يېقىندا مىسرانىم باياۋانىدا مەشرەپ بولىدىكەن دەپ ئاڭلاپ كىيىمىمنى مايماق كىيىپ،ساقال بۇرۇتنى مايماق ئېلىپ، مايماق ئىشىگىمنى مايماق مىنىپ،ئۇنىڭغا مايماق ھارۋامنى قېتىپ،ھارۋىكەش ناخشىسىنى مايماق ئېيتىپ يولغا راۋان بولدۇم.يولدا مايماق ئىشىگىم ھاڭراپ، مادا ئىشەكلەرنى ئالداپ، چىرايلىق ئىشەكلەر ئېشىۋېلىپ ،سەتلىرى قېشىغا كىلىۋېلىپ سەپەردە ئانچە زېرىكمەيلا مەشرەپ سورۇنىغا كىلىۋالدىم.ئىشىگىمنى ئېشەكلەر سەھىپىسىگە باغلاپ،مادا ئىشەكلەرگە قاراپ ھاڭراپ مەشرەپكە تەسىر يەتكۈزمە دەپ قاتتىق تەربىيە قىلىپ،شۇنداق قىلماسلىققا ئۇنىڭدىن قەسەم ئېلىپ،مايماق دەسسەپ سورۇنغا كىرىپ كەلدىم.
قارىسام بىكەت باشلىقىنى بارلىق ئەزالار ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ، ئاستىغا ئىككى قات كۆپە سېلىپ،ھۆرمىتىگە ناغرا سۇناي چېلىپ ئۇنى يىگىت بېشى قىلىپ سايلاپتۇ.باشقۇرغۇچىلارتوقماق كالتەك كۆتۈرۈپ ،بىلمىگەنلەرگە مەشرەپ تەرتىپىنى ئۆگىتىپ، تەرتىپنى ساقلاپ ، ھەقىقەتنى ياقلاپ تۇرۇپتۇ. ئىسكەتىمدىن خىجىل بولۇپ، مايماق گەدىنىمنى مايماق تىرنىقىمدا قاشلاپ، سالام قىلىشنى تاشلاپ، ئىچىگە كىرىپ، بىر بۇلۇڭنى تېپىپ ئولتۇرۇشۇپتىمەن.ئەمدى ئولتۇرۇشۇمغا قايسى بىر باشقۇرغۇچى شۇنداق دەپ توۋلىدى..
-دات!يىگىت بېشى!
يىگىت بېشى ئۇنىڭغا قاراپ بۇرۇتىنى تالاپ شۇنداق دىدى!
-تېخى مەشرەپ باشلانماي،مىرشاپ تېخى سايلانماي،نىمە دات؟
-ئاباي بىرى ئوتتۇز-يىگىت توققۇز قىزنى كۆزگە ئىلماي،ئۇيغۇر تۇرۇپ جامائەتكە سالام قىلماي،يەنە تېخى ئويۇن چىقىرىپ نازىركومغا دەسسەپ، جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆزىنى بىر بۇلۇڭغا ئەپلەپ جىم ئولتۇرۇۋالدى!
-مۇنداق قائىدىسىزلارمۇ بارمىكەن تېخى ؟ دەرھال يۈزىگە سۇ چېچىپ ،ئاندىن تۇنۇر قىلىپ بەدىنىدە نان يېقىپ،ئاندىن پىشانىسىگە قائىدىسىز دەپ يېزىپ،ئاندىن ئىشەك قىلىپ ھارۋىغا قېتىپ ،مىسرانىمدىكى ئەڭ سېمىز قىزدىن بەشنى تاللاپ ھارۋىغا چىقىرىپ مەشرەپ سورۇنىنى بەش ئايلاندۇرغاي!!!
مەن جازادىن قورقۇپ، ئىچىمدە مىڭ باھانە توقۇپ، بىلىدىغان ئايەتلىرىمنى ئوقۇپ، ئۇلارنى تاپاممىسىكەن دەپ شۇنچە دۇئا قىلساممۇ ئۈنۈمى بولماي سورۇننىڭ ئوتتۇرىغا سۆرەپ كىلىندىم ۋە شۇنداق نالە قىلدىم !
