sayam يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 07:40 PM 
سىز تەپسىلىي كۆرمەپسىز ، ئۇ چىرايلىق خىنىم تۇنجى ئېرى ...
ئۇ يېرىنى تولۇق كۆرگەن.
چۈشەنمىگىنىم، ھېلىقى قىمارۋاز بىلەن ئاۋۇ ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى.
بۇنداق ئاسان ئاجرىشىپ كەلسە بەلكىم ئەر-خوتۇن بولۇپ بىر ئۆيدە تۇرىدىغانلار ساناقلىقلا قالار. ئاجىرشايلى دىسىلا، ماقۇل ئاجراشساق ئاجرىشايلى دەپ.
تۇرمۇش دىگەن ئايال خاپولاپ قالغاندا ئەر كۆڭۈل قويۇپ، ئەرنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا ئايالى تەسەللىي بېرىپ ئۆتمەمدۇ. بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ئاجىرشىپ كېتىدىغان، بىر قېتىم تېلفۇن نۇمۇرىنى سورىۋىلىپلا توي قىلىدىغان ئىش نەدە بار. ئاۋۇ ئايالنى باشقۇرىدىغان ئاتا-ئانىسى يوقمۇ؟
بەكلا ئاددىي ئىشلىنىپ قالغان فىلىمكەن. بۇنداق دىسەم ھەممىڭلار تىللاپ كەتمەڭلار. توغرا، بۇنچىلىك ئىشلەپ كۆپچىلىككە سۇنۇشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. بىراق تۇرمۇشنى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئويلاش كىرەكتە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazpari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-16 07:44 PM