مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2518|ئىنكاس: 8

ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (4) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 09:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر ( 4 )
(ئەدەبىي ئاخبارات)
تۇرسۇن ياسىن

سەپەر داۋاملاشماقتا

    2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ھاۋا ئوچۇق ئىدى. بىز ھەممىمىز كۈيئوغلۇمنىڭ ماشىنىسى بىلەن بېلگىيەگە قاراپ يولغا چىقتۇق.
     گېرمانىيەنىڭ تاشيول بويلىرى نىمىدىگەن گۈزەل ھە! بىز بۆك-باراقسان ئورمان بىلەن قاپلانغان يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتىمىز. مەن تاشيول بويلىرىدىكى ياپيېشىل قارىغايزارلىقلار، ئارچىزارلىقلار، شەمشاتزارلىقلاردىن كۆزۈمنى ئۈزەلمىگەن ھالدا يۇرتىمىزنىڭ تاشيوللىرىنى ئەسلەپ قالدىم. يۇرتىمىزنىڭ يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول بويلىرىدا يېشىل بوستانلىقلار ئاز، قاقاس سايلىق، چۆل-جەزىرىلەر كۆپ ئىدى، بۇ چۆللۈكلەردىن چىقىپ بولغىچە ئادەمنى ئۇيقۇ بېسىپ كېتەتتى. ئەمما، گېرمانىيەدىكى يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول بويلىرىدا بولسا، يۇرتىمىزدىكىدەك قاقاس سايلىقلارنى، چۆل-جەزىرىلەرنى زادىلا كۆرگىلى بولمايدىكەن، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنىمۇ قاچۇرۇۋىتىدىكەن. ماشىنىمىز بەزىدە لەرزان ئېقىۋاتقان دەريالارنىڭ كۆۋرۈكلىرىدىن ئۆتسە، بەزىدە ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر جىلغىنىڭ كۆۋرۈكلىرىدىن ئۆتۈپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى.
      -يول ئۈستىدە كۆلىن شەھرىگە كىرىپ ئۆتەيلى،-دىدى قىزىم،-ئۇ شەھەردە ياۋروپا بۇيىچە ئەڭ ئىگىز بىر قەدىمىي چىركاۋ بار دەپ ئاڭلىغانىدىم، يول ئۈستىدە بولغاندىكىن كىرىپ كۆرۈپ ماڭايلى.
        كۈيئوغلۇم ھەيدەپ كېتىۋاتقان ماشىنا يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ ئوڭغا بۇرۇلدى. بىردەمدىن كىيىن كۆلىن شەھرىگە كىرىپ كەلدۇق. كۆلىن چىركاۋسى ھەقىقەتەن ناھايتى ھەيۋەتلىك ئىكەن، ئىگىزلىكىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، ئىشقىلىپ 15-20 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىگىزلىكى بىلەن تەڭدەك قىلاتتى. دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ئۈستىگە قاتارلىشىپ تۇرغان قەدىمىي كىشىلەرنىڭ تام ھەيكەللىرى ئۇيۇلغان ئىدى. ئىگىزرەك بىر جايدا بۇ چىركاۋ قۇرۇلۇشىنىڭ 1248-يىلى باشلىنىپ، 1880-يىلى ئاخىرلاشقانلىقى خاتىرلەنگەن چوڭ خەت ئۇيۇقلۇق تۇراتتى. 600نەچچە يىلدا ئاران پۈتكەن بۇ قەدىمىي ئىمارەتنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمىمۇ خېلى چوڭ ئىكەن، بەزى جايلىرى رىمۇنت قىلىنىۋىتىپتۇ. بىز چىركاۋ ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ باقتۇق. چىركاۋ ئىچى ناھايتى چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك بۇلۇپ، بىر چەتتىكى قاتارى كەتكەن ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىگە بىرەر يۈزچە شام يېقىپ قويۇلۇپتۇ. تاملاردا نەپىس ئىشلەنگەن ھەرخىل تام سۈرەتلىرى بار ئىدى. چىركاۋغا كىرىپ-چىقىپ تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى. مەن چىركاۋ ئىچىنى بىردەم ئايلىنىپ بۇلۇپ چىقىپ كىتەي دەپ تۇرۇشۇمغا، نېرىراقتا قاراپ تۇرغان بىر پوپ ئالدىمغا كىلىپ بېشىمدىكى دوپپامنى كۆرسىتىپ بىرنىمىلەرنى دەپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىدىم-دە، ئىشىك تەرەپنى كۆرسىتىپ، ھازىرلا چىقىپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. سىرتقا چىققاندىن كىيىن بۇ ئىشنى ھەمراھلىرىمغا دەپ بەردىم، ئەسلىدە پوپ ماڭا باش كىيىمىڭىزنى ئېلىۋىتىڭ، دىگەنىكەن. چىركاۋغا يالاڭباشتاق كىرىش خىرىستيانلارنىڭ بىر قائىدىسى بولسا كېرەك.
      چىركاۋنىڭ يېنىدا ئالتە قەۋەتلىك بىر قەدىمىي ئىمارەت بۇلۇپ، ئۇنىڭ سىرتىغا ئۇيۇلغان بەلگىدىن بۇ ئىمارەتنىڭ 1709-يىلى پۈتكەنلىكى خاتىرىلەنگەن ئىدى. بۇ قەدىمىي ئىمارەت ھازىر بىر كاتتا مېھمانسارايغا ئايلىنىپتۇ. چىركاۋ ئالدىدىكى مەيداندا ئادەملەر ناھايتى كۆپ ئىدى، ئۇنىڭ ئەتراپىغا قەھۋەخانىلار، ھەرخىل دۇكانلار ئورۇنلاشقان ئىدى. بىز بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقتىمىزنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، كۆلىن شەھرىدىن ئايرىلىپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ماشىنىمىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول باشلاش قۇرۇلمىسىنىڭ قوماندانلىقى بىلەن يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تېز ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.. بىزنىڭ بارىدىغان مەنزىلىمىز بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن شەھرى بۇلۇپ، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 770 كىلومېتىر كىلىدىكەن، سائېتىگە 100 كىلومېتىر ئەتراپىدا ماڭساق، 7-8 سائەتتە بارالايدىكەنمىز. بىراق، بىز ئۇدۇل مېڭىۋەرمەي كۆلىن شەھرىدە ئازىراق ھايال بۇلۇپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەنزىلىمىزگە كېچىكىپ بارىدىغان بولدۇق. ئوزاق ئۆتمەي قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بارا-بارا قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. يول چىراقلىرى بولسىمۇ يانمىغان ئىدى. ھەمراھلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى تىجەشكە بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن، شۇڭا توكنى  تىجەش ئۈچۈن ئۇزۇن يوللۇق تاشيولنىڭ يول چىراقلىرىنى ياندۇرمايدىكەن. خېلى ئوزاق ماڭغاندىن كىيىن، بىز كېتىۋاتقان يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يول چىراقلىرى ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى.
      -مانا، بېلگىيە چىگرىسىغا كىردۇق.-دىدى كۈيئوغلۇم.
       ئەسلىدە بىز گېرمانىيە تەۋەلىكىدىن چىقىپ بېلگىيە تەۋەلىكىگە كىرگەن ئىكەنمىز. بېلگىيە چىگرىسى ئىچىدىكى يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ چىراقلىرى يولنى خۇددى كۈندۈزدىكىدەك يوپيۇرۇق يۇرۇتىۋەتكەن ئىدى. بېلگىيەلىكلەر توك تىجەشكە كەلگەندە گېرمانىيەلىكلەردەك پىخسىق ئەمەسكەن، بىز بېلگىيە چىگرىسى ئىچىدىكى يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا خۇددى يوپيۇرۇق شەھەر كوچىلىرىدا كېتىۋاتقاندەك ماڭدۇق. ياۋروپا ۋاقتى كەچ سائەت 11دىن ئاشقاندا ئاران ئانتۋېرپېن شەھرىگە يىتىپ كەلدۇق. كىچىك ئوغلۇم بىزنى ئۆيىدە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۇزۇن يولنى بېسىپ سەل چارچىغان ئوخشايمىز، تاماقتىن كىيىن ئارام ئالدۇق.
     ئەتىسى ئەتىگەندە ئوغلۇم ئىشىغا كەتتى،( ئۇ كۈندۈزى ئىشلەپ كەچتە مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن). قالغانلىرىمىز بۇ شەھەردىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز بۇيىغا بارماقچى بولدۇق. باشقىلار تەييارلىنىپ بولغىچە مەن بىردەم ئايلىنىپ كەلمەكچى بۇلۇپ سىرتقا چىقتىم. بۇ ناتونۇش شەھەرنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن قىسقا كوچىلىرى ناھايتى كۆپ ئىكەن. مەن بىر-ئىككى كوچىنى ئايلىنىپلا قايتارمەن دەپ ماڭغان ئىدىم، كېم بىلسۇن، بىر كوچىدىن چىقىپ يەنە بىر كوچىغا كىرىپ، ئەندى قايتاي دىسەم ئۆزۈم ئەسلىدە كىرگەن كوچىنى تاپالماي، بىر دەمدىلا ئېزىپ قالدىم. ئۇ كوچىدىن بۇ كوچىغا، بۇ كوچىدىن ئۇ كوچىغا كىرىپ ئۆي بار كوچىنى تاپالماي يۈرسەم، ماشىنا بىلەن مىنى ئىزدەپ چىققان كۈيئوغلۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئېزىپ يۈرۈشتىن قۇتۇلدۇم. ئەسلىدە باشقا ھەمراھلىرىم تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ ئەمدى ماڭايلى دەپ ئىشىك ئالدىغا چىقسا، مەن پات كەلمەپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئايالىم بىلەن قىزىم پىيادە بىر تەرەپكە، كۈيئوغلۇم ماشىنا بىلەن يەنە بىر تەرەپكە مىنى ئىزدەپ چىققانىكەن. ھەممىمىز جەم بولغاندىن كىيىن، بېلگىيەنىڭ غەربىدىكى دېڭىز بۇيىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئالا ھەزەل بىرەر سائەتچە  ماڭغاندىمىز، بروگ دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك شەھەرگە يىتىپ كېلىپ، ئۇدۇل دېڭىز بۇيىغىلا باردۇق.
     بروگ - كىچىك شەھەر بولغىنىغا قارىماي، بىر پورت شەھرى ئىكەن. بىز يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، پىرىستاندا توختىغان كىچىك تىپتىكى يۈك پاراخۇدلىرىنى كۆردۇق. پىرىستاننىڭ نېرىسىغا ئۆتۈپ قارىساق، قۇملۇق دېڭىز ساھىلى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولدى. بۇ بىر كەڭ كەتكەن قۇملۇق بۇلۇپ، دېڭىزغا يېقىن جايلىرى نەم ئىدى. دېڭىز سۈيى تاشقاندا بۇ قۇملۇقلارنى بېسىپ كېتىدىكەن، دېڭىز سۈيى يانغاندا قۇملۇق يەر يۈزىگە چىقىدىكەن. خەرىتىدىن قارىغاندا، بۇ دېڭىز ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى شىمالى دېڭىز بۇلۇپ، بروگ شەھرى سەل ئىگىزرەك، دېڭىز سەل پەسرەك جايلاشقان ئىكەن. يەرلىك ئاھالىلار ۋە ساياھەتچىلەر دېڭىزنىڭ قىرغاققا يېقىن جايلىرىدا سۇغا چۈمۈلىدىكەن. قۇملۇق دېڭىز ساھىلىدىكى يول ياقىسىدا بىر-بىرىگە تۇتاش سېلىنغان نۇرغۇن كىچىك ئۆيلەر بۇلۇپ، تۇمۇز ئىسسىق ياز كۈنلىرى دېڭىزغا سۇغا چۈمۈلگىلى كەلگەن كىشىلەر بۇ ئۆيلەردە كىيىم-كىچەك ۋە نەرسە-كېرەكلىرىنى ساقلايدىكەن. لېكىن ھازىر كۈز پەسلى باشلىنىپ ، ھاۋامۇ ئانچە ئىسسىق بولمىغاچقا، بۇ كىچىك ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى دىگىدەك تاقاقلىق تۇراتتى. دېڭىز بۇيىغا سۇغا چۈمۈلگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ ئانچە كۆزگە چېلىقمايتتى. بۇ كۈنى شامال بولمىغاچقا، دېڭىز سۈيىمۇ دولقۇنلىماي تېپتېنچ تۇراتتى.
      بىز دېڭىز بۇيىدا ئىككى سائەتتىن كۆپرەك سەيلە قىلغاندىن كىيىن، كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتتۇق. دېڭىز بۇيىغا بارىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئاساسەن تېرىلغۇ يەرلەر ئىكەن، يول بويلىرىدىكى بۇغدايلىرى يىغىلىپ بولغان ئېڭىزلىقلاردا توپ-توپ كالىلار ئوتلاپ يۈرەتتى. كەچ كىرىشتىن خېلى بۇرۇنلا ئانتۋېرپېنغا قايتىپ كەلدۇق. كىچىك ئوغلۇممۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيدە بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئايالىم بىلەن قىزىم ئاشخانىغا كىرىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى. كەچلىك تاماقتىن كىيىن ئوغلۇم مەكتەپكە كەتتى، شەنبە، يەكشەنبىدىن باشقا چاغلاردا ئۇنىڭ كۈنلىرى تولىمۇ ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدىكەن.
    بۇ شەھەر بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئارىلىقى بىر سائەتلىك يول بولغاشقا، كۈيئوغلۇم بىزنى گوللاندىيەگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلمەكچى بولدى. يىمەك-ئىچمەكلىرىمىزنى يېتەرلىك تەييارلىۋالغاندىن كىيىن، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستىردام شەھرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ۋىزا كەتمەيدىكەن، ئىككى دۆلەتنىڭ چىگرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بىرلا پاسىل تاختىيى ئورنۇتۇلغاندىن باشقا، ھىچقانداق چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى، چېگرا قاراۋۇلخانىسى دىگەنلەر يوق ئىكەن. بىز گېرمانىيەدىن بېلگىيەگە كىلىشتە بولسۇن ياكى بېلگىيەدىن گوللاندىيەگە بېرىشتا بولسۇن، ماشىنىمىز ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسىدا توختىماي ئۆتۈپ كېتىۋەردى. يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تەخمىنەن ئىككى سائەت ئەتراپىدا يول يۈرگەندىن كىيىن، ئامىستىردام شەھرىگە يىتىپ كەلدۇق.
     ئامىستىردام شەھرى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، شۇنداقلا گوللاندىيەنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى ھىساپلىنىدىكەن . دېڭىز بۇيىغا جايلاشقان بۇ پورت شەھرى دېڭىز يۈزىدىن پەسرەك بولغاشقا، «سۇ ئاستى شەھىرى« دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بۇ شەھەردە سۇنئى قېزىلغان 165 قانال بۇلۇپ، شەھەرنىڭ قايسىلا كوچىسىغا كىرسە، كوچىنىڭ ئوتتۇرىسى قانال، ئىككى تەرىپى ئاپتۇمۇبىل ۋە پىيادىلەر يولى ئىكەن. قاناللاردا ھەرخىل كىچىك كېمە، قېيىقلار قاتناپ تۇرىدىكەن. بەزى جايلاردا قانال بۇيىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئۇلى سۇغا چىلىشىپ تۇرىدىكەن. قاناللارنىڭ ھەر 4-5 يۈز مېتىر ئارىلىقىغا بىردىن كۆۋرۈك سېلىنغان بۇلۇپ، بۇ كۆۋرۈكلەر ئارقىلىق بىر كوچىدىن يەنە بىر كوچىغا ئۆتكىلى بۇلىدىكەن.
   بىز بىر قانال كۆۋرۈكىدە تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشىۋاتقان ئىدۇق، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاق تەنلىك ئىككى ياش بىزنى كۆرۈپ، يېنىمدا تۇرغان قىزىمدىن ئېىنگىلىز تىلىدا:
     -سىلەر ئۇيغۇرمۇ؟-دەپ سورىدى.
    -ھەئە، بىز ئۇيغۇر، بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟- دىدى قىزىم ئۇنىڭغا. ھىلىقى ياش مىنى كۆرسىتىپ:
-ماۋۇ كىشىنىڭ بېشىدىكى دوپپىسىدىن بىلدىم، مەن شىنجاڭغا بارغان، مۇشۇنداق دوپپا كەيگەن ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن.-دىدى ۋە ئۇيغۇرچە «رەھمەت» دەپ  بىز بىلەن خوشلۇشۇپ كېتىپ قالدى. ئۇ چاغدا مىنىڭ بېشىمدا چىمەن دوپپا بار ئىدى. شۇ ئىشتىن كىيىن مەن دوپپىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋۇلى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئەگەر مەن بېشىمغا دوپپا كىيىۋالمىغان بولسام، ھىلىقى ئاق تەنلىك ئىككى ياش مىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى نەدىن بىلسۇن!
ئامىستىردام شەھرىنىڭ مەركىزىدە «دام مەيدانى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەيدان بۇلۇپ، تۈرلۈك يىغىلىش ۋە پائالىيەتلەر ئادەتتە مۇشۇ مەيداندا ئۆتكۈزىلىدىكەن. پائالىيەت بولمىغان كۈنلەردىمۇ بۇ مەيدان ناھايتى ئاۋاتلىشىپ كېتىدىكەن. بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، بۇ مەيداندا سان-ساناقسىز كەپتەرلەر ئادەملەردىن قىلچىمۇ ئۆزىنى قاچۇرماي، يەردە دانلاپ يۈرۈيدىكەن، ھەتتا كىشىلەرنىڭ مۈرىلىرىگە، بىلەكلىرىگە قونۇۋالىدىكەن. ئاسمانغا قارىسىڭىز، سان-ساناقسىز كەپتەرلەر بوشلۇقتا ئۇچۇپ يۈرۈيدىكەن. لېكىن بۇ كەپتەرلەرنى ھىچكىم تۇتمايدىكەن. مەن ئويلاپ قالدىم، بۇنداق ئىگىسى يوق كەپتەرلەر ئەگەر بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا بولغان بولسا ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ ياشاش ھوقوقىدىن مەھرۇم قېلىپ، «كەپتەر شورپىخانىسى» غا كىرىپ كەتكەن بۇلاتتى. ئەمما بۇ يەردە كەپتەرلەر بىلەن ئىنسانلار ئۆزئارا دوستانە ئۆتىدىكەن، شۇڭا كەپتەرلەرمۇ بىخارامان ياشاۋىرىدىكەن. مانا بۇ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنىڭ بىر ئىپادىسى بولسا كېرەك.
بىز دام مەيدانىدىن چىقىپ، بۇ شەھەرنىڭ قەدىمىي تار كوچىلىرىنى ئارىلاپ كۆردۇق. كەڭلىكى 4-5 مېتىر كېلىدىغان بۇ تار كوچىلارغا سودا ۋە مۇلازىمەت خاراكتىرلىك ھەرخىل دۇكانلار جايلاشقان ئىكەن. بىز بىر رېستۇرانغا كىرىپ ئۇسسۇزلۇق ئىچكەچ، ئۆزىمىز ئېلىۋالغان يىمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىۋالدۇق. بۇ ئەتراپتا قاناللار كۆپ بولغاچقا، پاراخۇد، كېمىلەر توختايدىغان پىرىستانلارمۇ كۆپ ئىكەن. ئەينەك تەگلىك سەيلە كېمىلىرى ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ پۈتۈن شەھەردىكى قاناللارنى ئايلاندۇرۇپ سەيلە قىلدۇرىدىكەن. بىراق، بىزنىڭ ۋاقتىمىز يىتىشمىگەنلىكتىن سەيلە كېمىلىرىگە چۈشەلمەي قالدۇق. چۈنكى، چۈشتىن كىيىن يەنە بېلگىيەگە قايتمىساق بولمايتتى. قايتىش يولىمىزدا شەھەر ئەتراپىغا چىقىپ، چوڭ پاراخۇدلار قاتنايدىغان كەڭ قانال بۇيىدا بىردەم توختىدۇق. بۇيەردىكى قانال شەھەر كوچىلىرىدىكى قاناللاردىن نەچچە ھەسسە كەڭ كۆرىنەتتى. ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ دېڭىزغا چىقىدىغان ھەشەمەتلىك سەيلە پاراخۇدلىرى ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئامىستىردام شەھرى ھەقىقەتەن بىر كۆرۈپ كېلىشكە، ساياھەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان شەھەر ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ كۆرۈشكە تىگىشلىك يەنە نۇرغۇن جايلىرى بولسىمۇ، ۋاقتىمىز يىتىشمەي قالدى. ماشىنىمىز يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول بىلەن بېلگىيەگە يۈرۈپ كەتتى. تېخى كەچ كىرمىگەن ئىدى. بىز كېتىۋاتقان تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەل-دەرەخلەر ئارىسىدا بەزى مەھەللىلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
-گوللاندىيەنىڭ يېزىلىرىنى كۆرۈپ باقمايلىمۇ؟-دىدى كۈيئوغلۇم ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىۋىتىپ. بۇ تەكلىپكە ھەممىمىز قوشۇلدۇق. ماشىنا يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ، ئوڭ تەرەپتىكى بىر كىچىك يولغا بۇرالدى. بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن بىر مەھەللىگە كىردۇق. بۇيەردىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى بىر-بىرىگە تۇتاش بولماستىن، بەلكى بۇيەردە بىر ئائىلە، ئۇيەردە بىر ئائىلە دىگەندەك تارقاق جايلاشقان ئىكەن. ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپى ياپيېشىل بۇلۇپ، ئىشىكى ئالدىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدىكەن، ئۆيى ئارقىسىدىكى قوتانلىرىدا ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق قويلار بېقىلىدىكەن. ئوتلاقلاردا ۋە زىرائەتلىرى يىغىلىپ بولغان ئېتىزلاردا ئالاچىپار كالىلار ئوتلاپ يۈرۈيدىكەن. بۇيەردىكى دېھقان ئۆيلىرىنىڭ سىرتىدىن قاراپ ئۆي ئىگىسىنىڭ ھال كۈنىگە باھا بەرگىلى بۇلىدىكەن. بىز گوللاندىيە يېزىلىرىدىكى مەھەللىلەرنى بىردەم ئارىلىغاندىن كىيىن، يەنە كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتىپ يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چۈشتۇق. بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن شەھرىگە يىتىپ كەلگىنىمىزدە گۇگۇم چۈشكەن ئىدى.
بىر كۈن يول يۈرۈپ، سەيلە-ساياھەت قىلىپ ھاردۇق يەتكەن ئوخشايدۇ، ئوغلۇمنىڭ ئۆيىدە كېچىسى ناھايتى ياخشى ئۇخلاپتىمىز. ئەتىسى چۈشتىن كىيىن ھەممىمىز بىرلىكتە ئانتۋېرپېن شەھرىنىڭ كوچىلىرىنى ئارىلاپ، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ بىر قىسىم تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆردۇق ۋە دېڭىزغا تۇتىشىدىغان قانال بويلىرىنى سەيلە قىلدۇق. كۈيئوغلۇم ئەتە بىزنى پارىژغا ئاپارماقچى بولغان ئىدى. شۇڭا كەچ كىرىشتىن بۇرۇنلا ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق. ئانتۋېرپېن شەھىرى بىلەن فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھرىنىڭ ئارىلىقى 300 كىلومېتىر ئەتراپىدا بۇلۇپ، بىر كۈنلۈك ساياھەتكە تازا باپ كىلىدىكەن. كۈيئوغلۇمنىڭ ماشىسى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەندىلا بىزنى پارىژغا ئېلىپ ماڭدى.
ماشىنىمىز يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سائېتىگە 100 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتاتتى. مەيلى بېلگىيە چىگرىسى ئىچىدە بولسۇن ياكى فرانسىيە چىگرىسى ئىچىدە بولسۇن، بىز يولبۇيى بىرەر پارچىمۇ قاقاس سايلىق، چۆل-جەزىرىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، ياپيېشىل بوستانلىق، چىمەنزارلىق ئىچىدە ماڭغاچقا، ئادەم قىلچىمۇ زېرىكىشلىك ھېس قىلمايدىكەن. بىز يول ياقىسىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن كۆزىمىزنى ئۈزەلمىگەن ھالدا مېڭىۋىرىپ، پارىژ شەھرىگە يىتىپ كەلگەنلىكىمىزنى سەزمەي قاپتىمىز.
پارىژ شەھرى 200 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە مەشھۇر مەدەنىيەت شەھىرى بۇلۇپ، ئۇنىڭ تارىخى فرانسىيە تارىخىدىنمۇ ئۇزۇن، دەپ قارىلىدىكەن. پارىژ-ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، شۇنداقلا دونيا بۇيىچە ئەڭ ئاۋات پايتەختلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدىكەن.ماشىنىمىز ئىگىز قەۋەتلىك بىنالار ئوراپ تۇرغان شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى كەڭ ئاسفالت كوچىلاردىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل مەشھۇر قەدىمىي ئىمارەتلەر جايلاشقان شەھەر مەركىزىدىكى ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئەتراپىغا كىلىپ توختىدى. پاھ، نىمىدىگەن ھەيۋەت، نىمىدىگەن كاتتا مۇنار بۇ ! مانا بۇ بىز كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ئىدى. بەزى ماتىرىياللاردىن كۆرۈشۈمچە، بۇ ھەيۋەتلىك مۇنار پارىژنىڭ سىمۋۇل خاراكتىرلىك قۇرۇلۇشى بۇلۇپ، 1889-يىلى ياسالغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئومۇمى ئىگىزلىكى 324 مېتىر بۇلۇپ، ئەينى چاغدا بۇ مۇنارغا 7000 توننا پۇلات، 12 مىڭ دانە مېتال بۆلەك، 2 مىليۇن 500 مىڭ دانە پەرچىم مىق ئىشلىتىلگەن، ئۇ تەشمە نەقىش قۇرۇلمىلىق تۆمۈر مۇنار بۇلۇپ، دونيا قۇرۇلۇش تارىخىدىكى كاتتا مۆجىزە دەپ تەرىپلىنىدىكەن.
ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئەتراپى ناھايتى گۈزەل بۇلۇپ، كۈمۈشتەك بۇژغۇن چاچرىتىپ ئېتىلىپ تۇرغان فۇنتانلار، ياپيېشىل چىمەنزارلىقلار، بۆك-باراقسان ئورمانلار، سۈپسۈزۈك سۈيى لەرزان ئېقىۋاتقان سېنا دەرياسى ئادەمنى بەكمۇ جەلپ قىلىدىكەن. شۇڭا دونيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇيەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. دۆڭ تەرەپتىكى بىر كاتتا بىنانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قارايدىغان بولسا، ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەر شۇنداق ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل كۆرىنىدىكەن.
-چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان مەنزىرىلەرنى كۆردۈم،-دىدى ئايالىم بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە قاراپ. بىز ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئاستىغا باردۇق. بۇيەرنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان دىسەكمۇ بۇلىدۇ، ھەرخىل ئېرق، ھەرخىل مىللەتتىكى كېلىۋاتقان، كېتىۋاتقانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى، بىرقىسىم كىشىلەر مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كېتىۋاتاتتى، بىر تەرەپتە كىشىلەر ناھايتى ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇراتتى. بۇ ئەسلىدە تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئۈستىگە چىقىش ئۈچۈن بېلەت ئالىدىغانلارنىڭ ئۆچرىتى ئىكەن. ئاڭلىشىمىزچە، بۇ تۆمۈر مۇنار ئۈچ قەۋەتكە بۆلىنىدىغان بۇلۇپ، 1-2-قەۋەتلىرىدە رېستۇران بار ئىكەن، 3-قەۋىتىگە كۆزىتىش تەكچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، بۇيەردە تۇرۇپ خېلى يىراقتىكى مەنزىرىنى كۆرگىلى بۇلىدىكەن. ئەمما بىز شۇ كۈنى يەنە قايتىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ۋاقتىمىز يىتىشمەي ئۆچرەتكە كىرمىدۇق. مۇنار ئەتراپىدا ئادەم بەك كۆپ بولغانلىقتىن، فرانسىيەنىڭ ئامانلىقنى قوغدايدىغان ئاتلىق ساقچىلىرى ئەتراپنى چارلاپ يۈرۈيدىكەن، تۆمۈر مۇنارىنىڭ يېنىدا يەنە بىر ساقچىخانىمۇ بار ئىكەن.
ئىككى قىرغىقى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان سېنا دەرياسى گۇيا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك، ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئەتراپىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ھەرخىل سەيلە كېمىلىرى ۋە يۈك كېمىلىرى دەريادا توختىماي قاتناپ تۇراتتى. سېنا دەرياسىنىڭ يېنىدا ساياھەتچىلەر ئارام ئالىدىغان بىر باغچە بۇلۇپ، باغچىدىكى سايە تاشلاپ تۇرىدىغان دەل-دەرەخلەر ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ياپيېشىل چىملىقلار، يول بويلىرىدىكى قاتار كەتكەن ئورۇندۇقلار ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنى سەيلە قىلىپ ھېرىپ كەتكەن ساياھەتچىلەرگە ئارامبەخش ھۇزۇر ئاتا قىلاتتى. بىز بۇيەردە بىر پەس ئارام ئالدۇق. قوللىرىدا ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ھەرخىل مۇدىللىرىنى كۆتىرىۋالغان كۆچمەن سېتىقچىلار بىرسى كەتسە بىرسى ئالدىمىزغا كىلىپ، قوللىرىدىكى مۇنار مۇدىللىرىنى بىزگە تەڭلەپ تۇراتتى. بىز باھادا كىلىشەلمەي بۇ مۇدىللارنى ئالمىدۇق، ئۇنىڭ سۈپىتىگىمۇ ئانچە ئىشەنچ قىلالمىغان ئىدۇق. بۇ سېتىقچىلار 4-5 تىن توپلۇشۇپ يۈرۈيدىكەن، يىراقتىن ساقچىلارنى كۆرۈپ قالسا قېچىپ كېتىدىكەن.
بىزنىڭ پارىژدا تۇرىدىغان ۋاقتىمىز كۆپ ئەمەس ئىدى. شۇڭا ماشىنىمىزغا چىقىپ، شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ماڭدۇق. سېنا دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر جايدا ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل بىر كۆۋرۈك بار ئىكەن. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى بېشىغا نەپىس ياسالغان ئىككى مۇنار ئورنۇتۇلغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئۇچىدا كۆركەم ھەيكەللەر قەد كۆتىرىپ تۇراتتى. مۇنارنىڭ ئەتراپلىرىغىمۇ قەدىمكى دەۋىردىكى پارىژلىقلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھەيكەللەر قوپۇرۇلغان ئىدى. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى بېشىغا ياسالغان چىرايلىق رىشاتكىلار ۋە نەپىس يول چىراقلىرى بەكمۇ كۆركەم كۆرۈنەتتى. بىز بۇيەردە يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. كۆۋرۈكنىڭ نېرى ياقىسىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپى كەڭرى كەتكەن ياپيېشىل چىملىق بۇلۇپ، كىشىلەر بۇيەردە ئارام ئالغاچ ئاپتاپقا قاقلىنىدىكەن. ئۇنىڭ نېرىسىدا بىر قەدىمىي ئىمارەت قەد كۆتىرىپ تۇراتتى. ئىمارەتنىڭ ئالدىدا قاتار كەتكەن قەدىمىي زەمبىرەكلەر ئورنۇتۇلغان ئىدى. قارىغاندا بۇيەر تارىختىكى مۇھىم بىر خاتىرە جاي بولسا كېرەك، ئەمما بىز بۇ خاتىرە جاينىڭ نىمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدۇق.
   پارىژ شەھرىنىڭ ئەڭ جەلپكار جايلىرىنىڭ بىرى بولغان دىگولل مەيدانىدىكى زەپەر دەرۋازىسى ئىنتاين ھەيۋەتلىك ۋە مەشھۇر بۇلۇپ، پارىژ شەھرىنىڭ يەنە بىر سىمۋۇل خاراكتىرلىق قۇرۇلۇشى ھىساپلىنىدىكەن. ئۇ ناپولىئوننىڭ پرۇسسىيە-ئاۋىستىرىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن 1806-يىلىدىن 1836-يىلىغىچە ياسالغان بۇلۇپ، ئىگىزلىكى 49.54 مېتىر، كىڭلىكى 44.82 مېتىر، قېلىنلىقى 22.21 مېتىر كېلىدىكەن، تۆت تەرىپىدە دەرۋازىسى، ئوتتۇرىسىدا كەڭلىكى 14.6 مېتىر كىلىدىغان چوڭ ئەگمە دەرۋازىسى بار ئىكەن. دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئىككى تەرىپىگە قەدىمىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە جەڭلىرى تەسۋىرلەنگەن نەپىس تام ھەيكەللىرى ۋە تۈرلۈك نەقىشلەر ئۇيۇلغان ئىدى. بىز بۇيەرگە كەلگەندە ئادەم ناھايتى كۆپ بۇلۇپ، بۇيەردىمۇ دونيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەرخىل ئېرقتىكى كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بۇلىدىكەن. زەپەر دەرۋازىسى دىگولل مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇلۇپ، مەيداننىڭ ئەتراپىدا 14 كوچا ئېغىزى بار ئىكەن، ھەربىر كوچىدىن ماشىنا، ئاپتۇبۇسلار ئۆتۈشۈپ تۇرىدىكەن. بۇنداق 14 كوچا ئېغىزى بار دوقمۇش دونيانىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ئۇچرىماسلىقى مومكىن. مەن بۇ مەيداننىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخزارلىققا قويۇلغان ئورۇندۇقتا بىر موماينىڭ دەم ئېلىپ ئولتۇرغانلىقىنى، نۇرغۇن كەپتەرلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. سەپسېلىپ قارىسام، ئۇ موماي كەپتەرلەرگە يىمەكلىك تاشلاپ بېرىۋاتقان ئىكەن. دىمەك بۇ يەردىمۇ تەبىئەتنى قوغداش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ياشاش كەيپىياتىنىڭ قويۇقلىقىنى ھېس قىلغىلى بۇلىدىكەن.
پارىژ شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى قەدىمىي كوچىلارغا تاش ياتقۇزۇلغان بۇلۇپ، ئانچە كەڭ ئەمەسكەن، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كونا ئۇسلۇبتا سېلىغان قەدىمىي ئىمارەتلەرمۇ ئادەتتە بەش قەۋەتتىن ئاشمايدىكەن. ئەمما بۇ قەدىمىي تاش كوچىلار يەنىلا ئاۋات ئىكەن. ئىگىز قەۋەتلىك زامانىۋىي بىنالار پەقەت شەھەر ئەتراپىدىكى كېڭەيتىلگەن يېڭى شەھەر رايونىدىلا بار ئىكەن. بىزنىڭ پارىژغا كەلگىنىمىزگىمۇ 4-5 سائەت بۇلۇپ قالغانىدى. پارىژنىڭ باشقا ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۆرۈشكە ۋاقتىمىز يىتىشمەي قالدى. كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا بۇ قەدىمىي گۈزەل شەھەردىن ئايرىلدۇق. بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن شەھرىگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە، ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ ياتالغۇ مەزگىلى بولغان ئىدى.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، قىزىم، كۈيئوغلۇم ۋە قىز نەۋرەمنى گېرمانىيەگە ئۇزۇتۇپ قويدۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى توشۇپ قالغان ئىدى. ئايالىم بىلەن ئىككىمىز بىر مەزگىل بېلگىيەدە تۇرۇپ قالماقچى بولدۇق. بىزنىڭ بېلگىيەدە ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنى، كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمىزنى ۋە تەسىراتلىرىمىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، خاتىرىمىزنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز.
( داۋامى بار ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 09:47 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 10:42:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا پۇل بولسىلا ھەممە دۆلەتلەرنى ئارىلاپ كىرگىلى بۇلىدىغان تۈزۈم بارلىققا كەلمەيدىغاندۇ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95676
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 453
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:34:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كورىيەنىڭ كىنوسىدەك  كوپ قىسىملىق كەن ھە  چاخچاق ھە  كۇنلىرىڭلار خەيرىلىك بولسون بولسا ئھزراق رەسىمنىمۇ كورسەك بولاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4106
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:36:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل بولسىلا بىزدەك قاشقىسى بارلاردىن باشقىلار ساياھەت قىلالايدۇ

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102928
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2014-1-29
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:55:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېغىزىمدىن  سىرىق  سۇئېقىتىۋەتتىڭىز  «uyghari» ئەپەندىم   شۇنداقتىمۇ  رھمەت،

‏شۇنداق ئادەملەر باركى سەن ئۇلار ئۈچۈن  ئون بارمىقىڭنى شام قىلىپ ياندۇرۇپ ھاياتىنى يۇرۇتۇپ تۇرۋاتقىنىڭدا بىر بارمىقىڭ ‏ئۆچۈپ قالسا توققۇز بارماقنى ئۇنتۇپ ‏ئۆچكەن بارماق ئۈچۈن ھىساپ ئالىدۇ.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7400
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7752 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 11:09:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ساياھەت خاتىرسى ئارقىلىق ياۋرۇپا  توغرىسىدا  خېلى كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق. ھەم  چۈشەنچىمىز خېلى چۇڭقۇرلاشتى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41646
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4017
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 04:47:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھىيىتى كۆڭۈللۈك ساياھەت قىپسىز !

مەرۋايىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 01:07:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك ساياھەت بولۇپتۇ.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82007
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2012-6-23
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 01:22:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋرۇپالىقلار بىز ئۇيغۇرلارنى بىلەمدىكەن بىزنى چۇشۇنەمدىكەن بىزگە قانداق قارايدىكەن  مەن  شۇنىڭغا بەك قىزىقىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش