ئاتا-ئانا ئەجرىگە
يۈدەر بىر ئۆمۇر بالا غېمىنى،
قىلچە ئايىماي تەندە بارىنى،
ياشلىق بىغېغا قىرۇ چۈشسىمۇ،
قايغۇ تۇمانى باسماس چېھرىنى.
يىمەي يىدۈرۈپ،كەيمەي كەيدۈرۈپ،
بىراۋ ئالدىدا قويماس چاندۇرۇپ،
ئىشلەپ ھارسىمۇ تاتلىق كۈلكىسى،
ئۆزنى شەيتانغا قويماس ئالدۇرۇپ.
ئاقار سۈيمىزدە ئۇرلۇپ تاشلارغا،
قىلماي ھىچ پىسەنت ئاققان ياشلارغا،
بۇنداق مۇھەببەت خاستۇر پەقەتلا،
ئاتا-ئانىدەك ئۇلۇغ زاتلارغا.
بولساق بارماقچى ،يېتىپ قەدرىگە،
ئاتا-ئانىنى يۈدۈپ ھەرەمگە،
ھىكمەت قالدۇرغان بىزگە دانالار:
يەتمەس بىركېچە باققان ئەجرىگە.
شۇڭا ئۇلارنىڭ تۆككەن تەرىگە،
ياغسۇن تەشەككۈر ھەردەم قەلبىگە.
يالغۇز قالدۇرماي، ھەسرەت چەكتۈرمەي،
ئىرىشتۈرەيلى جەننەت ماكانگە.
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈلمۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-21 05:01 PM