مايماق ئۆيدە جىم ياتماي بالاغا قالدىم ئاخىرى،
سالام قىلىشنى ئۇنتىغاچ جازاغا قالدىم ئاخىرى.
گۇناھىمنى تونۇدۇم،يىگىت بېشى كەچۈرگەي،
گۇناھكارلار دەپتىرىدىن ،ئىسىمىمنى ئۆچۈرگەي.
ماڭا خۇدانىڭ رەھمىتى كىلىپ ،نالىلىرىم بىر باشقۇرغۇچىنىڭ باغرىنى تىلىپ،يىگىت بېشىنىڭ قۇلاق تۈۋىگە كىلىپ،ھۆرمەتلىك يىگىت بېشى بۇ گۇناھكارنىڭ پۇت قولى مايماق،كۆزلىرى چاپاق، بۇرنى پاناق ،ئىدىيىسى قالاق تۇرىدۇ...جازا كۆتۈرەلمىگىدەك شۇڭا ئۇ پۈتكۈل خالايىقنىڭ سالىمىنى تولۇقلىسا ،ئۇنى كەچۈرۈم قىلساق دەپ پىچىرلىدى. يىگىت بېشى بۇگەپلەرنى توغرا كۆرۈپ :
-گۇناھكارنىڭ تېنى ئاجىز،يېراق يولدىن كەلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ تەن جازاسى كەچۈرۈم قىلىنسۇن، ئەمما باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە سالام سائەت قائىدىلىرىنى قوشاق بىلەن تولۇق بىجا كەلتۈرگەي.قوشىقى كۆپچىلىككە يارىمىسا تەن جازاسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەي!بۇنىڭغا ئەڭ ئەكتىپ تېمىلارغا تەلىپى ئەڭ قاتتىق باشقۇرغۇچى مەسئۇل بولغاي~~~~~
-قېنى ئاۋۋال سالامنى بىجا كەلتۈر،مەشرەپ ئەھلى سالامىڭنى ئىلىك ئالسا كىيىنكى قائىدىلەرنى بىجا كەلتۈرىسەن دىدى،- باشقۇرغۇچى.
مەن جازادىن قۇتۇلغانغا خوش بولۇپ ،يەنە جازاغا قېلىشتىن قورقۇپ،مىسرا يىپىدىن قوشاق رەختلىرىنى توقۇپ شۇنداق جاۋاپ بەردىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوتتۇز ئوغۇل توققۇز قىز،
كىچىككەن سالامىمنى، چوقۇم ئىلىك ئالغايسىز.
گەر بولمىدى دىسىڭىز،تەن جازاغا قويغايسىز،
شۇ جازادا جان بەرسەم،ئۇۋالىمغا قالغايسىز.
پۈتكۈل مەشرەپ ئەھلىدىن ‹‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام›› دەپ جاۋاپ كەلدى.
-ئەمدى،مەشرەپ ئەھلىگە تىلەك تىلە،-دىدى باشقۇرغۇچى.مەن شۇنداق قوشاق قاتتىم.
ئەركەكلەر ساغلام بولغاي ،گويا رامبۇ، خىمەندەك.
بوشاڭ بولماي شاش بولغاي، گويا‹‹يىگەن-ئىچكەندەك››.
قىز-چوكان گۈزەل تۇرغاي، قىزىل گۈلدەك ،چىمەندەك.
مۇلايىملىق يار بولغاي، مەجنۇنتالدەك، لىۋەندەك.
ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولغاي،شىلانكىدەك لەغمەندەك،
پۇل مېلىڭلار كۆپ بولغاي،ۋارىقى كۆپ دەپتەردەك.
بىلىمنىڭ چوققىسىغا ،ئۇچقايسىلەر كەپتەردەك،
ئىمان ھەم كامىل بولغاي،ئىمام ھەمزە،جەئفەردەك.
-رەھمەت !!!دىيىشتى مەشرەپ ئەھلى....
باشقۇرغۇچى سالام بىجا كەلتۈرۈلدى!!!!!!!!!!!!!!!!!دەپ توۋلىدى.
يىگىت بېشى دىمىغىنى قىرىپ مەشرەپ ئەھلىگە شۇنداق جاكار قىلدى.
- مايماق سالاملىرىنى بىجا كەلتۈرۈپ بولدى.ئەمدى پۈتكۈل مىسرانىم مەشرىپىنىڭ ئەزالىرى مايماقنىڭ قوشىغى سىلەرگە يارىدىمۇ ،يارىمىدىمۇ ئىنكاسىڭلارنى بەرگەيسىلەر!!!!!!!!!!!!!!!!
مىسرانىمدا مەشرەپ (2)
شۇنداق قىلىپ،مەشرەپ ئەھلى پىقىر مايماقنى ياقتۇرۇپ، دوسلۇق گۈلىدىن ھەسەلنى ئاقتۇرۇپ، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن جايىمغا ئاپىرىپ قويدى. ئەمدى ئولتۇرۇشۇمغا يەنە بىر قىز باشقۇرغۇچى ماڭا لاپلا قاراپ قويۇپ،
سالماق سورۇنغا قاراپ ماڭدى. شۇنداق دىدى:
-ھۆرمەتلىك يىگىت بېشى قارىسام بۇ مايماق، چىشى مايماق بولغان بىلەن، گىپى چىرايلىق، قولى مايماق بولغان بىلەن ئىشى چىرايلىق بالىكەن.
مۇشۇنى مىرشاپ قىلىپ تەيىنلىسەك دەپلا ھۆپپىدە قىزاردى. مەنمۇ جاناننىڭ تەلىۋىنى يەردە قويماي، كەينىمگە يانماي، مايمايقلىتىن ھېيىقماي، مايماق دەسسەپ مەيدانغا چۈشتۇم ۋە شۇنداق دىدىم!
مەشرەپ ماڭا ئىشەنسە،مېرشاپلىقنى مەن قىلاي،
ماڭا تەگكەن خىزمەتنى،قوشاقچە ئادا قىلاي.
ئەگەر كىم ياق بولمايدۇ ،دىسە چۈشسۇن مەيدانغا،
ئۇنى راسا كەلتۈرۈپ، قوشىقىمدا مات قىلاي.
شۇنداق دەپ تۇرۇشۇمغا مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئىچىدىن بىر يىگىت ئورنىدىن
ئىتىتىك تۇردىدە :
-مەنكى ساخاۋەتلىك،نەچچە يەردە ئۆي-ئىمارەتلىك،راھەتكە بېرىلمەي،ئىلىم ئالغان پاراسەتلىك داڭدار مىليونىر ، مەن مايماققا رىقابەت ئېلان قىلىمەن،-دىدى دە، قوشىقىنى ماڭا تاشىلىدى.
مايماق ئاداش سالام قىىپتۇ مايماققىنە ،
تىلەكلىرى قاملىشىپتۇ ئاپپاققىنە .
مۇشائىرە ئوينايلى مايماق ئاداش ،
سەن باشلامسەن مەنمۇ يا دەپپاققىنە.
مەن ئۇتالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يىتىپ.شۇنداق بولسىمۇ نەپ ئالىدىغانغائامال قىلىپ شۇنداق دىدىم.
پۇللۇرۇڭ كۆپ مىليونىرسەن ئەي ئاغىنە.
تەلەپ قىپسەن مايماقتىن مۇشائىرە،
نامراتلىقتا بولۇپ قالدىم ۋىجىككىنە،
يازاي بەرسەڭ پۇللىرىڭدىن كىچىككىنە
مىليونىر مۇنداق دىدى
شئېر يېزىشقا پۇل كەتمەيدۇ بىلسىڭىز
بېرىپ تۇراي ئەگەر لازىم قىلسىڭىز
مايماققىنە ھۆججەت يېزىپ بەرسىڭىز
بېرىپ تۇراي مۇشائرە قىلسىڭىز
مەن چىكەمدىن تەرلەر ئېقىپ ،قوشاققا سۆز تاپالماي دۇدۇقلاپ ئاران تەستە بۇ قوشاقنى تاپتىم.
قورسىقىمنى توق قىلسام، يانچۇقۇمدا بولسا پۇل،
خوشال مىسرا تىزىمەن،قوشاققا قويۇپ چىڭ ئۇل.
مەيلى ھۆججەت يازىمەن،بەرسىڭىزلا ئالىمەن،
لىكىن قايتۇر دىگەندە دۇلدۇل مىنىپ قاچىمەن.
ئۇ مۇنداق دىدى
قورسىقىڭىز توق بولسا قوشاق ييېزىڭ توختىماي
تېزراقىنە يازسىڭىز ئەي ئاداش مايماقلىماي
دۇلدۇل مىنىپ قاچىسىڭىز بەرسەم سىزگە پۇلۇمنى
يېتىشۋالىمەن بىردەمدە قاچمىسىڭىز توختىماي
مەن تەمتىرەپ مۇنداق دىدىم:
مايماق دۇلدۇلۇم ئىتتىك.
مىليونىر يىتەلمەيدۇ.
يا ئالالماي پۇلىنى،
پېقىراپ كىتەلمەيدۇ
ئۇ مۇنداق دىدى:
سىز مايماخ ماڭسىڭىز،
مەن ئۇدۇللا ماڭىمەن .
شۇڭلاشقىمۇ مەن سىزگە ،
ھايالسىزلا يېتىمەن .
سىز بەرسەم پۇلۇمنى ،
مايماخچىلاپ ئالىمەن.
مەن بۇنىڭغا جاۋاپ تاپامماي،ياكى ئۇنىڭدىن پۇل ئالالماي،ئالساممۇ ھۆججىتىمدىن تانالماي،مايماق دۇلدۇلۇمدا ئىتتىك قاچالماي،يا جاناننى
رازى قىلالماي كانىيىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ ، ئۇتتارغانغا چىدىماي قان قۇسۇپ ياتتىم. بارلىق مەشرەپ ئەھلى بۇنىڭغا قايىل بولۇپ ،مىليونىر مىرشاپ بولۇپ،مەشرەپكە ھازىر بولۇپ ،ھەممەيلەن خوشاللىققا تولۇپ ،مىليونىر: ‹‹مەشرەپ باشلاندى!!!!!!››دەپ جاكا قىلدى،مەنمۇ مەشرەپ ئەھلى تىۋىپقا كۆرسىتەيلى دىسە ئۇنىماي ،كونىلار‹‹قوناقتا دان جىق،مايماقتا قان›› دەپتىكەن دەپ تۇرىۋېلىپ بېشىمنى ئۇياق-بۇياققا سېلىپ،قانلىرىمنى مايماق چېچىپ ،لىكىن كۆزۈمنى يۇمماي،قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ، قان قۇسقاچ مەشرەپكە قاتنىشىۋەردىم.
ئاپتورى: مىليونىر، مايماق
بۇ بۇرۇنقى تېمام ئىدى، بىرىنچى قىسمى يېزىلغاندىن كېيىن، مىليونېر بىلەن بىر مۇشائىرە بولۇپ، شۇ مۇشائىرىنى ئاساس قىلىپ ئىككىنچى قىسمىنى قوراشتۇرۇپ، ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغانىدىم. ھازىر قارىسام مۇنبەرنىڭ كەيپىياتى سۇسلاپ قاپتۇ. بۇ تېمامنىڭ مەزمۇنى يىنىك بولغاچقا مۇنبەرداشلارنىڭ قايتا بەھىرلىنىشىگە يوللاپ قويدۇم.
تۆۋەندىكىسى ئەسلى ئادىرىسى:
/thread-66152-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-29 07:52 PM