4-باپ خام خىيال
كۆزۈم يۇمۇقلۇق.ماشىنا ناھايىتى سىلىقكىتىۋاتاتتى.كاللامدا نۇرغۇن خىيال.مەشھۇر تور يازغۇچىلىرىدىن جەنۇبى مەزھەپئۈچىنچى تاغىنىڭ ‹كىپەن ئوغرىسى›خاتىرىسى،جاڭ مۇ يەنىڭ ‹جىن ئۆچۈرگەن شام›دىگەندەكئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى خىيالىمنى چىرمىۋالغان ئىدى.كىم بىلىدۇ مەنمۇ شۇنداقئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەرگە،ئويلىمىغان بايلىقلارغا ئىگە بولۇپ قالامدىمەنتىخى.خىيال سۈرگەنسىرى كەيپىم كۆتۈرلۈپ،مەۋھۇم دۇنيانىڭ ئىچىگە باشچىلاپ كىرىپكەتتىم.
1.مەن‹كىپەن ئوغرىسى›رومانىدىكى باش پىرسۇناژ ۋۇشىيە.ئەينىدىن مىنىڭ مۇشاۋىرىم.بىلالمىنىڭ قوغدىغۇچىم.بىز بىرلىكتە تەكلىماكاننىڭ قوينىغا سىڭىپ كىرىپ،كىشىلەربايقىمىغان سىرلارنى بايقايمىز،نۇرغۇن بايلىق ۋە يوشۇرۇن قوغدىنىش ئەسلىھەلىرىئورنىتىلغان قەبرىلەرنى تاپىمىز.بەلكىم غەيرى مەخلۇق ياكى ئالۋاستىلارغىمۇيولۇقىشىمىز مۇمكىن.شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا بارلىق سىرلارنى يشىپ چىقىمىز،بارلىقبايلىقلارنى ئىلىپ كىتىمىز.چۈنكى بىلال يالغان ساراڭ بولىۋالغان ئەزىمەتپالۋان،ئەينىدىن قەبرە قىزىش مۇتەخخەسىسى.شۇنىڭدىن كىيىن نۇرغۇن شەخىسلەر ۋەئورگانلار مىنى قەبرە ئىزدەشكە تەكلىپ قىلىدۇ.مىنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ھاياتىمباشلىنىپ،مەن بىر رىۋايەتكە ئايلىنىمەن.
2.مەن‹جىن ئۆچۈرگەن شام›رومانىدىكى باش پىرسۇناژ خۇ بايى.ئەينىدىن بىلىملىك قىدىرىپتەكشۈرۈش ئالىمى.بىلا بولسا ماھىر كىپەن ئوغرىسى.بىز بىرلىكتە رىۋايەتلەردىكىكىرورەن شەھرىنى تىپىپ چىقىمىز.ئۇيەردە ھىچكىم كۆرۈپ باقمىغان غەيرىئۆسۈملۈك،جانلىقلار بار.بىز مىنىڭ يىتەكچىلكىمدە ئۇيەرنى توغرا،بىخەتەر قېزىپ چىقىمىز.يولدابىزگە يەنە بىر تۈركۈم نامدا قىدىرىپ تەكشۈرۈش،ئەمەلىيەتتە بايلىق ئىزدەشمەقسىتىدە ماڭغان قوشۇن ئۇچرايدۇ.ئۇلار بىز بىلەن يوشۇرۇن جەڭ قىلىدۇ،بىزگەسۈيقەسىت قىلىشنى ئويلايدۇ.ئەمما ئۇلارنى بىز ئەقىل-پاراسىتىمىزگە تايىنىپيىڭىمىز.قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەن بىشىمدىن ئۆتكۈزگەن جەريانىمنى رومان قىلىپيىزىپ،يەرشارىدىكى ئەڭ بازار تاپقان يازغۇچى بولىمەن.
3.مەنيەنە قايسىدۇر بىر روماندىكى باش پىرسۇناژ.ئەينىدىن بولسا ئەتكەسچى،بىلال بولسا داڭلىقئىكىسپىدىتسىيەچى.بىز ئوخشىمىغان مەقسەت،ئوخشاش بىر نىشاننى كۆزلەپ ماڭىمىز.يولدابىزگە نۇرغۇن تالاپەتلەر ئۇچرايدۇ.مەن تەمكىنىلىك بىلەن ھەممىنى قىيىنچىلىقلاردىنغالىپ كىلىمەن.كۆزلىگەن نىشانغا كەلگەندە بارلىق يوشۇرۇن ئىشىك،ئازگال-خەندەكلەرنىپەقەت مەنلا تىپىپ ئاچالايمەن.ھىكايىنىڭ تەرەققىياتى بويىچە بولغاندا بىز ئۇيەرگەيىتىپ بارغاندا،يەنە بىر توپ قوشۇنلار ئۇيەرگە بىزدىن بۇرۇن يىتىپ بارغانبولىدۇ.بىز ئۇلار بىلەن قاتتىق تىركىشىمىز،ئۇلارنىڭ باشلىقى گۈزەل بىر قىز،ئۇمىنىڭ سالاپىتىمگە ۋە ئەقىل-پاراسىتىمگە قايىل بولۇپ بىزگە قوشۇلۇپ كىتىدۇ.بىزبىرلىكتە بايلىقنى ئىلىپ كىتىمىز.
4.مەنجۇۋ دېدۇڭنىڭ ‹لوپنۇر كۆلىنىڭ سىرى›رومانىدىكى باش پىرسۇناژ.بىز تەكلىماكانغاسىڭىپ كىرىپ،ئۇقۇشماي ۋاقىت تونىلىغا كىرىپ قالىمىز.ئۇيەردە نۇرغۇن ئويلىمىغانكىشىلەر ۋە ۋەقەلەرنى ئۇچرىتىمىز.مەلۇم دۆلەتتە غايىپ بولغان ئايرۇپىلانمۇ ۋاقىتتونىلىغا كىرىپ قىلىپ،مۇشۇ يەرگە قونغان بولىدۇ.مەن بارلىق يولوچىلارنىيىتەكلەپ،ئۇلارنىڭ مەنىۋى داھىيسى بولۇپ،قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ كىلىشنى كۈتىمىز.مەنئاچارچىلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا چىداپ،يىمەك-ئىچمەكنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بىرىمەن.نۇرغۇنكىشىلەر ماڭا قاتتىق قايىل بولۇپ،بىر ئۆمۈر ماڭا ئەگىشىشنى قارار قىلىدۇ،نۇرغۇنقىزلار ماڭا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ،مەن قانداق تاللاشنى بىلەلمەي،تەڭقىسلىقتاقالىمەن.ئاخىرى بارلىق كىشىلەر مىنىڭ يىتەكچىلىكىمدە قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەنتىپىشىپ،ئامان-ئىسەن قايتىمىز.دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەتبۇئات ۋاستىلىرى مىنىقوغلىشىپ يۈرۈپ زىيارەت قىلىدۇ.داڭلىق ژورناللار-گىزىتلەرنىڭ باش بىتىگە مىنىڭسۈرىتىم بىسىلىدۇ.
5.بىزخوتەندىكى نەۋرە ئىنىمنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئانچە قىينالمايلا ھىلىقى تەڭگىدىنسان-ساناقسىز تاپىمىز.ئەينىدىن بىلەن بىلال ئۈچىمىز تەڭ بۆلىشىمىز.مەن مىليادىربولۇپ كىتىمەن.خىزمەت ئىزدەش،ئىمتىھان بىرىش دىگەنلەردىن مەڭگۈلۈكخوشلىشىمەن.ئاتا-ئانامغا جۇڭگونىڭ ئەڭ گۈزەل يىرىدىن،ئەڭ پۇزۇر داچا ئىلىپبىرىپ،100نەپەر خىزمەتكار ياللاپ،بىر ئۆمۈر ئۇلارنىڭ شاھ-خانىشلاردەك ئۆتىشىگەكاپالەتلىك قىلىمەن.قىرىنداشلىرىمغا نىمىنى خالىسا شۇنى ئىلىپ بىرىمەن.تويۇمداداڭلىق ناخشا چولپانلىرىنى ناخشا ئوقۇتىمەن،مىنى رەت قىلغان ھېلىقى سۇغۇق تەلەتباشلىقلارنىڭ ئالدىدىن ئەڭ ياخشى ماشىنىدا ئولتۇرۇپ،توپا توزۇتۇپ ئۆتۈپكىتىمەن.داڭلىق چولپانلار بىلەن قۇچاقلىشىپ رەسىمگە چۈشىمەن،ئۆتكەندە ھاجەتخاناتاپالماي قىينالغان كوچىغا ھەقسىز ھاجەتخانىدىن 10نى سالدۇرىمەن.مىنى تازاكولدۇرلاتقان ھىلىقى قىزنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى ئۆچۈرىۋىتىمەن،ئالدىمغا كىلىپيالۋۇرسا‹كەچۈرسىلە!سۆيگۈنىڭمۇ ئۆچىدىغان،كۆچىدىغان چاغلىرى بولىدىكەن،مەن تويقىلىپ بولدۇم›دەپ قويۇپ،ئارقىمغىمۇ قارىماي كىتىپ قالىمەن.رەت-رەت ئىگىز قەۋەتلىكبىنالارنى سىلىپ،بىر كىۋادىرات مىتىرنى 500يۈەندىن سىتىپ،ئۆي باھاسىنى مىسلىكۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ،ئۆي غىمىدە يۈرگەنلەرنى خوش قىلىپ،جازانىخورئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنى بىنادىن سەكرەشكە مەجبۇر قىلىمەن.يەنە تىخى .............................................
مەن ئۆز خىياللىرىمدىنسۆيۈنۈپ ھوزۇرلىنىۋاتقان پەيىتتە،پۇچۇق قاپاقتىن سۇ تۆكۈلگەندەك بىر ئاۋازمۇكۈلىۋاتاتتى.كۆزۈمنى ئىچىپ شىرىن خىيالىمنى بۇزغان ئاۋازنىڭ ئىگىسىنى تاپتىم.بىلالساراڭ!ئۇ ئاغزىنى بىر چەتكە قىيسايتىپ،كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ، خۇددى تولىمۇ كۈلكىلىكبىر ئىشنى كۆرۈپ قالغان ئادەمدەك قاتتىق كۈلىۋاتاتتى..كەيپىم يەنە ئۇچتى.ئۇ مىنىزاڭلىق قىلىپ كۈلمىگەندۇ؟!ئۇ ھەرقانچە يامان بولسىمۇ خياللىرىمنىمۇبىلىۋالمىغاندۇ؟! بىزگە قانداق ھەمراھ قوشۇلدى؟! ئۇ زادى قانداق ئادەم؟!ئادەمنىڭكۆڭلۈمدىكىنى،خىيالىمنىمۇ بىلەلەمدۇ؟!ياق،بەلكىم ئۇ بىر چۈش كۆرگەندۇ،ياكى ساراڭبولغاندىكىن ئاشۇنداق ئۆزىچىلا كۈلۈپ كىتىغاندۇ.ئۆزۈمنى بەزلەپ تۇرسام،ئۇ كۆزىنىلاپپىدە ئېچىپ قويۇپ،ئاندىن كۆزىنى يۇمۇپ يەنە ئاشۇنداق يىقمسىز كۈلۈشكەباشلىدى.ياق!ئۇ ئۇخلىماپتۇ.ئۇ ساراڭ مىنى زاڭلىق ئىتىۋىتىپتۇ.
بولدىلا،نىمىلەرنى ئويلاپكەتتتىم مەن.ئۇ بىر ساراڭ خالاس.يەنە خىيالىمنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىغانبولساممۇ،قەتئىي بايامقىدەك ھىسىياتقا كىلەللمىدىم.غۇم،گۇمان ئارىلاش تۇيغۇلارئىچىدە ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-27 02:20 AM