرىمىزنى توغرا تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەپ، ئۆز - ئۆزىنى تونۇش تەربىيىسى ئىلىپ بېرىش مەقسىتىدە 12 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى  تېلېۋىزىيە سەنئىتى شەكلىدە ئىشلەپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى شەھرىمىزنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقىغا  (نەنمىن) جايلاشقان ئاق قوۋۇق رېستۇرانىدا «مەشرەپ»پروگراممىسىنىڭ 12 ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرلەش بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرساھە –ھەر كەسىپدىكى پىشقەدەم زاتلار، ئەدىب-ياغۇچىلار، پروفېسسورلارنى يىغىپ ئۇلاردىن «مەشرەپ »پروگراممىسىنىڭ ئىشلىنىشى، ئىشلىنىش جەريانىدا كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەر ۋە بۇندىن كېيىن تەرەققىياتىغا ئائىت تەكلىپ –پىكىرلەرنى ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت جەريانىدا پىشقەدەم ئەدىب –يازغۇچىلىرىمىز ، پىراففىسۇر ،دۇكتۇرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ  «مەشرەپ »پروگراممىسىغا بولغان قىممەتلىك پىكىر –بايانلىرىنى ئۇتتۇرغا قۇيدى .

«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىر، شائىر ياسىن زىلال پىكىر بايان قىلىپ («مەشرەپ »پروگراممىسى تېلۋىزىيە ئىكرانى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ سەنئىتىنى، خەلقىمىز ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل خەلقىمىز بىلەن خەلققە تونۇشتۇردى. مەن «مەشرەپ »پروگراممىسىدىكى خادىملارنىڭ تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ «مەشرەپ »پروگراممىسىنى يەر شارى بويلاپ پۇتكۈل ئىنسانىيەت ئوينايدىغان پەللىگە يەتكۈزۈشىگە تىلەكداشمەن دېدى.

كومپىزىتۇر ،«مەشرەپ »پروگراممىسىنىڭ ناخشىسىنى ئورۇندىغان تالانتلىق ناخشىچى ئابلەت ئابلىكىم («مەشرەپ »پروگراممىسىنى پۈتكۈل دۇنيا كۆرىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇنداق بىر كوزۇر، نادىر پروگراممىنىڭ باشلىنىش ناخشىسىنى ئورۇندىغىنىمدىن تولىمۇ خۇشال، لېكىن ئەينى مەزگىلدە قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ناخشىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزەلمىگەنلىكىمدىن ئۆكىنىمەن. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە «مەشرەپ »ناخشىسىنىڭ تېكىستىنى يازغان شائىر مەرھۇم مۇھەممەت ئېلى زونۇن تەشنائى ئاكىمىزنى سېغىنىمەن ھەم ئەسلەيمەن. مۇشۇ قۇتلۇق دەقىقىلەردە شۇ ئاكىمىز بولغان بولسا ھەممىمىز بىرلىكتە ھۆرمەت تونىنى ئۇچىسىغا ئارتقان بولساق نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى. ئەپسۇس بىز ھازىر پەقەت سېغىنىش ۋە ئەسلەش ئىچىدە مەرھۇم مۇھەممەت ئېلى زۇنۇن تەشنائى ئاكىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىز ۋە قايىللىقىمىزنى بىلدۈرەلەيمىز خالاس) دېدى.

پائالىيەت جەريانىدا تونۇلغان ياش ناخشىچى مۆئمىنجان ئابلىكىم «بىلىپ قويغىن ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق»دېگەن ناخشىسى بىلەن سورۇن كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى. پېىشقەدەملىرىمىز بولسا ناخشىغا جۆر بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.

شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇشقا مەسئۇل سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، نوپۇزلۇق مائارىپچى تۇردى مۇئەللىم (12 ياشقا كىرگەن بالىنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بولغىنىدەك يەنە نۇرغۇنلىغان يېتەرسىزلىكىمۇ بولىدۇ، بالا 18 ياشقا يەتكەندە ئاندىن بالاغەتكە يېتىدۇ، ئەقلى توشىدۇ. «مەشرەپ »پروگراممىسى بۇيىل 12 ياشقا كىرىپتۇ 18 ياشقىچە كىرگىچە بولغان 6 يىل جەريانىدا تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، سەرخىللارنىڭ سەرخىلىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن چەتئەل سەپىرىم جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىم ۋە بەك تەسىرلەندىم. چۈنكى چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارمۇ « مەشرەپ » پروگراممىسىنى كۆرىدىكەن. چەتئەلدىكى بەزى جايلارنىڭ ۋاقىت پەرقى بىز بىلەن بەش ئالتە سائەت ئەتىراپىدا پەرىقلىنىدىغان بولغاچقا ئۇلار يېرىم كېچە بولسىمۇ «مەشرەپ » پروگراممىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇخلىمايدىكەن. ھەتتا شۇ يۇرتلاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئانا تىلنى ئۇقمايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىمىز «مەشرەپ » پروگراممىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىۋېتىپتۇ. مەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى «مەشرەپ » پروگراممىسى چەتئەللەردىكى قەلبىدە يۇرت سۆيگۈسى لاۋىلداۋاتقان مۇساپىر خەلقىمىزنىڭ ئاتەش بولۇپ يېنىۋاتقان قەلبىگە ئازراق بولسىمۇ مەلھەم بولۇپ كېلىۋاتىدۇ) دېدى.

پائالىيەت جەريانىدا «مەشرەپ » پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ماھىرە ئابدۇغېنى بۈگۈنكى پائالىيەتنى تەشكىللەشكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن ئاققوۋۇق رېستۇرانى، پەرغانە تاتلىقلىرى، شىنجاڭ دەريا شىركىتى، شىنجاڭ جانان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئەلئېھرام خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ پەخرى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەت كارخانىلارغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى .

بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئالاھىدە ئىشتىراك قىلغان شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتۇتى مۇقام كەسپىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ئامېرىكىلىق ئىلىس ئەندىرسىن (ئۇيغۇرچە ئىسىمى نازاكەت ) پائالىيەتنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ھالدا : « مەن ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن شۇڭلاشقا ئامېرىكىدىن ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئۆگەنگىلى كەلگەن. مەن ھەم ئۇيغۇر سەنئەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن. مەن تەتقىقات جەريانىدا ئۇيغۇر تارىخىغىمۇ ئىنتايىن قىزىقىپ  قالدىم، شۇ تارىخنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت، گۈزەللىك تۇيغۇلىرى زىچ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇر مەشرەپلىرىگە قىزىقىپ قالدىم. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرى ئۇنتۇلۇش ۋە يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە «مەشرەپ»نىڭ سەھنىلەشتۈرۈلۈپ ئېكران ئارقىلىق خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىشى تولىمۇ رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ. مەن بۈگۈن تولىمۇ تەسىرلەندىم» دېدى.

ھەممىمىزگە ئايان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىمىز كۈندىن - كۈنگە سۇسلىشىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلىدىكى جاپاكەش، مېھنەتكەشلەر 2002- يىلىدىن باشلاپ تېلېۋىزىيە ئېكرانى ئارقىلىق بۇرۇنلاردا باغلاردا، ھويلىلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان قەدىمى مىراسلىرىمىزدىن بىرى بولغان مەشرەپلىرىمىزنى خەلقىمىز بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئەنئەنە ۋە خاسلىققا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان مەشرەپ پروگىراممىسى خەلق تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان ، تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان، مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان پروگراممىغا ئايلاندى.
كونىلار تولىمۇ توغرا ئېيتقانىكەن، «بالاڭنى مەكتەپكە بەر ،بولمىسا مەشرەپكە » دەپ ، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز «مەشرەپ » پروگراممىسىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئەجداتلىرىنىڭ قالدۇرغان ئىزنالىرى ۋە ھېكمەتلىرىنى كۆرۈپ تەربىيە ئالىدۇ، «مەشرەپ » پروگراممىسىدا بېرىلگەن يۇقىرى سەۋىيە ۋە كۈچلۈك تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يامان خاھىشلار سۆكۈپ تاشلىنىپ ئاممىغا توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىلىۋاتىدۇ .

مانا شۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زۇر بولغان «مەشرەپ » پروگراممىسىنى تېخىمۇ زۇر تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئەجداتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزۈش يالغۇز  «مەشرەپ » پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكى 15 نەپەر مېھنەتكەشلەرنىڭلا ۋەزىپىسى بولۇپ قالماستىن، يۇرت، خەلقى ئۈچۈن قەلبى ئاتەش بولۇپ يانىدىغان بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زىممىسىگە ئارتىلغان مۇقەددەس بۇرچ. شۇڭلاشقا ھەممەيلەننىڭ بىرلىكتە ھەركەتكە كېلىپ «مەشرەپ » پروگراممىسىنىڭ تېخمۇ سەرخىللىشىشى ۋە نادىرلىشىشى ئۈچۈن تەڭ ھەسسە قوشىشىغا تىلەكداشمىز.

پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم رەسىملەر :

AH2A5229.jpg



AH2A5230.jpg


AH2A5234.jpg


AH2A5236.jpg


AH2A5239.jpg


AH2A5240.jpg


AH2A5243.jpg


AH2A5245.jpg


AH2A5247.jpg


AH2A5248.jpg


AH2A5250.jpg


AH2A5252.jpg


AH2A5263.jpg


AH2A5266.jpg


AH2A5269.jpg


AH2A5274.jpg


AH2A5297.jpg


AH2A5301.jpg


AH2A5303.jpg


AH2A5308.jpg


AH2A5312.jpg


AH2A5316.jpg


AH2A5325.jpg


IMG_0010.jpg


IMG_0013.jpg


IMG_0038.jpg


IMG_9830.jpg


IMG_9857.jpg


IMG_9870.jpg


IMG_9900.jpg


IMG_9908.jpg


IMG_9909.jpg


IMG_9929.jpg


IMG_9932.jpg


IMG_9963.jpg


IMG_9966.jpg


IMG_9982.jpg



AH2A5296.jpg


IMG_0016.jpg


IMG_0045.jpg


IMG_0048.jpg


IMG_0049.jpg


IMG_0053.jpg


IMG_0054.jpg


IMG_0066.jpg


IMG_0068.jpg


IMG_0072.jpg


IMG_0075.jpg

IMG_0093.jpg


IMG_0097.jpg


IMG_9865.jpg


IMG_9867.jpg


IMG_9889.jpg


IMG_9892.jpg


IMG_9899.jpg


IMG_9902.jpg


IMG_9903.jpg


IMG_9905.jpg


IMG_9906.jpg


IMG_9935.jpg


IMG_9944.jpg


IMG_9953.jpg


IMG_9955.jpg


IMG_9956.jpg


IMG_9958.jpg


IMG_9959.jpg


IMG_9965.jpg


IMG_9968.jpg


IMG_9974.jpg


IMG_9976.jpg


IMG_9986.jpg


IMG_9999.jpg



مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 12:02:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆرمىگىلى خېلى بولغان بىر قىسىم ناخشىچى،ئارتىسلارنى كۆردۈم دىسە..

ئەكبەر قەھرىمانمۇ باركەن،سەل جۈدەپتۇ،ئۇنىڭغىمۇ قېرىلىق يىتىپ پىشقەدەم،مويسىپىت ماقامىغا يىتىپتۇ.

2000-يىللاردا ئىشلەنگەن موزلىغان يۈرەك فىلىمىدە دىلبەرنىڭ رولىنى ئالغان،قىزمۇ باركەن،،ئىسمى نىمىتتى ئۇ خۇمار كۆزنىڭ ھى ھى ھى ھى ھى ،چىرايىنى تەستە تۇنۇدۇم.ئۇمۇ ئوتتۇرا ياشلارغا بېرىپتۇ،ئۇنىڭ يەنىلا بۇرۇنقى خۇمار كۆزى ئۆزگەرمەپتۇ.

ئىجتاھاتلىق پىشقەدەم يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردىمۇ قاتنىشىپتۇ..قارىسام خېلى روھى كۆتۈرەڭگۈ.

ئەسلى بۇ سورۇنغا مۇقام ۋە خەلق ناخشىللىرى،ۋە مەشرەپلەردە تۇنۇشلۇق بولغان،ئوسمان ئەمەت،دىلشات رايىدىن،پاشا ئىشان،تۇرسۇن دېھقان،رابىيە مۇھەممەتقۇ رەھمەتلىك بوپ كەتتى راس(يۇم-يۇم يىغلىغان چىراي ئىپادىسى) ئادىل مىجىت قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان بولسا ياخشى بولاتتىكەنتۇق،ياكى ئۇلار قاتناشسىمۇ مەن كۆرمەي قالدىممۇ؟


سەمىمىي تەكلىپ-50لەردىن ئاشقان بەزى مويسىپىت مۇمىللىرىمىزمۇ،يا بېشىدا ياغلىق يوق،چاچلىرىنى ئالا-بۇلا بۇياپ،تار يوپكىلارنى كىيىپ ئولتۇرۇشۇپ كىتىپتۇ،مىللىيچە كىيىم بىلەنمۇ مودا بولغىلى بولىدىغۇ؟ھېش بولمىسا ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى كىيۋالسىمۇ بولاتتىغۇ؟كۆزۈمگە خۇددى بىر توپ جىن-شاياتۇندەك كۆرۈندى،،

مىنى تور موللىسىمىكىن دەپ قالماڭلار مەن ئەمدىلا 25ياشتىن ئاشقان ئىلىم سۈيەر يىگىتمەن.

مىسرانىم ئەپەندىمگە كۆپ تەشەككۈر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hujayin1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-22 03:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107710
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2014-6-14
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 12:06:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى ۋاقىتتا مەشرەپ پىروگراممىسى يىڭى باشلانغان ۋاقىتتا رىياسەتچى «دىلبەر ھوشيار» ھەدىمىزنىڭمۇ بۇ پىروگراممىغا كۆپ ئەجرى كەتكەن . ئەجەپ بۇنى تىلغا ئېلىپمۇ قويماپتۇ دىسە ، بۇ پىروگراممىنىڭ ھازىرقىدەك نەتىجىلىرىنى شۇلارنىڭمۇ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100827
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2013-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 12:12:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hujayin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-22 12:02 PM
ئۇف خۇداغا مىڭ مەرتىۋە شۈكىرى بۈگۈن بولسىمۇ مىسرانىمد ...

تور موللىسىچاقچاق ھە.دىلبەر رولىنى ئالغان قىزنى بىر كۆرۈپلا تونۇدۇمغۇ،سىز نىمانچە تەستە تونىغانسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6063
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 805 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 12:12:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەشرەپ پىرۇگىراممىسى ئىشلىنۋاتقىلى 10 نەچچە يىل بولدى بىر پىرگىراممىىنى مۇشۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەش ھەقىقەتەنمۇ تەس . مەشرەپ پىرۇگىراممىسىدىكى خادىملارغا كۆپ رەخمەت.  ئەمدى مەشرەپ پىرۇگىراممىسنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىستىقبالىغا قارىتا مەن مۇنداق قارايمەن. بۇ پىرۇگىراممىنى قوللىغان ئۆتكۈزگەن ئورۇنلارنى بۇ پىرۇگىراممىدا تۇنۇشتۇرۇش تەشۋىق قىلىش ئىلانىنى قويۇش تازا يىتەرلىك ئەمەس شۇ سەۋەبتىن گۈلچاينى ئۆتكۈزىۋالىدىغان ئورۇنلار تازا قىزغىن بولمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . ئاندىن مەشرەپتىكى نۇمۇرلاردا يىڭىلىق كەمچىل مۇشۇ تەرەپلەر ئۆزگەرسە مەشرەپ پىرۇگىراممىسى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hujayin1 + 10 ئوغامبالا ئەكەك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 12:22:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىلا ئەمەس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن مەدەنىيەت مىراسىمىز مەشرەپ مەلۇم مەنىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىغا شاھىت بولالايدۇ.…


مەشرەپ پىروگراممىسىنى ئۇيۇشتۇرغان ، ئالدى ئارقا سەپتىكىلەر جاپا چەكتى ، ئىشقىلىپ ناۋاغا قارىغاندا ياخشىراق بۇ پىروگرامما  
ھەي ئاشۇ قېرىغىنىنى سەزمەيدىغان ئاياللارنىزە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شرئەلى118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-22 12:27 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hujayin1 + 10 ئوغۇل،ئوغۇل

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1057 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 12:50:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كىتاپ بىر ئالەم پىروگىراممىسىنى 12 يىلنىڭ يىرىمىغىچە بولسىمۇ داۋاملاشتۇرالىغان بولسىچۇ...
سەنئەت پىروگىراممىلىرنى كۆرسىتىۋىرىپ كەڭ كىتاپخۇمارلارغا زەربە بەردى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6063
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 805 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 12:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شرئەلى118 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-22 12:22 PM
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدە ...

ئەمدىزە قىرىدۇق دەپ ........بىردىن قولىغا ھاسا تۇتۇپ........مۈكچىيىپ چىقسا بولامتى ...قارىڭا ئۇلارغا قىرىسىمۇ چىرايىدىن ئىرادە ...بىلەن ..غايە چاقناپ تۇرۇپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60648
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3386
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 01:38:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مەشرەپ»نى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگۈچى نىجات نىياز غوجا.
تۇنجى بولۇپ «مەشرەپ»نى قوللاپ قولىغا ئالغان ھەم ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان رادىل ئابلا.
«مەشرەپ»نىڭ ئەڭ دەسلەپكى قابىل رىياسەتچىسى-دىلبەر ھوشيار.
«مەشرەپ»نى ھەممىدىن بەك جانلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان مىرشاپ-ئابدۇكېرىم ئابلىمىت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 01:50:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahatmakan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-22 12:50 PM
ئەمدىزە قىرىدۇق دەپ ........بىردىن قولىغا ھاسا تۇتۇپ........ ...

ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش