مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3315|ئىنكاس: 15

كۆزنى ئاسرايدىغان يېمەكلىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103257
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 853
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 09:58:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەر

ۋىتامىن A كەمچىل بولغاندا، كۆز ئەتراپىغا قارا داغ چۈشىۋېلىپ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغان ئەھۋالدا ئاسانلا نامازشام قارىغۇسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ۋىتامىن A يەنە كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ. شۇڭا كۈندە ۋىتامىن A نى يېتەرلىك ئىستىمال قىلىش كېرەك. ۋىتامىن Aنىڭ ئەك ياخشى كېلىش مەنبەسى ھايۋانلارنىڭ جېگىرى، بېلىق مېيى، سۈت تۈرى بىلەن تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، يېمەكلىك ئىچىدىكى سەۋزىدە ۋىتامىن A بار، مەسىلەن: سەۋزە، قىزىلبۇغداش، پالەك، كۈدە(جۈسەي)، كۆك لازا، تاتلىقياڭيۇ، ھەم شۇنداقلا مېۋىلەر ئىچىدىكى ئۆرۈك، ئەبنۇس قاتارلىقلار.

تەركىبىدە ۋىتامىن B نىڭ مىقدارى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر

كۆزنىڭ تورلۇق پەردە مەركىزىي ئىچىدە كۆپ مىقداردا زاپاس ساقلىنىدىغان ئىئونلىشىش ۋىتامىن 2B بار. ۋىتامىن B كەمچىل بولغاندا، كۆز يورۇقلۇقتىن قورقۇش، ياشاڭغۇراش، كۆز قىززىپ ئاغرىپ ئىچىشىش، كۆز ھېرىش، كۆز تارتىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تەركىبىدە ۋىتامىن B كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر جىگەر، ئېچىتقۇ، قېتىق(ئىرىمچىك)، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، سۈت (ۋىتامىن 2B)، گۆش تۈرىدىكىلەر (ۋىتامىنB1، نىكوتىن كىسلاتا)

تەركىبىدە ۋىتامىن C كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر

ۋىتامىن C كۆز ئالمىسى كرىستال لىنزىنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان. ئەگەر ۋىتامىن C كەمچىل بولغاندا ئاسانلا كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلار كۈندە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك. يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بولۇپمۇ كۆك لازا، تەرخەمەك، چېچەكسەي، يېسىۋىلەك، يېڭى چىلان، نەشپۈت، ئۆرۈك قاتارلىقلارنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى.


مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rinatcn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-1 11:14 PM  


[color=Blue]بۈگۈنكى تېرىشماسلىق - ئەتىكى مۇھتاجلىققا رازى بولغانلىق .[/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103257
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 853
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 10:01:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا بولغان كۆكتاتلار

كۆكتات بەدىنىمىزگە كېرەكلىك بولغان ۋىتامىن ۋە ھەر خىل مىنېرال ماددىلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، لېكىن بەزى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە سالامەتلىككە زىيانلىق ماددىلار بار، شۇڭا تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا بولغان كۆكتاتلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

1.پالەك، كۆك پۇرچاق، باش پىياز قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، چۆپ كىسلاتاسى ئادەتتە قىرتاق بولۇپ، ئادەمنىڭ تەم سىزىمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چۆپ كىسلاتاسى يەنە يېمەكلىك تەركىبىدىكى كالتسىي بىلەن بېرىكىپ، كالتسىي ئوكسالاتنى ھاسىل قىلىپ، كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، كالتسىي ئوكسالات يەنە بەدەننىڭ يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈرنى سۈمۈرۈشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلىدۇ، كىشىلەر بۇنداق كۆكتاتلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازىنىدا ئاسانلا تاش پايدا بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق كۆكتاتلارنى قورۇشتىن ئىلگىرى قايناق سۇغا بېسىۋېتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا كۆكتاتلاردىكى چۆپ كىسلاتاسىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

2. ياپىلاق پۇرچاق، سەي پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە بىر خىل زەھەرلىك ماددا ساپوگېنىن بار، بۇنداق ماددا ئاساسلىقى كۆك پۇرچاقنىڭ سىرتقى پوستىدا كۆپرەك بولىدۇ، بولۇپمۇ باش كۈزنىڭ ئالدى – كەينىدە مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق كۆكتاتلارنى يېگەندە ئاسانلا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ساپوگېنىندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قورۇش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، مەيلى قورۇش، دۈملەش ياكى سوغۇق سەي تەييارلاشتا بولسۇن چوقۇم تولۇق پىشۇرۇش لازىم. كۆك پۇرچاقنى ئادەتتە سۇدا ئون مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىش ياكى قايناق سۇغا بېسىپ قىرتاق تەمى يوقالغاندىن كېيىن ئاندىن قورۇش كېرەك.

3. بەرەڭگى ئادەتتە تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە ياكى يورۇقلۇق بار شارائىت ئاستىدا ئاسانلا بىخلىنىدۇ. بىخلانغان بەرەڭگىنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر خىل توكسىن ئىت ئۈزۈمى ئىشقارى بولىدۇ. بۇنداق ماددا ئادەتتىكى نورمال بەرەڭگىنىڭ تەركىبىدىمۇ بولىدۇ، تەكشۈرۈپ ئىنىقلاشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر 100 گىرام نورمال بەرەڭگى تەركىبىدە تەخمىنەن ئون مىللىگىرامدىن 20 مىللىگىرامغىچە ئىت ئۈزۈمى ئىشقارى بولىدىكەن، بىراق مىقدارى بەك ئاز بولغاچقا، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىكەن. ئەمما بەرەڭگى بىخلانغاندىن كىيىن، ئىت ئۈزۈمى ئىشقارىنىڭ مىقدارى خىلىلا ئېشىپ، ھەر 100 گىرامىنىڭ تەركىبىدە470 ~ 730 مىللىگىرام ئىت ئۈزۈمى ئىشقارى بولىدىكەن. ئادەتتە كىشىلەر 200 مىللىگىرام ئىت ئۈزۈمى ئىشقارى يېسىلا زەھەرلىنىدىكەن. بەرەڭگىنى قورۇشتىن ئاۋۋال ئەڭ ياخشىسى سۈزۈك سۇغا 30 ~ 60 مىنۇتقىچە چىلاپ قويغاندا، تەركىبىدىكى توكسىن سۇدا ئېرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قورىغاندا ئازىراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسىمۇ، بىر قىسىم ئارتۇق مىقداردىكى توكسىننى يوقاتقىلى بولىدىكەن.

4.سارغۇچ رەڭلىك چېچەكسەينىڭ تەركىبىدە بىر خىل كولخىتسىن دەپ ئاتىلىدىغان ماددا بولۇپ، بۇنداق ماددا ئۆزى زەھەرسىز، لېكىن ئاشقازان – ئۈچەي تەرىپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن بەدەندە زەھەرلىك بولغان ئوكسىدلانغان كولخىتسىنغا ئايلىنىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي قاتارلىق ئەزالاردا ياللۇغلىنىشنى، ھەتتا تەرەققىي قىلىپ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سارغۇچ رەڭلىك چېچەكسەينى بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ يېمەسلىك، يېيىشتىن ئىلگىرى ئۇزۇن ساپىقىنى ئېلىۋېتىش ھەم قايناق سۇغا باسقاندىن كېيىن يەنە سوغۇق سۇغا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق چىلاپ، ئاندىن تولۇق پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا كۆكتاتلار تېرىلىش، پىششىقلاش جەريانىدا دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە بەزى پارازىتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇش كېرەك.


مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى



[color=Blue]بۈگۈنكى تېرىشماسلىق - ئەتىكى مۇھتاجلىققا رازى بولغانلىق .[/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105352
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 360
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2014-3-26
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 11:36:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سېزگە  ئـەسـتە ساقلىۋالغۇدەك ،تۇرمۇش ساۋاتلېرنى يوللاپسېز ،ھارمىغايسېز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 11:36:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت ،كۆزۈم بەك بىئارام بولۇپ تۇرغانتى،دەل ۋاقتىدا يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە.

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40834
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4230
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 11:44:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت ،كۆزۈم بەك بىئارام بولۇپ تۇرغانتى،دەل ۋاقتىدا يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە.

ھەر خىل ئېلمىنىتلار ئادەم بەدىنىدە كەملەپ كىتىلگەندە نۇرمالسىزلىق كۇرىلىشى مۇمكىن
ۋاقتىنچە شۇ يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلىش بىلەنلا ئۇنۇمى بۇلوپ كىتىشى ناتايىن داۋاملىق ئستىمال قىلىپ بەرگەندە ئادەم بەدىنىدىكى ھەر خىل ۋىتامىن تەدىرىجى  تۇلۇقلىنىشى ....
كۇزىڭىزنى داۋالايمەن دەپ قۇرسىقىڭىزنى ئاغىرتىپ قۇيماڭ يەنە

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 11:53:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hanam يوللىغان ۋاقتى  2014-4-1 11:44 PM
ھەر خىل ئېلمىنىتلار ئادەم بەدىنىدە كەملەپ كىتىلگەندە ...

ۋاي ئۇنداق قىلمايمەن،مەنمۇ نەچچە يىل بولدى ئۇيغۇر تىبابىتى ئۈستىدە ئىزدەنگىلى،دىققەت قىلىمەن ،ئىلمىي بولمىغان ئۇسۇلدا داۋالاش ئېلىپ بارمايمەن،پەقەت شۇ مەن قىزىقىدىغان تىما بولغاچقا تىما يوللىغۇچىغا ئىلھام بېرىپ قويدۇم،مەن مىزاجغا قاراپ ئوزۇقلۇق تەڭشەشنى،دورا ئىشلىتىشنى بىلىمەن ،كۆڭۈل بولگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.راسلا خۇشال بولدۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 09:03:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋىلىشقا  تىگىشلىك .

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3004
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 733 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:00:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم،    پايدىلىنىپباقاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18636
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6578
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 378 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:46:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102385
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-1-16
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 11:07:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەزەر يوللىغان ۋاقتى  2014-4-2 10:46 AM
رەھمەت سىزگە.

Rhmat.siga.biliwaldim.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش