مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3696|ئىنكاس: 38

پارتىداش قىزچاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 448 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 09:22:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن سىنىپنىڭ ئەلاچىسى ئىدىڭ،ئۆگىنىش نەتىجىمىزگە قاراپ <<بىر ئەلا بىر ناچار>>بىللە ئولتۇرۇش پىرىنىسپى بۇيىچە نارازى بولساممۇ مۇئەللىمنىڭ زورلىشى بىلەن سىنىڭ يېنىڭدا ئولتۇردۇم،سەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تۇنجى قىز پارتېدىشىم ئىدىڭ،ئاغىيىنىللىرىم بىلەن بىللە ئويناپ ئولتۇرۇپ كۈنۈپ قالغان مەن سىنىڭ سىپايە مىجەزىڭگە،ھەدىسە كىتاپتىن باش كۈتۈرمەيدىغان ھالىڭغا قاراپ سەندەك <<ئۆزىنى قىينايدىغان جاپاكەش>>كە ئچىم ئاغرىيىتى ۋە يەنە كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە  تىرىشچانلىقىڭىغا قايىل  بۇلۇپ قالاتتىم.
سەن بىلەن دەسلەپتە بىللە ئولتۇرغاندا قاتتىق زىرىكتىم،<<ھامىنى ئالمىشىپ كىتىمەنغۇ>>دىگەن نىيەت بىلەن <<ئۆز ئىشىم>>نى قىلاتتىم،ئەلۋەتتە،ئۇ ئۆز ئىشىلىرىم سىنى قاتتىق تىرىكتۈرەتتى،بەزىدە <<بىر دەم مىتىلدىماي جىم ئولتۇرساڭ بولمامدۇ؟!>> دەپ تۇمشۇقىڭىنى ئۇچلاپ غۇدراپ كىتەتتىڭ،ۋە يەنە ياخشى ئۈگىنىش توغىرىسدا <<پەلسەپە>> سۆزلەپ كىتەتتىڭ،بۇنداق گەپلەرنى مەن بۇرۇندىنلا  ئۆيدىكىلەردىن،مۇئەللىمىلەردىن كۆپ ئاڭلاپ كەتكەچكە ماڭا ئانچە تەسىر قىلمايتى،ئەكىىسچە سىنى تېخىمۇ تىرىكتۈرگۈم كىلەتتى،سەنمۇ خۇددى ماڭا ماسلىشىپ بېرۋاتقاندەك تۇلا تىركىدىغان بولدۇڭ،ماڭا <<مىت-مىت>>دەپ لەقەم قۇيۋالدىڭ ۋە سىنپتا بالىلارنڭ ئالدىدا نەچچە قېتىم شۇنداق دەپ چاقىرىپ مىنى ئۇيالدۇرۋەتتىڭ،مەنمۇ سەن بىلەن تىركىشىپ تۇردۇم،مۇئەللىملەرنىڭ سۇرىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرۋاتساڭ كۈسۇلداپ ياكى كۈلۈپ ئېزىقتۇرۋەتتىم،ئەكەلگەن نان،مىۋە-چىۋىللىرىڭنى كۆرسىتىپ كۆرسەتمەي يەۋالاتتىم،باشتا شۇنداق خاپا بولغاندەك قىلدىڭ كىيىن بارا-بارا ئېغىر ئالمايلا قالماستىن كىيىن شۇ نەرسىلەرنى ئارتۇق ئەكىلىپ ماڭا بېردىغان بولدۇڭ،مەن داۋاملىق پارتامنى  رەتسىز تۇتقاچقا جىددى لازىم بولغان ماتىرىياللىرىمنى تاپالماي قالاتتىم كىيىن سەن ماڭا ماتىرىياللرىمنى رەتلەپ بېردىغان بولدۇڭ،سەندىن شۇنداق خۇشال بولغانىدىم.
