 |
 |
 |
 |
ئانا ھەققىدە رىۋايەت
پاك ئەجرىدىن ئانىنىڭ، گۇمانلانما نىھايەت. قۇلاق سالغىن سۆزۇمگە، ئىيتىپ بىرەي رىۋايەت.
بۇرۇن،بۇرۇن،بۇرۇندا، يىراق ئۆتمۇش زاماندا. بىر جۈپ قاياش ئۆتەركەن، چىكىپ ھىجران پىراقتا.
بولمىغاچقا پەرزەنتى، ئىچىشاركەن يۈرىگى. قىينايدىكەن ھەمىشە، يالغۇزلۇقنىڭ ئازابى.
ئۇلار دىلدىن ئۆتۈنۈپ، تەڭرىگە ھەم يۈكۈنۈپ. پەرزەنىت دەپ ھەر كۈنى، يىغلايدىكەن تۆكۈلۈپ.
يىتىپ نىدا تەڭرىگە، رەھمى كەپتۇ بەندىگە. ئاتا قىپتۇ پەرزەنىت، ئاتا-ئانا ئەجرىگە.
يىتىپ جۈپلەرتىلەككە، ياش تۆكۈپتۇ مەڭزىگە. خوشخەۋەرنى قالدۇرماي، بايان قىپتۇ ھەممىگە.
ئانا –ئانا كۈلەركەن، قۇتلۇق كۈننى كۈتەركەن. ھەر دەقىقىقە تەڭرىدىن، ئىنساۋىنى تىلەركەن.
توشاپ ئۇلار كۈتكەن كۇن، شۇ توققۇز ئاي توققۇز كۈن. ھاياجاندا ئاتىمۇ، دەپتۇ:كەلدى قۇتلۇق كۈن.
ئاچچىق تولغاق تۇتۇپتۇ، ئانا چىداپ كۈتۈپتۇ. ئازابىدە تولغۇنۇپ، قارا تەرگە چۈمۈپتۇ.
ئازاپ تولۇپ قەلبىگە، ئاتا دەپتۇ تەڭرىگە: رەھىم ئەيلە ھەم داۋا، ئايالىمنىڭ نالىگە.
تۆكۈپ دەريا مۇنچاق ياش، تەڭرىگە ئەر قويدى باش. ئانا-بالا ھاياتى، قالغاچ كىرپىك بىلەن قاش.
تەڭرى ئىلىپ ئىلكىگە، دەپتۇ دەرھال بالىگە: قىينىمىغىن ئاناڭنى، چىققىن كەڭرى ئالەمگە.
چۇپتۇ بالائەرزىگە، يىغلاپ يىلنىپ تەڭرىگە: چىدىمايمەن دۇنيانىڭ، تۇرلۇك-تۈمەن قەھرىگە.
يىتىپ تۇرۇپ قۇساقتا، ھىس قىلدىم ياش چاناقتا. بۇ ئالەمنىڭ قىسمىتى، پۇتۇلگەنكەن ئازاپتا.
ياخشى-يامان ئىكەن جۈپ، قۇلاقلىرىم ئاڭلار خوپ. ئەجەپ تەڭسىز ئالەمكەن، راھىتىدىن جەۋرى كۆپ.
ماڭالمىسام يولۇمنى، قىلالمىسام گىپىمنى. بىر ئەتلىمە گۆش تۇرسام، قانداق قوغداي ئۆزۈمنى.
نىنىم نەدە،سۇ نەدە؟ ماڭا كۈلەر كۈن نەدە؟ جۇت-شىۋىرغان،يامغۇردا، قانات ياپار كىم تەندە؟
ئەنسىرمىگىن بالام دەپ، تەڭرى بەزلەپ،پەپىلەپ. ئەڭ ئاقكۆڭۈل پەرىشتە، ئىبەرتىمەن ساڭا دەپ.
ئۇ بولسىلا غىمىڭ يوق، كۆڭلۈڭ تۇرار دائىم توق. باغرى ئاتەش،باھاردەك، تەگمەس ساڭا ھەرگىز ئوق.
نۇر تامىدۇ چېھرىدىن، ئوت يانىدۇ يۇركىدىن. ئابىزەم-زەم تۆكۈلەر، سەن ئۈچۈن جۈپ كۆكسىدىن.
ئۇ باغرىدا ئەللەيلەپ، كۆز قارچۇغدەك قەدىرلەپ. باقار كېچىپ ئۇيقۇدىن، كىرپىك قاقماي كېچىلەپ.
بىرىپ مېھرى ئەزىزلەپ، ھارماي-تالماي تەتىلەپ. ئەجىر قىلىپ چوڭ قىلۇر، ھەر قەدەمدە قۇت تىلەپ.
ئۇنتۇپ گويا ئۆزىنى، گۈلدەك ئالتۇن چىغىنى. پەرزەنتىگە بىر ئۆمۈر، تەقدىم قىلار بارىنى.
شۇڭا بالام ئەنسىرمە، گەپلىرىمنى گول دىمە. مەن ياراتتىم بارچىنى، ئىككىلەنمە،غەم يىمە.
-مېھرى بۇلاق چولدىكى، ئاي نۇرىكەن تۈندىكى. ئىسمى نىمە دەپ بەرگىن، تەڭرى ئاتا ئۇنىڭكى؟
-كۇتەر سىنى ھەلەكتە، سۆيەر ھەر بىرنەپەستە. ياقار ھەردەم باغرىغا، ئۇلۇغ ئارزۇ ھەۋەستە.
كۇپايىدۇر ئاتىساڭ، «ئانا»دەپلا چاقىرساڭ. قەلبىڭدىكى تىۋىشنى، بىلەلەيدۇ قارىساڭ.
بالا كۆڭلى تىنىپتۇ، چىقماق بولۇپ مىڭىپتۇ. دەل پەيتى كەلگەندە، تىرەجەپتۇ،يىنىپتۇ.
دەرگۇماندا تۇرغاندا، ياش كۆزىگە تولغاندا. قاتتىق چاقماق چىقىپتۇ، بىشى بەكمۇ قاتقاندا.
قايرىپ شەپقەت پەردىسنى، تەڭرى تەڭلەپ ھاسسىنى. دەرھال گەپكە كىرمىگەچ، ئۇردى قاتتىق كاسسىنى.
ئاغرىق تولغاچ كۆزىگە. كەپتۇ بالا غەيرەتكە. چىداپ مۈشكۈل سەپەردە، چۈپتۇ يەرنىڭ يۈزىگە.
بالا قورقۇپ تۈگۈلۈپ، ئىزدەپ ئانا يۇلقۇنۇپ. «ئىڭە...»دەپتۇ،يىغلاپتۇ، ھەر تەرەپكە تەلمۇرۈپ.
مېھىر بىرىپ بالىغا، باسقاچ ئانا باغرىغا. قىيداپ ئاغرىق ئەلەمدە، سەپەر قىپتۇ قەبرىغا.
بۇلدۇقلىغان ئاپپاق سۇت، ئاقتى تەندە زەپمۇ قۇت. بالا كۆڭلى سۆيۈنۈپ، يۈزلىرىدەياندى ئوت.
ئانا بولغاچ دۇنيادا، بالا چەكمەس رىيازەت. ئانا تۆككەن مېھىردىن، قۇياش خىجىل كارامەت.
ئانا ئۇلۇغ،زەپەردەس، تۆھپىسىدۇر مۇقەددەس. كەلسە ئانا يىراقتىن، شاھمۇ دەرھال تۇرار دەس.
مەنبە:ئىجادىيتىم (چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-15 12:48 AM
|
 |
 |
 |
 |
|