ئوماق ئۇكامغا ئاتاپ
ۋاقىتلار توختاۋسىز تىزلا ئۆتۈپتۇ
ساڭىمۇ بىر يىل بوپ بەش ئاي ئېشىپتۇ
ساڭا بەك تەقەززا بولغان جۈپ كۆزلەر
ئەمدى بەك خۇش بولۇپ نۇرغا تولۇپتۇ
كۆزئاچتىڭ دۇنياغا ئۇلۇغ بىر كۈندە
ھەممىمىز يىنىڭدا ھەمرا كۈن تۈندە
ھىچكىممۇ قىلچىلىك ۋايساپ باقمىدى
چۈنكى سەن بىزلەرگە بىرەتتىڭ كۈلكە
سەن كىلىپ بۇ ئۆيدە مەشرەپلەر بولدى
كۆڭۈلسىز ئىشلارمۇ ئەسلىمە بولدى
چۈنكى شۇ داداممۇ شادلىققا تولغان
بۇرۇنقى قاپاقلار تۈرۈلمەس بولدى
قىلغان بىر ئىشىڭمۇ بىزنى كۈلدىرەر
ئۆيلەرنى قىزىتىپ بىر بازار قىلار
ناۋادا ھېرىپ سەن ئارام ئېپ قالساڭ
بۇ بازار بەئەينى زاراتگاھ بولار
جان ئۇكام سەن بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز
سەن قوشقان تۆھپىلەر ھەددى-ھىسابسىز
چوڭ بولۇپ ياراملىق يىگىت بولۇشقا
ھەممىمىز ئاز-كۆپتىن كۈچلەر قاتىمىز
ئاپتور:ئالىمجان تۇرسۇن ئاتەش ئوغلى