كۈندەشلىگى تۇتتى باھارنىڭ
تۆتتاش
كۈرۈپ باقماي تۇرۇپ باھارنى
سوغ شامالنى سۆيدى تال-چىۋىق.
بىر تال قۇشقاچ كىلىپ قونغىچە
جىگدىلەرمۇ چىقاردى قىلىق.
چىللاپ قويسا ئەگىزنى باھار،
لەۋلىرىنى بەردى كىملەرگە.
گۈزەلىككە تەشنا بۇ زىمىن
تولارمىدى باغۇ چىمەنگە.
كىم بوينىغا سالغاندۇ گېرە.
باھار كىلىپ كۆكەرگەن مايسا.
خۇش بۇلامدۇ بېدە يىلتىزى،
زىمىن يېشى ئەگىز بۇپ ئاقسا.
باھار دەپمۇ سايرىماس بۇلبۇل،
گۈل پورەكلەپ باغاش ئەتكەندە.
كۈندەشلىگى تۇتتى باھارنىڭ
سۆيۈپ بۇلۇپ ئۇچۇپ كەتكەندە.
باھار نەدە يۇلغۇن تېڭىرقاپ،
كائىناتقا بىرەر گۈل دەستە.
بىر جۈپ توشقان پىنھان بېقىشىپ،
يۇلغۇنلۇقتىن چىقار مىڭ تەستە.
2014-يىل 31- مارت
توقسۇ