سەن ماڭا كۆپ قېتىم ياخشى ئۈگىنىش توغىرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولساڭمۇ مەن ئاڭلىماي ئىشىمنى قىلۋەردىم،سەن بىر كۈنى ماڭا ئەگەردە نەتىجەمنىڭ ئىلىگىرلىمىسە مەن بىلەن بىللە ئولتۇرمايدىغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ،مەن باشتا<<مەيلىغۇ>>دەپ ئويلىدىم،لىكىن سەندەك ياخشى پارتېداشنى نەدىن تاپىمەن،بولدىلا ئازراق تىرىشىپ باقاي دىگەن نىيەت بىلەن سەندىن ئۈگىنشكە باشلدىم،بىلمىگەنلىرىمنى سەندىن سۇرايدىغان،دەرسخانىدا ئەستايدىل دەرس ئاڭلايدىغان،تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلەيدىغان بولدۇم،شۇنداق قىلىپ راىست دىگەندەك نەتىجەمدە ئاز تۇلا ئۆزگىرىش بۇلۇپ بۇرۇندىن كەينى تەختىنى ئىگەللىۋالغان مەن بارا-بارا ئوتتۇرا دەرجىلىك ئۇقۇغۇچىغا ئايلاندىم سەنمۇ مەن بىلەن بىللە خوش بولدۇڭ،مۇئەللىم بىزنى ئالماشتۇرۋەتمەكچى بولغاندا سەن رەت قىلۋەتتىڭ ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇنىمايتىم...
ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى يېقىنلاپ قالغانىدى،ھەممەيلەن ئمىتھان ھەلەكچىكدە باش كۈتۈرەلمەيۋاتقان بىر كۈنى سېنىڭ قەغەزدىن كىچىك يۇلتۇزلارنى قاتلاۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ قالدىم،ۋە كىمگە قاتلاۋاتقانلىقىڭنى سۇرىدىم،سەن بېشىڭنى كۈتۈرمەي <<ئۈزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمگە>> دەپ جاۋاپ بېرىپلا قىزىرىپ كەتتىڭ،مەن جاۋابىڭىدىن ھەيران قېلىپ بىر نەچچە سىكۈنىت تۇرىۋالدىم،ۋە <<مەتۇ...>>دەپ قويدۇم،كۆڭلۈمدە سىنىڭ ياخشى كۈردىغان ئادىمىڭنى بىلگىم كىلەتتى،مەن بۇلۇپ قېلىشمىنى ئارزۇ قىلاتتىم سەندىن سۇراپ باقاي دىدىميۇ لىكىن سۇرىيالمىدىم،چۈنكى سەن دائىم ماڭا مەن سەندەك ئۇغۇللارغا ئۆچ دەيتىڭ ھەم ئەگەردەراسىتلا  مەن ئەمەس بۇلۇپ قالسام قاتتىق ئازاپلىنىپ كىتەتتىم،<<بولدىلا!>>،دىدىم ئۆزۈمگە بەرىبىر مىنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ ئويلىدىم.
سەن ئائىلىمىزدە ئىش چىقىپ قالدى دىگەن سەۋەپ بىلەن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشمىدىڭ،بۇنىڭدىن ھەممەيلەن قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق،ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمدا سەن  كىلىپ سىنىپنىڭ خاتىرە سۈرتىگە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن ماڭا پارتېداشلىق يۈزسىدن دەپ بىر ئېيىق قونچاق سوۋغا قىلدىڭ،مەن بىپەرۋالىقىمدىن ساڭا سوۋغا تەييارلىمىغانكەنمەن،ماڭا بەرگەن سوۋغىتىڭدىن بەكمۇ خۇشال بۇلۇپ كىتەلمىدىم چۈنكى سىنىڭ ئاشۇ قەغەز يۇلتۇزلارنى كىمگە بەرگەنلىكىڭنى بىلىپ باققۇم بار ئىدى،لىكىن مەن يەنىلا سۇراشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم...
شۇنداق قىلىپ مەن يات شەھەرگە ئالى مەكتەپكە ئۇقۇشقا كەتتىم،سەن بىلەن بولغان ئالاقىمىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى،كىيىن ئاڭلىسام مەكتەپتە  ئۇقۇماپسەن،ھەر قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىمۇ سىنى ئۇچراتمدىم،سىنىڭ خەۋرىڭنى بىلدىغانلامۇ ئاز ئىكەن،يېڭى مۇھىت يېڭى كىشلەر بىلەن ئۈچراشقاندىن كىيىن بارا-بارا بەزى كونا ئەسىلىملەر ئۇنۇتىلدىكەن لىكىن سىنى دائىم ئەسلەپ قالاتتىم ۋە ھېلىقى ئېيىق قونچاقنى پات -پات قۇلۇمغا ئېىلىپ قاراپ قۇياتتىم.
شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئۈچ يىللارچە ئۆتكەندە مەن يۇرتقا پاراكتىكىغا كەلدىم،بازار ئايلىنىپ كىتىپ بارسام بىر ئەمدىلا مېڭىىشنى ئۈگەنگەن بالا بولسا كىرەك مېىڭپ كىلىپ ئايىغىمغا ئاستا يىقىلدى،بالىنى يۈلەپ تۇرغۇزدۇم،ئۇنىڭغىچە ئۇ بالنىڭ ئانسى بولسا كىرەك بىر ئايال ئۇ  بالىنى قۇلىغا ئالدى ۋە ماڭا قاراپ قېتىپ تۇرۇپ قالدى مەنمۇ ئۇ ئايالغا قاراپ قېتىپ قالدىم،چۈنكى ئۇ ئايال سەن ئىدىڭ،ئىلگىركى ساددا سەبى بىر قىز،ئەمدى ئۇزۇن كىينىگەن،زىبۇ-زىننەت ئاسقان،بالا كۈتۈرۋالغان ياش ئانىغا ئايىلىنپسەن،سەن ماڭا گاڭگىرىغان ھالدا كۈلۈمسىرەپ ئاستا ئىگىلىپ سالام قىلدىڭ،مەنمۇ سالام قىلىشقا تەمشىلىۋاتسام قارشى تەرەپتە  كۈرۈنۈشتە سەندىن ۋە مەندىن نەچچە ياش چوڭ بىر ئەركىشى سىنى چاقىردى سەن دەرھاللا ئۇ تەرەپكە گەپ قىلغاچ كىتىپ قالدىڭ،مەن جايىمدا تۇرۇپ قالدىم،ئۇ بالىنى قۇلۇڭدىن ئالدى سەن ئۇنىڭ قولتۇقىغا گىرە سىلىپ ماڭدىڭ ۋە كەيىنىڭگە بىر قاراپ مىنىڭ سىلەرگە قاراپ تۇرغانلىقمنى كۈرۈپ تىزلا ئالدىڭغا قارىۋالدىڭ...،كۆڭلۈم بىر قىسىم بولغان ھالدا ئۆيگە قايىتتىم ۋە سەن سوۋغا قىلغان ئېيىق قونچاقنى قۇلۇمغا ئالماقچى بۇلۇپ تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن تىزىپ قويغان ئىشكاپمىغا قارىدىم،ئېىيقچاق يوق تۇراتتى،مەن سەل جىدىديىلىشىپ ھەممە نەرسىللىرىمنى چۇۋۇپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلۋىتپ يەنىلا تاپالمىدىم،ھۇجرا ئۆيۈمدىن چىقىپ باشقا ئۆيلەرنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم،تۇيۇقسىز بىر ئىش يادىمغا يەتكەندەك ئاكامنىڭ ئۈيىگە يۈگۈردىم،نەچچە كۈن بۇرۇن جىيەن قىزىم ئۇ ئېيىقچاقنى كۈرۈپ قېىلىپ تالاشقانتى،گوللاپ قۇيۇپ بەرمىگەندىم،بەلىكىم جىيەنىم ئوينىغلى ئەپچىقىپ كەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن.ئاكامنىڭ ئۆيىگە كىرسەم ئېيىقچاق چۇۋۇلغان پېتى پولدا ياتاتتى،ئېيىقچاقنى قۇلۇمغا ئېلىشمىغا ئېيىقچاقنىڭ چۇۋۇلغان قارنىدىن قەغەز يۇلتۇزلار تۈكۈلۈپ چۈشكەنىدى...


                                                                                                    مەنبە:ئىلھامىم،ئۆز قەلىمىم  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 10:23 PM  


قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:24:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 474 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:29:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات دىگەن شۇ ، تەقدىر دىگەن شۇ،  راستىنى دىسەم كۆڭلۈم سەل يىرىم بۇلدى ، بەلكىم مەن شۇ  ساۋاقداشلىرىمنى  ، دۇست - بۇرادەرلىرىمنى  بەكمۇ سىغىنغان ئۇخشايمەن .مەكتەپ ھاياتى بەكمۇ تىز ئۆتىدىكەن. بىز ئۇقۇيدىغان چاغلاردا بۇ چاغلار نىمىتى دەيدىكەنمىز ، بىراق كەتسە كەلمەس كۈنلەر ئىكەن ئەمەسمۇ.

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10370
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3058 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى بۇلۇپ پارتىدېشىڭىزنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچى تۇرۇپ ئالىي مەكتەپكە بارالمىغانلىقىنى ئۇقۇغان چېغىمدا ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بولۇپ قالدى ، ئىككىنجى قېتىم ھېلىقى بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئەسلىدىكى پارتىدېشىڭىز ئىكەنلىكىنى ئوقۇغاندا يەنە شۇنداق بولۇپ قالدى ، ئۈچىنجى قېتىم ھېكايىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى قونچاقنىڭ ئىچىدە قەغەز يۇلتۇزنىڭ بارلىقىنى ئوقۇغاندا ئىچىم تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ قالدى . ...


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
BUEREZAT + 68 رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1142 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:34:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:46:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  ماڭا  ئوخشاش ھەدىدىن زىيادە ھىسسياتچان ئادەم ئوقۇسا . تىترەك ئولىشىپ كىتىدىكەن . ھەي   ھەممىسى تەغدىر    اللانىڭ ئورۇنلاشتۇرشى

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89292
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:21:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم ئىدى.قايناق بازارنىڭ ئىچىدە روھىم چۈشكۈن ھالدا كىتىۋاتسام ،بىرسى قارا دىگەندەك قىلىپ قالدى.شۇنداق بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ،تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم ھەم ئالتە يىللىق مۇھەببەتلىك ھاياتىمنىڭ ئەسلىمىسى بولغان زىلالە يول بۇيىدىكى يوغان بىر تۈپ مەجنۇنتال دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئۈچ ياشلارغا كىرىپ قالغان ئوغلىغا قولىدىكى ئىچىملىكنى ئچۈرۋاتاتتى.كۆزلىرىمىز تۇيۇقسىزلا،ئوخشاش دەقىقىدە ئۇچىرىشىپ قالدى.بىز بىر-بىرىمىزنىڭ تۇنجى سۆيگۈنى ئىدۇق.شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزاق تىكىلىپ قارىشىپ قالدۇق.خىيالىمدا شۇ مۇھەببەت ۋە ئازاپ گىرەلىشىپ كەتكەن كۈنلەر قايتىدىن زاھىر بولدى.
مانا بۇ يىل 28ياشقا كىرىپتىمەن.يۈرىكىمدە ئۆزەممۇ ئېيتىپ بىرەلمەيدىغان ھېس تۇيغۇلار بار.بىر ئويلىسام بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر چۈشتەك،ئويغانساملا ھەممىسى تۈگەيدىغاندەك تۇيغۇدا بۇلىمەن.
ئەسىرىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ.مىنىڭ شۇ كۈنلىرىمنى قايتىدىن ئەسكە سالدىڭىز.ئەگەر لايىقىڭىز بولسا بەخىتلىك بۇلۇڭ.بولمىسا مەندەك بەك ئۇزاق يۈرۈپ كەتمەڭ.
ئاللاھ خالىسا بىر ۋاپادار ،مۇسۇلمان قىزى بىلەن توي قىلسام،يۈرىكىمدىكى جىمى مۇھابەتتنى بىرىپ ئۇنى ئەڭ خوشال ،ئەڭ بەخىتلىك ئايالنىڭ بىرسىگە ئايلاندۇرىمەن.
داۋاملىق تىرىشىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:26:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ئەسەركەن،مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بىرقىسمىلا بولۇپ  قالدى ،تەقدىر بىز كۈتكەننى ئەمەس ،كۈتمىگەننى زورلاپ تاڭىدىكەن  نىمە ئامال ئەمدى

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105991
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:45:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف    ئەجەپ    بىر   قىسمىلا   بولۇپ  قالدىما      لېكىن   تەغدىرىدە   شۇ   بولسا   بەندىدە    نىمە   ئامال   

گۈلنىڭ  ئۆمرى  قىسقا  ھەممىگە يارىغاچ، تىكەننىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ھەممىگە  سانجىلغاچ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:49:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېيىقنى چوۋۇپ باقمىغىنىڭىز توغرا ھەم ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بۇلۇپتۇ «مەن ».لىكىنھېلىقى قىز ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقى بىلەن ئۇتۇپتۇ لىكىن «مەن »شۇ ناچارلىقتا قالغان خۇيى بىلەن ئۇتتۇرۇپتۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش