مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8299|ئىنكاس: 31

سان فىرانسىسكودا ئۆتكەن بىر كۈن -ئامېرىكا سەپىرى (مىسرانىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 16427
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7710 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 03:07:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سان فىرانسىسكودا ئۆتكەن بىر كۈن---ئامېرىكا سەپىرى 25- كۈنى---

يەنىلا زىيارەت تەرتىپىمىز بويىچە ياتاقتىن چىقىپ بۇ ناتونۇش شەھەرنىڭ داڭلىق ئىمارەتلىرى ۋە ساياھەت رايونلىرىنى زىيارەت قىلدۇق،ھەيران قالغىنىم نوپۇسى 800مىڭ ئەتراپىدا بولغان بۇ شەھەردە 150 مىڭ نوپۇس سەرگەردانلاردىن تەركىپ تاپىدىكەن ،ئامېرىكىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھەممە سەرگەرداننى بۇ يۇرت قوبۇل قىلدىكەن، چۈنكى ھاۋا سوغۇق ئەمەس، يەنە تېخى نۇرغۇن ئاشخانىلاردا مەخسۇس بەلگىلەنگەن ۋاقىت بۆلىكى ئىچىدە مەخسۇس سەرگەردانلارغا تاماق تەمىنلەش مۇلازىمتى بار ئىكەن ،تامىقىنى يەپ قورسىقى تويغاندىن كېيىن دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ئاپتاپ سۇنۇپ ياتىدىكەن، ئۇلار بەلكىم ئانچە مۇنچە بىكار ۋاقىتلىرىدا شەھەرنىڭ ئۇششاق ئىشلىرىنى قىلىپ ئىقتىساد توپلار، بۇ سەرگەردانلار يالغۇز بىرلا كىشى بولماستىن ،گاھىلىرى بىر ئائىلە كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ يول ياقىسىدىكى ياكى بۇلۇڭلاردىكى كىچىككىنە ئورۇننى ماكان قىلىپ ئولتۇرىدىكەن ...

012.jpg


07.jpg


014.jpg


015.jpg


image.jpg

يەنە زىيارىتىمىزنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغىنى سان فىرانسىسكونىڭ ئالتۇن كۆۋرۈكى بولدى،يولدا ماڭغاچ بىر ھالال تائام ئاشخانىسىدىن ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاق ئاش بىلەن يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلۋالغان ئىدۇق،ئالتۇن كۆۋرۈك ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ تاماق يەي دەپ تۇرىشىمغا بىرمۇنچە قۇشلار يېنىمغا كېلىۋالدى، مېھمان تۇرسا تاماقنى ئاۋال مەن يەپ كەتسەممۇ بولماس،،تاماقنى ئېچىپ قولۇمدا تۇتۇپ بەردىم، ھەقىقەتەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆگەنگەن قۇشلار بىزنىڭ دوستىمىز سۆزىنىڭ ئەمەلىيتىنى بۇ يەردە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم،قورسىقىمنىڭ ئاچقىننىمۇ بىلمەي قۇشلار بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن،ئېلىۋالغان گۆش،نان،ئاق ئاشلارنىڭ ھەممىنى قۇشلارغا بېرىۋەتتىم...

03.jpg


04.jpg


05.jpg


06.jpg




بۇ قۇشلار ئىچىدە گۆش يايدىغىنىمۇ گۈرۈچ يەيدىغىنىمۇ، ھەممىسى باركەن، ھاممىسى ئىناق ئۆتىدىكەن، ئاجىز،كىچىك قۇشنىڭ ئالدىغا تاشلانغان داننى كۈچلۈكلەر بوزەك قىلىپ ئېلىۋالمايدىكەن .... شۇنداق تۇرمۇشمۇ خۇددى مۇشۇ دەريادەك داۋاملىق بىزنى چايقاپ تۇرىدىكەن،شۇ داۋالغۇچتىن ئۆزىمىزنى تاپالىساق،تۇرمۇشقا كۈلۈپ باقساق بىز ئېرىشىدىغىنىمىز ئېنىقلا بىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ بولىدىكەن...تۇرمۇش، ھەم ھەممە شەيئى بىز قەدىرلىگەنلىكىمىز سەۋەبلىك بىزنى ئەزىزلەيدىكەن، بىز ئۇنى سۆيگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇ بىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدىكەن... يۇرتلىرىمىزدا مەخسۇس جەنۇبىي تاغ مەنزىرىلىك ساياھەت رايونلىرىدەك يەرلەرنى توسۇپ پۇل ئېلىپ كىرگۈزىدۇ، دىمەك يۇرتلىرىمىزدا راھەتنى پۇلى بارلار سۈرىدۇ دىگەن گەپ،ئەمەلىيەتتە دۇنياغا تۆرەلگەن ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ خوشال بولۇش ، گۈزەللىكلەردىن بەھىرلىنىش ھوقوقى بار ئىدى، ئەپسۇس... تويمىغان نەپسىمىز شۇ يەرلەرنىمۇ ئىقتىسادقا باغلاپ ، ئەركىن تەپەككۇردا پەقەت بايلارلا لەيلەپ يۈرىدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى... ...

01.jpg


02.jpg



بۇ يەرگە كەلگەندىن باشلاپ مەندىمۇ ۋاقىتقا نىسبەتەن ئالاھىدە كۆز قاراشلار ، تەپەككۇرلار ، ۋاقىت كۆز قاراشلار كۈندىن كۈنگە ئېشىپ تېخىمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىدىغان ھالەتكە ئەكەلدى... دىڭىز بويىدا ،ئاسمىنى كەڭرى بۇنداق يەردە قانغۇچە تەپەككۇرلىرىڭىزنى قىلىپ ،ئىلغار ئىددىيە ۋە مەدەنىيەت ھادىسلىرىنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق ئىشىنىمىزكى يۇرتلىرىمىزدا كىتاب ياكى ئىشك ،تاملارغا چاپلاپ ئۆگەنگەندىن ئەمەلىي ھەركەت ،تەپەككۇر ۋە كەيپىياتلار بىلەن مەدەنىيەتلىك ماكان قۇرۇپ چىقىشقا تامامەن بولىدۇ،،دۆلىتىمىزنىڭ كۈنسىرى تەكىتلەۋاتقىنى مەدەنىيەتلىك يۇرت ماكان قۇرۇپ چىقىش،،، مەن بۇنىڭدا ئەڭ ئاۋال ئۆزۈمنىڭ ماشىنا ھەيدەش ھالىتىمدىن باشلاپ ، سورۇنلاردا چەكسىز ئولتۇرۇشقىچە تۈزەپ باقماقچى، بۇ يەردىكى شوپۇرلۇق ئەخلاقى كىشىنى سۆيۈندۈرمەي قالمايدۇ، بۇ يەردە بىرەر ماشىنىغا ھەيران بولۇپ قارىغىننى ياكى بىرەر ماشىننىڭ قالتىس ئۆزىگە ئىشىنىپ تېز ماڭغىننى كۆرگىلى بولمايدىكەن، ھەيدىۋالغانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دۆلىتىمىزدە بىز كۆرۈپ قالساق رەسىملەرگە تارتىپ ھارمايدىغان ماشىنىلار، ئەمما بۇلاردا ماشىنا يوق بىلەن بارنىڭ، ماشىنىسنىڭ ماركىسىنىڭ قانداقلىقىنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن بولۇپتۇ...ئەمما بىزدە ماشىنىغا چىقىۋالساق ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندەك ، پىيادىلەرنى ھەم قىلچە ھۆرمەت قىلماسلىق بەكلا ئېغىر، يىراقتىن كەلگەن بولساق سىگىنال ئۇرۇپ تۇرۇپ ئۆتۈپمۇ كېتىمىز، قىزىل چىراقتا كامىرا يوق چاغلاردا ئۆزىمىزنى بىلىپلا قائىدىسىز ئۆتكەن ۋاقىتلىرىمىزمىزمۇ ھەم بار..قار يامغۇرلار يېغىپ قالسا سۇ چاچرىتىپ مېڭىشنى ھەم پەخىرلىك ئىش دەپ بىلىدىغان ، شۇنداق يەرلەردىن تىز ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ، يولدا قارشى تەرەپنىڭ يولىغا كىرۋىلىپ خاتىرجەم ماڭىدىغان ئىشلارنۇ ھەم مەۋجۇد، شەخسەن مەنمۇ ھەم يۇقارقى ئەھۋاللارنى ھەم سادىر قىلىپ باققان،كامىراغا تولغان جەمئىيەتتە ياشاپ پۈتكۈل ئىشلىرىمىزنى پەقەت سىنغا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپلا مەدىنىيلەشتۈرۈپتۇق، ئىچ ئىچىمىزدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئادىمىيلىك ئەخلاقنى تەرك ئېتىپتۇق، مۇقەددەس ئىسلام ئەخلاقلىرىنى ھەم ئۆزىمىزگە مۇجەسسەملىمەي تۇرۇپ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىپتۇق، قەلبىمىزدىكى ئىمان ،ئىتقات، ئەخلاقلارغا قويۇلغان نۇرغۇن قىزىل چىراقلاردىن بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇق،،ۋىجدان ئازابىدا ئەمەس، يايراپ تۇرۇپ تۇرمۇشتىن ئانچە مۇنچىمۇ زارلىنىپ قويۇپتۇق...قەلبىمىزدىكى قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ،ئىنسانىي قائىدىلەرگە بوي سۇنمىغان چېغىمىزدا ئاخىرەتتىن ئىبارەت بىر ئورۇننىڭ بىزدىن بىربىرلەپ ھېساب ئالدىغاننى ئۇنتۇپ، ئۇشبۇ دۇنيادىكى 12 نۇمۇرنىڭ يىرتىلىپ كېتىشىدىن زىيادە قورقۇپ ياشاپتۇق،، چۈنكى قەلىبتىكى نۇمۇرنىڭ چېكى يوق، خاتالاشسىڭىز خاتىرلىنىۋىرىدۇ، ئەمما ياخشى يېرى بىرلا قېتىمدا توغرا يولغا يۈزلىنىپ ھەقىقىي ھەق يولنى تاپقىنىڭىزدا بۇ نۇمۇرلارنىڭ ھەممىسى پىلوسقا ئۆزگۈرۈپ ،كىيىن قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭىزغا نىسبەتەن مۇكاپات نۇمۇرى قوشۇلۇپ ماڭىدۇ...ئەمما تۇرمۇشتا ماڭماڭ دىگەن يولدا مېڭىپ قويۇپ ،بىلمەي قاپتىمەن دەپ توۋا قىلسىڭىزمۇ نۇمۇرلىرىڭىز كېسىلىۋىرىدۇ....

016.jpg




ئاللاھتىن بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمىزغا مەغفىرەت تىلەيمەن.. ئامېرىكىلىقنىڭ تۇرمۇشتا قوللانغان ئىلغار مەدەنىيەتلىرى ۋە مەن ھېس قىلىپ ماختاپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان ياشاش ئادەتلىرى باشقا يەردىن كەلمىگەن ھەم بۇلار ئىجاد قىلمىغان، مۇقەددەس قۇرئان كەرىمدە ھەممىسى سۆزلىنىپ بولغان ئىنسانىيلىقنىڭ ئەڭ ئاددىي فورمۇلاسى ئىدى.. ئەلاپسۇس، باشقىلار مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ ساغلام ياشاۋاتقىنىدا باشقىلار ئېرىشكەن مېغىزنى كۆرۈپ تۇرساقمۇ شۇلارنىڭ تاشلىۋەتكەن شاكىلىغا ئېسىلىپ ئۆزىمىزنى قىيناپ يۈرۈپتىمىز، ھەق كىتابلاردىن ئېسىل پەزىلەتلەرنى ئوقۇپتىمىز يۇ ئەمەلىيەتكە تولۇق تەدبىقلىماپتىمىز، كاللىمىزدا ھەممە كىشى شۇ بىز كۆرگەن ناچار خاراكتىرلىرى بار كىشىدەك ياشىشى كېرەك دىگەن ئۇقۇم پەيدا بولۇپ قاپتۇ...بىز چوقۇم ئۆزگەرتەلەيمىز، چۈنكى بىزنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى بار، كائىناتنىڭ بىر كامىرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تەپەككۇر قىلالىغۇدەك ئەقىلمۇ ھەم بار--- بىز چوقۇم تۇرىۋاتقان ئورنىمىز ۋە شارائىتلىرىمىزدىكى ئادەتلىرىمىزنى چوقۇم ياخشىلىق تەرەپتىن پەرۋىش قىلىشىمىز كېرەك ---نىشان ئېنىق بولغاندىلا قەلبىمىزدىكى ئىچكى كۈچ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ،نىشانسىز سەرسانلىق بىزنى ئاخىرى يولدىن چىقىرىدۇ،قەلبلىرىمىزدىكى بىباھا گۆھەر كانلىرىمىز قازماسلىق تۈپەيلىدىن چاڭ توزاندىن پەرىقلەنمەيدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ..كىشىلىك ھايات بايقاش ۋە تەپەككۇر قىلىش بىلەن گۈزەلدۇر...ھەممىمىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە بۈگۈنكى ھالىتىمىز مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەتە قانداق مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش،كەلگۈسى مۇۋەپپىقىيەتكە نىشان بەلگۈلىمايدىغان بولسىڭىز ھېچقانداق ئىشنى ھەم ھۇجۇتقا چىقىرالمايمىز ئەلۋەتتە....ئەلۋەتتە كۈندىلىك يېڭى مەنزىرىلەرنىڭ ماڭا ئاتا قىلۋاتقىنى ئاز ئەمەس،مېنىڭمۇ ھەم ئۆگەنگەنلىرىم ھەم شۇنداق..ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم ------سان گىرانسىسكو
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kokzat + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
uyghur-猎人 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
gulbaxikar + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 70   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 03:21:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيقىچىلىقتا ئەڭ ئاخىردا سان گىرانسىسكو دەپ يېزىپ ساپسىز
قايسى كۈنى يازمىلىرىڭىز بىزگە كىچىدە يىتىپ كىلىۋاتىدۇ دىگەن ئىدىم ، ئەمدى كۈندۈزدە يىتىپ كەپتۇ ئەمما سىز تۈن نىسبىدە يوللىغان بولغاچقا بىرئاز چارچاپ قالغاندەك قىلىسىز ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ !
تاماق ئۈستىلىڭىزدە زەم - زەم شىشىسى تۇرغاندەك قىلىدۇ ، تاماق جەھەتتىكى قولايسىزلىقنى ھىساپقا ئالمىغاندا سەپىرىڭىزنى ئاساسەن كۆڭۈللۈك داۋاملاشتۇرۇپسىز .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 03:22:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز  سەپىرىڭىز  كۆڭۈللۈك ھەم بەك  جاپالىق  بوپتۇ .  سىزگە  ئۇتۇق  تىلەيمەن .

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15151
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2815 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 03:26:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرىكىنىڭ قۇشلىرمۇ دىمۇكراتىينى ياقلەيدىكەن -ھە چاقچاق جۇمۇ ...
ياخشى تەسراتلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي .
800يۈزمىڭ ئاھالىنىڭ 150مىڭى سەرگەردانلار بولسا ،ئامرىكىلىقلار شۇ ئۆي -ماكانسىز كىشىلەرنى شەھەرنىڭ ئوبرازىنى بۇزدى دەپ شەھەر سىرتىدىكى قاقاسلىقلارغا ھەيدىۋەتمەپتىيا ئەجەپ ؟
بىرچاغلاردا بىريازمىدىن ئوقۇسام ، چاۋشىيەن پايتەىتى پىڭراڭدا ئاھالىلەرگەسىرتقا چىققاندا  چوقۇم يېڭى ،پاكىز ،رەتلىك كىيمىنى كىيىپ يۈرۈش تەلىپى قويۇلىدىكەن ،ھۆكۈمەت مەخسۇس ئادەم قويۇپ رەتسىز،كونىراق كىيىملەرنى كىيىپ كوچىغا چىقىپ قالغان كىشىلەرگە "تەربىيە"بېرىدىكەن .
تۈزۈمى ،تەرەققىياتى ئاسمان -زىمىن پەرقلىىنىدىغان ئىككى دۆلەت . يۈزىنى ئۇرۇپ ئىششىتپ مەن سېمىز دىسىمۇ بولىدكەن ،پەقەت شۇ ئاغرىققا چىدىسىلا...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 03:35 PM  


مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 03:40:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەربىر تېمىڭىزنى ئۇقىغىنىمزدا ،چوڭقۇر خىيالغا  چۇكۇپ كىتمىز ، كىيىنكى ساياھىتىڭىزنىڭ كۇڭۇللۇك ھەم مەنلىك بۇلشىغا تىلەكداش  بىز ....

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101831
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 828
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 04:10:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئامرىكا قۇشلىرىدىمۇ دىمگۇراتىيە باراۋەرلىك باركەن ھە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1587
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 04:15:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،سەپرىڭزنڭ تىخىمۇ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشمەن

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1983
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4987
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1453 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 04:38:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچ ئىچىمىزدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئادىمىيلىك ئەخلاقنى تەرك ئېتىپتۇق، مۇقەددەس ئىسلام ئەخلاقلىرىنى ھەم ئۆزىمىزگە مۇجەسسەملىمەي تۇرۇپ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىپتۇق، قەلبىمىزدىكى ئىمان ،ئىتقات، ئەخلاقلارغا قويۇلغان نۇرغۇن قىزىل چىراقلاردىن بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇق،،

ماۋۇ قۇرلار مېنى ھەجەپمۇ ئويغا سالدى.........

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13671
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7804 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 05:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىتىملىق خاتىرنى كۆزۈمدە لىق ياش ئوقۇپ چىقتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99191
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 05:17:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەپىرىڭىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشنى ئۈمۈت قىلمەن مىسرانىم ئاكا ھەربىر يازمىڭزنى ئوقۇغاندا ئۈزۈمنى سىزبىلەن بىللە سەپەرگە چىققاندەك ھىس قىلمەن .ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولغاي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش