مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2843|ئىنكاس: 8

ئۆزلۈكىمىزدىن ئانىلىق سەپىرىدىكىلەرگە نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99042
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 11:33:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزلۈكىمىزدىن ئانىلىق سەپىرىدىكىلەرگە نەزەر
جەمىلە قېيۇم (چەشمەزۇلال)


ئانا دېگەن بىر ئاجايىپ مېھرى ئىسسىق پەرىشتە،
پەرىشتىلىك سۈپەت بىلەن ئۇنىڭ ئورنى ئەرىشتە!
دەپ يازىدۇ بىر قېرىندىشىمىز.
«ئانا» ئۇ كۆرۈنۈشتە ئاددىي بىر ئايال، ئەمما شۇ ئاددىيغىنە بارلىقتا مىڭبىر رەڭلىك ئالەم مۇجەسسەمدۇر. «ئانا»دىن ئىبارەت پەرىشتە سۈپەت ئىنساننىڭ بولمىشىدىن بۇ سىرتقى ئالەمدىكى گۈزەللىك، ئىنسانلاردىكى چىن مېھىر-مۇھەببەت ۋە سۆيۈش، سۆيۈلۈش بارلىققا كەلگەن. «ئانا» ئۇ ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى، دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل كەشپىيات ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇئەللىپلىرى ئەنە شۇ ئانىنىڭ سۈتىدىن قاناتلىنىپ، ئانا روھىدىن كۆككە كۆتۈرۈلگەنلەردۇر. «ئانا» ئۇ ھاياتلىقتىكى زۇلمەتنى نۇرلاندۇرغۇچى، ئانىنىڭ «تۇغۇت»دىن ئىبارەت ھايات-ماماتلىق غازىتىدا ھەقىقىي ھاياتلىق يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، بارچىنى ئۆزگەرتكۈچى غالىپ يېتىشىپ چىقىپ ئالەمنى جۇلالاندۇرىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ روھىدىن قۇۋۋەت، جىسمىدىن ئۇزۇق ئېلىپ بارلىققا كەلگەن ئاشۇ كاتتا مۆجىزە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان، ئەجرىدىن ئالەم شاتلانغان كاتتا ئالىم، بەلكىم دۇنيانى زىل زىلىگە سالغان كەشپىياتچى، بەلكىم روھلارنى ئويغاتقۇچى ئۇستا ناتىق، بەلكىم ھاياتلىق تېنىقىنى ئۇلىغۇچى مۇدىر ۋىراچ دوختۇر، ھەم يەنە بەلكىم ھەممە جېنىغا جان، روھىغا ئوزۇق بېغىشلاۋاتقان، ساداقەت ۋاپانى ئۆزىدە مۇجەسسەملەپ ھالال تەر ئاققۇزىۋاتقان ئاددىي دېھقان. شۇنداق، مانا مۇشۇ كۆرۈنۈشىدە ئاددىي ئايال، ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىنىڭ ساھىپخانى ئانا يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك كېلەچەكنى ئۆزگەرتكۈچى، يوقلۇقنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ يىلتىزى. پەقەت ئادەم بالىسىنىڭلا بولماستىن بەلكى جەمئىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ، كېلەچەكنىڭ ئانىسى.

223901eaem4tkoa7bvmzaf.jpg.thumb.jpg



بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ۋە كېيىنكى كۈنلەرگە ئۇلىشالىشىدىكى ھالقىلىق كۈچ. دېمەك ئۇ تەرەققىياتنىڭ ئانىسى. مانا پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۆزگىرىش، يۈكسىلىش، گۈزەللىك، ھايات-ماماتلىق، تەرەققىيات، شاتلىق، ناخۇشلۇق ھەممىسى «ئانا»دىن ئىبارەت بۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتىكى، بىز «ئانا»دىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ زاتنى ئۇلۇغلاش مەرتىۋىسى بىلەن بىرگە يەنە مىللەت، كەلگۈسى، كېلەچەككە باغلانغان ئۈمىد، مەجبۇرىيەت بۇرۇچلاردىن ئىبارەت ۋەزنى ئېغىر بولغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئۇنىڭ ئاجىز يەلكىسىگە ئارتىپ قويغىنىمىز دەر ھەقىقەت. بەلكىم «ئانا»دىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ مەرتىۋىگە نائىل بولىشى دەل شۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەپ، زەپەردەس تۇرالىغانلىقىدىندۇر. تۇرمۇش رېتىمى بارغانسېرى تېزلىشىپ، تۈرلۈك ئىشلار مىخانىك ھالدا تېخنىكىلىق ئورۇندىلىۋاتقان، ئادەملەرنىڭ قەدەملىرى تېزلەپ، ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىش پۇرسىتى ئېشىنمايۋاتقان بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە، بىز مۇناسىۋەت تورلىرى، ئىجدىمائىيەت قايناملىرى ئۈچۈن روھى ئويغاق قىزلارغا، ئانىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ مېھىرىگە ۋۇجۇد ۋۇجۇدلىرىمىزدىن ئېچىرقاش بىلەن تەلپۈنىۋاتىمىز.

ھەم شۇنداقلا مەيلى ئۆزلۈك ئىزلەش كۆرەشلىرىدە بولسۇن ۋە مەيلى شەرىئەت ئەھكاملىرىدا بولسۇن، ئانىلارنىڭ، ئانىلىق سەپىرىگە ئاتلانماقچى بولغان ۋە ئاتلانغانلارنىڭ زېممىسىگە «مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىلارغا باغلىق.»، «ئائىلىنىڭ بەخت-سائادىتى ئاياللار قولىدا.»، «ئانا ئانىدەك بولمىسا، بالا بالىدەك بولمايدۇ.»، «مېھىر-ۋاپا، نۇمۇس-ھايا ئانىدىن باشلىنىدۇ»... ۋەھاكازالار دېگەندەك پەلسەپىۋىي، نەزىرىۋىي چۈشەنچىلىرىمىز بىلەن بارلىقىمىزنىڭ مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلەپ، ئۆزلىرىمىزنىڭ ئانىلاردىن، قىزلاردىن كۈتكەن ئۈمىد، ئارزۇ، ئېھتىياجلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويدۇق. ھەمدە ئۇلارنىڭ مىللەت، ئۆزلۈك، شەرىئەت، ۋەتەن مۇھەببىتى تەقەززاسى بويىچە ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق.
ئەمما بىز ئويلاپ باقتۇقمۇ؟؟ ئانىلار، كەلگۈسىدە ئانا بولىدىغان ئانىلىق سەپىرىگە ئاتلىنىدىغان قىزلىرىمىز نېمىگە ئېھتىياجلىق؟ زادى نېمىلەر ئۇلارنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئاشۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، بىزنىڭ ئېچىرقاشلىرىمىزنى بارلىققا كەلتۈردى؟ نېمە سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ھەممە تىلىنى لال قىلىدىغان سۇباتلىق، زەپەردەس قىياپەتلىرى پۈكلىنىدۇ؟ ئانىلارنىڭ بىزنىڭ مۇھتاجلىرىمىزنىڭ جىسمانىيىتى مەھكۇم قىلغان كېسەل كارىۋاتلىرىدا بىز ئىسمىنى ئاڭلىغان ئاڭلىمىغان تۈرلۈك كېسەللەرگە قۇل بولۇپ ئېڭراپ، زوۋىلىسىغا پۈتۈلگەن ئاياللىق جاسارىتى بىلەن لەۋلىرىنى چىشلەپ چىداپ يېتىۋاتقانلىقىنى تەن ئالىمىز ئەلۋەتتە، ئانىلارنىڭ جىسمانىيىتىدىكى بۇ ئاجىزلىق ئاستا–ئاستا ئۇلارنىڭ روھىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرماقتا. بۇ ھالدا ئۇلاردىن بىز يەنە نىمىلەرنى كۈتەلەيمىز؟
بىز ئۇنتۇپ قالدۇق، راستلا ئۇنتۇپ قالدۇق. «ئاۋۋال ھەرە بېقىپ ئاندىن ھەسەل يىغىش»دىن ئىبارەت ئەقەللىي قائىدىنى ئۇنتۇپ قالدۇق. «ئاھ ئانا!»، «جېنىم ئانا!» دەپ ئۇرغۇلۇق ھېسسىياتلىرىمىزنى ئىپادىلىدۇقيۇ، ئەمما ئۇلار ئۈچۈن ئېلىش بولدى، بېرىپ باقمىدۇق. «قىزلار بىلەن دۇنيادۇر دۇنيا.»، «ئانام ئۇلۇغ، باغرى جەننەتتۇر ماڭا!» دەپ ناخشا-داستانلارنى ئوقۇدۇق، ھېكايە، رومانلارنى يازدۇق. شۇ ئارقىلىق ئۆز مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچى بولدۇقكى، ئەمما ئۇلارنىڭ شۇ ھارغىن، چارچىغان يەلكىللىرىنى يىنىككىنە ئۇۋىلاپ جىسمانىيىتىگە راھەت ھورۇز بېغىشلاپ مەڭزىمىزنى ئۇنىڭ ئىللىق مەڭزىگە ياقمىدۇق. «روھى، مەنىۋىيىتى كۆكلىسە، ئۆزى كۆكلەيدۇ، بويى كۆكلەيدۇ» دېگەندەك ئۆزىمىز ياسىۋالغان چىرايلىق پەلسەپەلىرىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى ئاۋۇندۇرۇپ يۈردۇقكى، ئەمما قىزلىرىمىزنىڭ، ئانىللىرىمىزنىڭ جىسمانىيىتىگە قول سالغان مۇدھىش كېسەللەر بىلەن ئۇلارنى مېھرى سوغۇق كېسەل كارىۋاتلىرىدا كۆرگىنىمىزدە بولسا ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولىۋاتقىنىنىڭ يالغۇز روھى ساغلاملىقلا بولماستىن، بەلكى ئۇلارنى زەپەردەس تۇرغۇزىۋاتقان جىسمانىيىتى، جىسمانىي ساغلاملىققىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق.

ئادەم پەقەت روھىيەت، مەنىۋىيەت بىلەنلا ئۆرە تۇرمايدۇ، جىسمانىي ۋە مەنىۋىي ساغلاملىق بىرلەشكەندىلا ئاندىن ھەر قايسى قاتلاملاردىكى فونكىسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، كىشىلىك تۇرمۇش، ئەقلىي ساپالىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم روھى ئويغاق كىشىلىرىمىز بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىپ كەلگۈسىنىڭ نىجاتكارى، ئۇلۇغ ئانىلىرى بولغان قىز-ئاياللارغا بولغان كۆيۈنۈش، ئاسىراشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، تىرىشماقتا ھەم شۇنداقلا ئۆز ئەمىلىىتىدە تەدبىقلاپ ئايالدىن ئىبارەت ئايالغۇچىنىڭ مۇھتاجلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەم ياردەمدە بولۇپ ھالىغا يېتىپ بىرلىكتە گۈزەل كېلەچەك، چىن ئۆزلۈكنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. يېڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان تىرىشچان، ئىزدىنىشچان، ئىجتىھاتچان بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز ئەنە شۇ پىكرى ئويغاق كىشىلىرىمىزنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇ ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشلىرى ئارقىسىدا قۇرۇلغان «پەرىشتە ئانا-بالا تورى (www.anabala.com)» دەل شۇنداق ئانىلار، ئاياللار، ئانىلىق سەپىرىگە ئاتلانغان ۋە ئاتلانماقچى بولغانلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ھەققىدىكى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش، ئۇلارغا ياردەمدە بولۇش، ھەم شۇنداقلا كەلگۈسى ئەۋلادلانىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەمدە بولۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان تور بەت بولۇپ، ئانىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئەڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان تۇغۇتتىن ئىبارەت قانلىق جەڭگاھنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە شۇ ۋاقىتلاردىكى بېقىنىش، كۈتۈنۈش، پەرزەنت تەربىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەزەرىيەۋىيلىك تېببىي خارەكتېرگە ئىگە بىلىملەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، ئانا بولغان ۋە ئانىلىق سەپىرىگە ئاتلانغان مېھرىبانلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەپ كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ بەختى-سائادىتى، مېھرىبانلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرنى بىز سەۋەبىنى بىلمەسلىكتىن ئۆتكۈزىمىز. كۆپ ھاللاردا ئالدىن توغان سېلىشقا سەل قارايمىز. «پەرىشتە ئانا-بالا تورى» دەل ئانىلىق سەپىرى ئۈچۈن ئالدىن سېلىنغان توغاندۇر.
«پەرىشتە ئانا-بالا تورى» ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن تۇرمۇشقا يېقىن، پايدىلىق، ساغلام، نادىر مەزمۇنلىرىنى كومپيۇتېر (www.anabala.com)، يانفون (يانفوندا بىۋاسىتە ئېچىش ئادرېسى: m.anabala.com) ۋە يانفون ئەپ نەشرى (چۈشۈرۈش ئادرېسى:www.anbala.com/m.apk) قاتارلىق شەكىللەردە ئانىلىق سەپىرىگە ئاتلانغان ۋە بۇ سەپەردىكىلەرگە يوللۇق تۇتۇپ كەلمەكتە. ھەم شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى بولغان مېھىرىبانلىرىمىزغا، كېلەچەكنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەۋلادلىرىمىزغا، «ئانا»دىن ئىبارەت ئۇلۇغ سەپەرگە ئاتلانغان ئانىلىرىمىزغا ۋە ئاتلانماقچى بولغان غۇنچە بوي قىزلىرىمىزنىڭ ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك تىلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ سەپەرلىگە ئۇتۇق، تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

ئانا-بالا تورى مۇنبىرى بۈگۈن يېڭىچە قىياپەت بىلەن كەڭ تورداشلارغا ئېچىۋېتىلدى

ئۈندىدار نومۇرۇم: uyghur2012

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 657 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 01:54:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەتئەللىكنىڭ ئورنىغا ئۆز ئانىمىزنىڭ سۈرىتىنى قويساق ياراشمامدىكەن؟
ئەتراپىمىزدىكى  سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ سۈرىتىنى  قويساق ياراشمامدىكەن؟تەكلىماكاننىڭ  ئىچىدە بالىسىنى باغرىغا بېسىپ ئولتۇرغان ئانىلارنىڭ فوتو  رەسىمى بولمىسا،رەسساملىرىمىزسىزغان  جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ رەسىمى  يوقمىكەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11545
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 506 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 03:21:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ ئانا ›  دېسە  يۈرىكىم  بىر  تىترەيدۇ....
ئانا  دېگەن  بۇ  نامنىڭ  ۋەزنى  ھەقىقەتەنمۇ  ئېغىر  تۇيۇلىدۇ .
دۇنيادىكى  بارلىق  ئانىلارغا  خۇددى  ئۆزۈمنىڭ  ئانىسىدەكلا   ھۆرمىتىم  بار !
ئۇلۇغ  ئانىلىرىمىز  ئامان  بولسۇن !

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2955
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 08:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەدەف يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 01:54 PM
چەتئەللىكنىڭ ئورنىغا ئۆز ئانىمىزنىڭ سۈرىتىنى قويساق ي ...

بۇ تېمىنى باشقا يەدىن چاپلاپ ئەكەلگەن ئوخشايدۇ ، ( بەلكىم ).

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2955
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 08:14:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئانىمىزنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەيلى ۋە ئاسرايلى . بىزنى قىزىل قۇتتەك ۋاقتىمىزدىن باشلاپ باققان ئەمەسمۇ ، نىمە قىلساق ئەرزىيدۇ .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85696
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 10:33:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئانىلىرىمىزنىڭ (نامى ئۇلۇغ،سۇپۇرىسى قۇرۇق) بوپ قالماسلىقىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104212
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-2-28
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 02:26:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئانىمىزنى   ئاسرايلى   دوسلار

ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 05:30:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانىڭ قەدرىگە ئاتا-ئانا بولغاندا يېتىمىزكەن.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 05:30:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xabnam00 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 10:33 AM
شۇ ئانىلىرىمىزنىڭ (نامى ئۇلۇغ،سۇپۇرىسى قۇرۇق) بوپ قالم ...

ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى!

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش