 |
 |
 |
 |
ئۆزلۈكگە تەبىرىم
ئۇزاقلاردىن بىرى ئۆزلۈك ئاتالغۇسىغا بىرىلگەن خىلمۇ-خىل ئىزاھاتلارنى كۆرۈپ كىلىۋاتىمىز. داڭلىق يازغۇچى، ئەربابلىرىمىزمۇ بۇنڭغا قارىتا مەنىسى چۇڭقۇر، سۆزلەر ئارقىلىق تەبىر بىرىپمۇ ئۆتتى.
مەسىلەن: ئۆزلۈك- ئۇ بىر چىمدىم چىلان رەڭلىك تۇپراق.
ئۆزلۈك- ئۇ مەن، ئانامنىڭ ئەللىيى.
ئۆزلۈك-..............
ھەممىسى ئاجايىپ جايىغا چۈشكەن، ئوبرازلىق ئوخشۇتۇشلار. شۇنڭغا ئوخشاش مەنمۇ بۇ سۆزگە ئۆز تەبىرىمنى، بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئىددىيەسىنى چۈشىنىپ-چۈشەنمەي كۆرگەن، ئامىرىكا كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرى (يىلتىز) فىلىمدىكى يۇقىرقى دىئالوگلار ئارقىلىق يىشىم بىرىپ باقماقچى.
مىنىڭ ئىسمىم كونتاكىنتى
- ئىسمىڭ نىمە؟
- ئىسمىم كونتا... كونتاكىنتى...
(زەرىب بىلەن تەگكەن يىلان قاسراقلىق قامچىنىڭ جاننى ئالىدىغان ئازابىدىن كىيىن)
-سىنىڭ ئسمىڭ توبى، خوجايىنىڭ سىنى چاقىردىغانلىقىنى بىلىۋال، سىنىڭ ئىسمىڭ نىمە؟
- مىنىڭ ئىسمىم كونتاكىنتى، ماندڭگو جەڭجىسى كونتا كىنتى
-ئىسمىڭ نىمە؟!!!
-.........
ئۆزلۈك - ئۇ دەبدەبىلىك سۆزلەرگە تويۇنغان، ئاڭلىغان كىشىنى بىردەملىك ھاياجانغا سالىدىغان لوزۇنكا سۆزى ئەمەس. ئۇ يۇقارقى كۆرنۈشتىكى ئىغىر دەملەردە بىر ئىغىز زاتىدىن تانماسلىقدۇر.
پەرۋەر
2014-يىلى10-نەۋرۇز
|
 |
 |
 |
 |
|