توغرا يول تۇتقانلار ئازاب چەكمەيدۇ
كۈلگەنلەر بىر ئۆمۈر كۈلۈپ ئۆتمەيدۇ،
يىغلىغان دۇنيادىن يىغلاپ كەتمەيدۇ.
ساتقىنلار بېشىدا بىر قارا كۈن بار،
توغرا يول تۇتقانلار ئازاب چەكمەيدۇ.
يىلتىزى چىرىگەن ۋىجدان-ۋاپانىڭ،
يىتىمچى تولىدۇر ، ئەيشى-ئىشرەت كۆپ.
ئاچ قورساق ئەركىنى سۆيگەنلەر شەيتان،
نېنىنى تاپالماي يۈرگەنلەر كۈلۈپ.
قۇياشلىق دىللاردىن دىلىم يورىدى
ھاياتلىق بىر پۇرسەت ، بەختىم ، ئامىتىم،
چوقىغا قارايمەن ، ئاسمانغىمۇ ھەم...
باغرى تاش دۇنياغا مېھرىمنى بېرىپ،
ئەڭ پاكىز تۇيغۇدا ياشايمەن ھەردەم.
قۇياشلىق دىللاردىن دىلىم يورىدى،
مېھرىدىن سۆيۈندىم ، كۆڭلۈم سۇ ئىچىپ.
ھېرىققان يۈرىكىم جانلاندى بىردىن،
كەلمەكتە باھارنىڭ ھىدى گۈل ئېچىپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-19 09:12 PM