 |
 |
 |
 |
ساغلاملىق - پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسى
دۇنيانىڭ بايلىقى يەھۇدىلارنىڭ يانچۇقىدا
يەھۇدىلارنىڭ بايلىقى ئۆزلىرىنىڭ كاللىسىدا
----دۇنياۋى ئادەت سۆز
يەھۇدىلار ھېسابقا ماھىر . دەم ئالماي ئىشقا ئۆزىنى ئۇرۇۋەتسە ، ئۆمۈرىنىڭ قىسقىراپ كېتىدىغانلىقىنى ، دەم ئېلىشنىمۇ قولدىن بەرمەي ، ئىشنى چېغىدا ئىشلىسە ، ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تەن سالامەتلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ . سالامەتلىكنى پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسى دەپ قارايدۇ . 2000يىللىق سەرسان - سەرگەردانلىق ، سان - ساناقسىز قىرغىنچىلىق داۋامىدا يەھۇدىلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمىگەن . بۇنىڭدىن يەھۇدىلارنىڭ تەن سالامەتلىككە نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . يەھۇدىلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى . ساغلام ، كۈچلۈك بەدەن توغرا بولغان ساغلاملىق قارىشىدىن كىلىدۇ . يەھۇدىلار ئوزۇقلىنىشقا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ئاجايىپ نازۇنېمەتلەر ۋە مەززىلىك تائاملار بىلەن ئوزۇقلانغاندا ، بەدەن تەبىئىي ھالدا قۇۋۋەتلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەھۇدىلار پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ھەر كۈنى بىر قېتىم يۇيۇنىدۇ . يەھۇدىلار تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپلىق ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدۇ ، ئۇلار ئاجايىپ ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ . تەبىئىي قانۇنىيەتكە بويسۇنغاندىلا ، تەن مۇقەررەر ھالدا ساغلام بولىدۇ . بۇرۇقتۇرمىلىق ، سەپرالىق ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ . يەھۇدىلار دەم ئېلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ ئوبدان دەم ئېلىشمۇ تەن سالامەتلىكنىڭ مۇھىم كاپالىتى . راھەت كۈنىدىكى 24 سائەتنىڭ ھەممىسىدە يەھۇدىلارنىڭ ھاراق ئىچىش ، تاماكا چېكىش ۋە ھاۋايى - ھەۋەس بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ . بۇ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە زېھنى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە زور پايدىلىق .
مەنبە : ‹‹ يەھۇدىلارنىڭ سىرى ›› ناملىق كىتاب
2014- يىل 3 - ئاينىڭ 8-كۈنى
|
 |
 |
 |
 |
|