مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8788|ئىنكاس: 25

ھىكايىغا ئوخشايدىغان راست ئىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102444
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2014-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 11:55:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھىكايىغا ئوخشايدىغان راست ئىشلار


(فېليەتون)





مەن قارابەگ ئەرىش لەشكەرلىرى قاتارىدا تۆۋەنگە چۈشۈپ، تۇنجى قىلغان ئىشىمىز، ئارىمىزدىكى 3 نەپەر خەنزۇ يولداشنىڭ ئامانلىقى، تۇرمۇشى، تاماقلىنىشى دىگەندەك ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياتاق قىلىنىدىغان ئىشخانىلارنى بىر تۇتاش رېمۇنت قىلىپ، دەرىزىلەرنى ئالماشتۇرۇش، سىمتورلاشتۇرۇش، ئىشىكلەرگە بىخەتەر ئىشىك بېكىتىش خىزمىتى بولدى.
بىخەتەر ئىشىكلەرنى بېكىتىش جەريانىدا ئىلچى شىركىتىنىڭ ئاينىڭ سۈرىتى ئويما نەقىش قىلىپ ئىشلەنگەن بىر ئىشىكى بېكىتىلىپ قاپتۇ. بىر چاغ بولغاندا يېزىلىق پارتىكومنىڭ سېكرىتارى ئەلپازىنى بۇزغان ھالەتتە كەنىتكە كىردى ۋە چالا ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزدا:
- قېنى، ئۇ ئىشىك؟- دەپ سورىدى.
- قايسى ئىشىك؟- جاۋاپ بەردى قۇرلۇشچى ئۇستام.
- ئاينىڭ سۈرىتى بار ئىشىكچۇ؟
- ھە، ئۇ ئىشىك ئەنە.
- ئاۋۇ ئۇيغۇرچە خەت نىمە دىگەن گەپ؟
- ئىلچى دىگەن گەپ.
- ئىلچى دىگەن نىمە گەپ؟
- ئىشىكنى ياسىغان شىركەتنىڭ ئىسمى.
- بۇ ئىشىكنى ئېلىۋەت
- نىمىشقا ئېلىۋېتىمىز، سىكرىتار؟
- ئۈستىدە ئاينىڭ بەلگىسى بار ئىكەن، شۇڭا ئېلىۋەت.
- ئاينىڭ بەلگىسى بولسا نىمە بولىدۇ، بىر ئوبدان پۈتۈپ بولغان تامنى يەنە چاقامدى.....
- بولدى قۇرۇق گېپىڭنى قوي، ئاينىڭ سۈرىتى بار ئىكەن، بولمايدۇ. ئىشىكنى ئېلىۋەت. مەن دىدىممۇ چوقۇم ئېلىۋېتىسەن. باشقىلار بۇ ئىشنى تېلىپۇن قىپتىكەن، مەن ناھىيىدىكى موھىم يىغىننىمۇ قويۇپ، بۇ يەرگە كەلدىم، كەچتە يەنە تەكشۈرىمەن، بۇ ئىشىكنى يەنە كۆرۈپ قالىدىغان بولسام........
شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇشچى ئۇستام قولىغا بازغاننى ئېلىپ، پۇتۇپ بولغان تامنى يەنە چېقىشقا باشلىدى....
كۆرۈپ تۇرغۇچىلاردىن بىرسى دىدى:-تۆۋۋە، كادىر دىگەن ئەجەپ قىززىق خەقكىنا، ئاينىڭ سۈرىتى نەقىشلەنگەن ئىشىكنى ئېلىۋېتىدىكەن، ئەجەپ ئاسماندىكى ئاينى ئېلىۋەتمەيدىكەن.

***                       ***                        ***

                        

مەن قارابەگ خىزمەت ئەترىتىدىكى ئىشلار تۈگەپ، بوش ۋاقىتلىرىمدا ياتاقتىكى كومپىيوتىردا قەرت ئوينىسام، مەسئۇل باشلىقىمىز "يوۇۋشى بۇشىڭ" دەپ ئوينىغىلى قويمىدى. قەرتنى ئېتىۋېتىپ ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاۋاتسام، مەسئۇل باشلىق ياتاققا كىرىپ:
- ناخشىنى ئۆچىرىۋەت-دىدى
- نىمشقا؟
- ئۆچىرىۋەت دىگەندىن كېيىن، ئۆچىرىۋەت.
باشلىق شۇنداق دىگىنىچە، ھومۇيۇپ قويۇپ، چىقىپ كەتتى. بەزىدە دىڭلىجۈننىڭ ناخشىلىرىنى قويۇپ بەرسەم، باشلىق "ناخشا ئاڭلاپسەن" دىيىش تۈگۈل، ئۆزىمۇ تۇيماستىن ناخشىغا غىڭشىپ كېتىدۇ. يات تېلدىكى ناخشىلارنى ئاڭلاۋېرىشكە رايىمىز بولمىغاچقا، كومپىيوتىرنى ئېتىۋېتىپ، بىكارچىلىقتا ئىچىمىز تىتىلداپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئارىمىزدىكى ھەييارى بىرەيلەن كەنتنىڭ ئاڭلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياتاققىلام ئەكىردى-دە، بارماق دىسكىسىدىكى ناخشا مۇزىكىلىرىنى چوڭ كانايدا بىۋاستىلا خەلىقنىڭ ئاڭلىشىغا قويۇپ بەردى. بۇنىڭغا باشلىق باشقا گەپ قىلمىدى.
بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا مەسئۇل باشلىق مەكتەپ بالىلىرىنىڭ چوڭ كانايدا چىقىۋاتقان ناخشىغا كەلتۈرۈپ، ئۇسسۇلغا دەسسىگەچ ئۆيلىرىگە قايتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
-مۇشۇنداق تەشۋىق قىلساڭلار ياخشى بولىدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئەتىگەندە، چۈشتە، كەچتە ناخشا قويۇپ بېرىڭلار.- دىدى.
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقانلاردىن بىرسى دىدى: تۆۋۋە، بۇ خەقنىڭ تۈگمىدەك ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ، تۈگىدەك ئىشلار بىلەن كارى بولمايدىغا خۇي-پەيلى قاچانمۇ تۈگەر؟

      

***                     ***                        ***



بۈگۈنمۇ ئادىتىمىز بويىنچە ئائىلە زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتۇق. بۇنى ئائىلە زىيارىتى دىگەندىن كۆرە، نوپۇس تىزىملاش دىسەك ياخشى بولاتتى. قىزىق يېرى مائارىپ، پىلانلىق تۇغۇت، ساقچى، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كەنت نوپۇسىنى تىزىملىغان، ئەمما بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان، توم-توم نوپۇس دەپتەرلىرى بار بولسىمۇ، بىز يەنىلا نوپۇس تىزىملاۋاتاتتۇق. بىر ئائىلە نوپۇسىنى تىزىملاشقا ئادەتتە يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ۋاقىت كېتەتتى. نوپۇسى ئازراق ئائىلىگە ئازراق ۋاقىت كەتسە، نوپۇسى كۆپرەك ئائىلىگە كۆپرەك ۋاقىت كېتەتتى. شۇنداق بولغاچقىمۇ ياكى ۋاقىت سەۋەپلىكمۇ كۆپىنچە ئائىلىلەرنىڭ نوپۇسىنى تىزىملاپلا يېنىپ چىقاتتۇق. بۇگۈن مەن قارابەگنىڭ ئىلھامى تۇتۇپ، سىياسەتتىن ئازىراق دەرس سۆزلىگۈم كەلدى.
دەرس سۆزلەۋېتىپ، يەرنى 30 يىللىق ھۆددىگە بەرگەنلىك توغرىسىدىكى مەزمۇنغا كەلگەندە دىخانلاردىن بىرسى پىكىر بەردى.
- مۇشۇ جەھەتتە مەن ئازىراق پىكىر بېرىپ باقسام،-دىدى دىخان، بىزگە قاراپ تۇرۇپ،-ھۆكۈمىتىمىز يەرنى 30 يىللىق ھۆددىگە بەرگەنلىكى ئۈچۈنغۇ بىز ئىنتايىن خۇش بولدۇق. بىراق يەرلەرنى ھۆددىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئالدى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ بولدى، بۇ باللىلارغا يەر بېرىلمىدى، بۇلار تېرىي دىسە يەر يوق، ئۆي سالاي دىسە يەر يوق، ئۆز يۇرتىدا مۇساپىر بولىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ كۈن ئالمىقىمۇ تەسلىشىپ كەتتى، شۇڭا ھۆكۈمەت دىخانلارنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىقىنى ئويلاپ كۆرگەن بولسا.
- بۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇڭ،-دىدىم، جاۋاپ بېرىپ- ھۆكۈمىتىمىز خەلىقنىڭ غېمىنى يەيدۇ، دىخانلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.
- يەرلەرنى ھۆددىگە بېرىپ بولغان تۇرسا، يەرنى نەدىن تېپىپ بېرىدۇ؟
- ھۆكۈمەتكە ئىشىنىڭلار، ھۆكۈمەت چوقۇم يەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.
ياندا تۇرغان دىخاندىن بىرسى دىدى:- ھە بىلدىم، ھۆكۈمەت بىكاردىن ئاي بىلەن مارىسنىڭ گېپىنى قىلمايدىكەندە، دەنا ھۆكۈمەت دىخانلارغا ئاي بىلەن مارىستىن يەر ئىزلەۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟

مەنبە: ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-23 12:34 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7420
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 854 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 12:44:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭقۇر مەنالار يۇشۇرۇنغان   ....
راسىت ئىشلار خاتىرسىكەن بۇ

ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1080
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 12:54:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى مەزمۇنلاركەن. تېما ئىگىسىگە رەھمەت

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96286
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 01:19:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاخىردىكى دىخاننىڭ گىپى خىېلى تەسىر قىلدى ماڭا..دىمسىمۇ بۇنداق ئىشلار كۆپ.تۇغۇلغانغا بەرمەيدۇ ،ئۆلگەندىن تارتىۋالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 04:37:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەككە باغۇدەك تىمىدىن بىرسى ئۇچىردى ، داۋامى بامىدۇ

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورە العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَەِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورە القلم

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5034
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1423 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 04:55:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى.....
تېما ئىگىسى ھارمىغايسىز،يەنە مۇشۇنداق راست ئىشلار خاتقرىسى بىلەن مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرغايسىز........

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 05:03:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6920
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 05:25:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋەنگە چۈشكەنلەرنىڭ ھىچنىمىگە پايدىسى بولمىسىمۇ دىھقانلارنىڭ بىر قىتىم دەردىنى سۆزلىۋىلىشىغا ئەس قاتىدۇ. بۇ خۇددى ئۇسساپ كەتكەن ئادەمگە گەرچە بىر پىيالە سۇ بەرمىسىمۇ بىر كۆلىنىڭ سۈيىنى بىر قىتىم كۆرسىتىپ قويغاندەك.

ھىچ بولمىسا تىمىدىكىدەك بىر قىتىملىق يۇمۇرلۇق تۈس بىرىپ دىھقاننىڭ بىر قىتىم بولسىمۇ كاللا قاتۇرىشىغا كاتالىزاتور بولىدۇ. دىھقانلارمۇ يۇقىرىدىكى كادىرلار بىلەن تۆۋەندىكى كادىرلارنىڭ ئاساسەن ئوخشاشلىقىنى بىلەلەيدۇ.

سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3106
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 05:38:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن مەنىسى  چۇڭقۇركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4984
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2094 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 05:39:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋەندىكى بەزى ئىشلارغائادەمنىڭ ئەقلى ھەيران قالىدۇ،قاتتىق ئۆي ئاختۇرۇشلارئەۋىج ئېلىپ كەتكەن مەزگىللەردەبىركۈنى كېچىسى ئۆيىمىزگەئاختۇرۇشقاكەلدى.ئۇلارنىڭ ئاختۇرمىغان يوتقان كۆرپىلەرنىڭ ئارىسى،ئۆيدىكى ساندۇق ئىشكاپلارنىڭ ھىچقايسسى قالمىدى،شۇنداق ئاختۇرۇش نەتىجىسىدە ئۆيدىكى  كىتابلىرىم،ئشلىتىۋاتقان ئۇزۇنراق ئارغامچىلار،ئۇزۇنراق توك سىملىرى،تەنتەربىيەبۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئائىلېنىڭ گۇمانلىق ئائېلەدەرىجىسىنى بىراقلاكۆتۈرۈۋەتتى،دىنى مەزمۇنلاردىكى كىتابلارنىغۇبىرنىمۇقويمىدى ئەممائاتلاش تانىسى،ھېلىقى بىلەكتەك چوڭلۇقتائىگىپ ئوينايدىغان پۇرژىناقاتارلىقلارنى مۇسادىرەقىلغىنى پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى.ئارغامچا،توك سىملىرى ئۈچۈن بىرنەچچەكۈن سۇئال-سوراقنى باشتىن كەچۈردۇق،بۇنداق بىمەنەيالغانغائوخشايدىغان راسىت ئىشلارنىڭ كۆپلىكىدەئادەمنىڭ ھەيران قالماي ئامالى يوقكەن.............

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن./static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش