 |
 |
 |
 |
مېنىڭ چۆچىكىم
ئۈچ قېرىنداش بار بولۈپ، بىرسىنىڭ ئىسمى تەكەببۇر، بىرسىنىڭ بىغەم، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى غەيرەتلىك ئىكەن...
ئۇستازى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن لۆڭگە بېرىپ:
-بالىلىرىم، مەن بىر كاتتا مەرىكىگە بارىمەن، بۇ مەرىكە مەيدانىغا نۇرغۇن ئىشىكلەردىن ئۆتكەندىلا بارغىلى بولىدۇ، تۇنجى ئىشىكنىڭ ئىسمى پاكىزلىق, قولۇڭلاردىكى لۆڭگىنىڭ پاكىزلاش خاسىيىتى بار، شەرت شۇكى،-كۈندە بەش نۆۋەت مۇشۇ لۆڭگە بىلەن يۈزۇڭلارنى سۈرتۇڭلار، كىر-داغلارنى ئالىدۇ، بۇ لۆڭگىنىڭ نامى <ناماز>، قاسماق ھالىتىڭلار بىلەن بۇ مەرىكىگە سەپەر قىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭلار! قاسماق خۇمارى بار يىلانلار سىلەرنى يەپ قويمىسۇن، دەپ ۋەسىيەت قىلىپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. تەكەببۇر ئۇستازىنى خۇراپى دەپ قارىغاچقا لۆڭگىنى چۆرۈپ تاشلاپتۇ. چىرايىنى قاسماق بېسىپ، تونىغۇسىز بولۇپ كېتىپتۇ.
بىغەم بولسا لۆڭگىسىنى چىرايلىق قاتلاپ تەكچىگە ئېلىپ قويۇپتۇ. بەزىدە ئۇستازى يادىغا يېتىپ مەرىكىنى ئەسلىگىنىدە ئۆزىدىن خۇرسىنىپ ئۇھ تارتىپ، لوڭگىنى قولىغا ئېلىپ يۇزىنى سۈرتۈپمۇ قويىدىكەن. ئەمما بىردەمدە يەنە كىرگە پىشىلىپ كېتىدىكەن.
غەيرەتلىك لۆڭگىسىنى يېنىدىن ئايرىماي، ئۇنى غەلدى- غەشلەردىن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپتۇ ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا يۈزىنى سۈرتۈپ تۇرۇپتۇ. چېھرىدىن نۇر توكۈلۈپ تۇرىدىكەن...
ئايلار ئۆتۈپتۇ. تەكەببۇرنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى قاسماق بېسىپ, تېرىسىنىڭ ئەسلى رەڭگىنىمۇ بىلگىلى بولمىغۇدەك بولۇپ كېتىپتۇ. ھەتتا بۇ كىر-توڭرىلار ئچىگە ئۆتۇپ، قەلبىنى تاشتىنمۇ بەكرەك قاتۇرۇۋېتىپتۇ. ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ, قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۈلگە قىلمىغانلىغىدىن غەزەپلىنىپ, ئۇلارغا ياخشى-يامان ئۇسۇللار بىلەن سۇيقەست قىلىشقا باشلاپتۇ.
بىغەم غەيرەتلىككە ھەۋەسلىنىدىكەن، ئۆزىنىڭ ئالا-پاساق بولۇپ كېتىۋاتقان بەدىنىگە قاراپ ھەسرەت چېكىدىكەن، ئەپسۇسكى ئۇنىڭ لوڭگىسى يەنىلا توپا-چاڭ باسقان ھالدا پەشتاقتا ئىكەن.
تەكەببۇرنىڭ سانسىز تۆھمەت ھوجۈملىرى ئىچىدە تۇرسىمۇ، غەيرەتلىك يەنىلا ئۇستازىنىڭ كۆرسەتمىسىنى چىڭ سىقىمداپ قەلبى ئازادە ھالدا ياشاپ كەلمەكتە ئىكەن.
يىللار ئوتۈپتۇ. ئۈچ قېرىنداش ۋەيرانە ھويلىسىنىڭ ئالدىدا قانغا مىلىنىپ يېتىپ، مىسلىسىز سەمىمىلىك بىلەن ئەڭ-ئەڭ ئاخىرقى نىدالىرىنى بايان قىلماقتا ئىكەن.
_ يا رەببىم، مېنى يوقتىن بار قىلدىڭ ۋە ھەققە مۇيەسسەر قىلدىڭ. ھەددى-ھىساپسىز نېمەتلىرىڭ قاتارىدا ئاتا قىلغان ئەقىل پاراسەتنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىمان لەززىتىنى تېتىدىم. نىمىنى قىلغان بولسام سېنىڭ رازىلىغىڭ ئۈچۈن قىلدىم نىمىنى تەرىك ئەتسەم سېنىڭ رازىلىغىڭ ئۈچۈن تەرك ئەتتىم. شۇ ئەمەللىرىمنىڭ مۇكاپتى سۈپىتىدە پۈتۈن ھاياتىمنى مەنا ھەم دىل ھوزۇرى ئىچىدە ئۆتكۇزىشىمگە نېسىپ قىلدىڭ. شۇكرى ئى ئاللاھ, ئازابىڭدىن پاناھلىق تىلەيمەن. قېرىندىشىم بىغەمنى مەغپىرەت قىلغىن, قېرىندىشىم تەكەببۇرغا ئەڭ ئاخىرقى تىنىغىدا بولسىمۇ شاھادەت كەلىمىسىنى نېسىپ قىلغىن،- دەپتۇ ۋەشاھادەت ئېيتىپ جان ئۈزۈپتۇ. قېرىنداشلىرىغا قارىغىنىچە قېتىپ قالغان قارىچۇقلىرىدا بەختىيارلىق جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن.
ئى ئاللاھىم، شۇ تاپتا ئۆزەمدىن ئۇيىلىۋاتىمەن، غەزىپىڭدىن قورقۇۋاتىمەن، بولۇمسىزلىغىم تۈپەيلى ھەر دائم ئۆزەمنى غەيرەتلىككە سېلىشتۇرماي, تەكەببۇرغا سېلىشتۇرۇپ ئۆزۈمنى ئالداپ كەلدىم. مېنى كەچۈرگىن, رەھمىتىڭگە مۇيەسسەر قىلغىن!_دەپتۇ بېغەم. ئۇنىڭ ئۆمرى شاھادەتنىڭ يېرىمىنى ئېيتىشقىلا يار بېرىپتۇ. كۆز قاراقلىرىدىن ئۈمىد ۋە تەشۋىش تەڭ جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن.
تەكەببۇر ئاسمانغا قاراپ غۇدىراپتۇ، ھەر كۈندىكى ئاشۇ ئېسىل نازۇ-نىئمەتلەر بىرەر قېتىممۇ تىلىمغا تېتىپ باققىنى يوق. ئېسىل سارايلىرىمدا بىرەر كېچە بەھۇزۇر ئۇيقا تاپالمىدىم. ئىچكەن كاتتا شاراپلار نە كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرالىسۇن؟ نە ئازابىمنى پەسەيتەلىسۇن؟ بۇ ئۆمرۇمدە نە لەززەت بولسۇن؟
ئاندىن ئۇ بىغەمگە غەزەپلىك قاراپ،- سەن ئەزەلدىن ماڭا سادىق بولۇپ باقمىدىڭ, ئالدىمدا شۈك تۇرغىنىڭ بىلەن ئىچىڭدە مەندىن نەپرەتلەندىڭ, ئۇچۇغدىسام دۈگدەيدىڭ, غەيرەتلىككە ھەمدەم بولۇشنىڭ ئىلاجىنى ئىزدەپلا كەلدىڭ, ناۋادا تۇرالىغان بولسام ئاشۇ كۆزلىرىڭگە قولۇمنى تىقىۋەتكەن بولاتتىم،- دەپتۇ تەكەببۇر ۋە غەيرەتلىككە قاراپ،- مېنى قىينىغان, ساڭا بولغان ئالەمچە ئۆچمەنلىككە سەۋەپ بولغان نەرسە سېنىڭ ئەخمەقلىغىڭ. ساڭا شۇنچە ئازار-كۈلپەتلەرنى يەتكۈززەممۇ شۇ ئەسكى لۆڭگىدىن ۋاز كەچمىدىڭ. كۆزۈڭدىكى شۇ بەختىيارلىق بارغانسېرى ئوغامنى قايناتتى، نەتىجىدە قاراقچىغا مۇرت بولۇپ ئۆيگە باشلىدىم. ئۇ قول سالىدىغان ئورۇن ۋە پەيتنى سەمىگە سالدىم. ئۇ ساڭا قول سالغاندا سۆيۈندۈم چاي تۇتتۇم، بىغەمگە قول سالغاندا سۈكۈت قىلدىم. ئاقىبەت ئۇ ئۆز ئادىتى بويىچە ماڭا تىغ ئۇردى.مەن بۇنى تەلەپ قىلمىغان ھەم كۈتمىگەن ئىدىم. لېكىن يەنىلا سەندىن تەلەيلىك ئىكەنمەن, ھىچ بولمىسا سەندىن بىر نەچچە سىكونت ئارتۇق ياشىدىم. تۇرالىغىنىمدا ئىدى ئاشۇ كۆزلىرىڭنى چايناپ تاشلايتتىم،- دەپتۇ ۋە ئاچىق ئىڭراپ جىم بوپتۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە قېتىپ قالغىنى پۇشايمان ۋە چوڭقۇر نادامەت ئىكەن.
مەنبە ئۆزۈم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-23 09:08 AM
|
 |
 |
 |
 |
|