مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3569|ئىنكاس: 4

شېئىرى تېپىشماقلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن خىياللاردىن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8730
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8136
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 02:21:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!  مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق دوستلار،ياخشىمۇ سىلەر؟ ھەممىڭلارنىڭ ئەزىز تەنلىرى سالامەت بولسۇن!  مەن بۈگۈن غۇلجا ناھىيە ئارا ئۆستەڭ يېزا ئويمان بايتوقاي كەنتىدىكى دېھقان  ئابدۇخېلىل كېرىم ئاكىنىڭ تۆت كۇبلىت شېئىرى تېپىشمىقىنى يوللىدىم.   بۇ ئاكىمىزنىڭ شېئىرى تېپىشماقلىرىنىڭ تىلى يەڭگىل،راۋان، تېپىش ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.  تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى يوللىمىدىم.  تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپقان مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ئاپتور بىلەن بېۋاستە تېلېفۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە،بۇ ئاپتورنىڭ تەۋسىيىسى. بۇ ئارقىلىق بۇ ئاكىمىزغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرەلىسەك تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش قىلغان بولىمىز.  شېئىرى تېپىشماق ئىشلىتىش ئېھتىياجى بارلار ئاپتور بىلەن بېۋاستە ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

   ئاپتور : ئابدۇخېلىل كېرىم
   تېلېفۇن : 15299024693

          1
جالا-جالا ئۈنچىدەك،
رەڭگى قارا،ئاق،قىزىل.
يېسە قانار باغرىڭىز،
تەمى تاتلىق بىر ئېسىل.

        2

ئىچى قىزىل ئوتقاشتەك،
باردۇر قارا ئۇرىقى.
يېشىل كىمخاپ تون كىيگەن،
يەر شارىدۇر تۇرقى.

         3

ئوخشاپ كېتەر يۈرەككە،
ئەمما،ئۇنىڭ قېنى بار.
چىشلەپ كۆرسەم مەن ئۇنى،
نەدە ئۇنىڭ جېنى بار؟!

       4

قىزىل،قارا ھەم قىرلىق،
نەقىشى بار تېشىدا.
ئەزىز بىلىپ خەلقىمىز،
كۆتۈرۈپ يۈرەر بېشىدا.

مەن خىياللاردىن ئۆزۈمنى ئىزدەيمەن.

مەيلىمۇ يا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 550
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212089
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1416 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 12:38:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2.تاۋۇز
4.دوپپا


قالغىنى ئامانەت

بەلكىم شۇنداق يارالغاندىمەن!                                                                                                سايىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102977
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 12:56:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2 تاۋۇز
3 شاپتۇل
4 دوپپا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 02:57:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2.تاۋۇز
3.بۆلجۈرگەن
4.دوپپا

1- بىلمىدىم.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75725
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 399 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 05:43:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. ئۈزۈم
2.تاۋۇز
3.بۆلجۈرگەن
4.دوپپا

سەۋىرننىڭ تىگى ئالتۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش