ئىنسان ھاياتى تۇلىمۇ قىسقا، لىكىن، سۈيگۈ-مۇھەببەت، ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن ئىنتايىن مەنىلىكتۇر ھەم كۆڭۈللۈكتۇر.
ھايات مەنىسى
بەزىلەر ئادىشار يىراق نىشاندىن،
بەزىلەر ۋاز كىچەر ئارزۇ-ئارماندىن.
ۋە لىكىن ھاياتلىق تۇلىمۇ قىسقا،
پۇشايمان قىلمىغىن جان چىقسا تەندىن.
سورىدى ئارزۇنىڭ مەنزىلى قايان،
نىم بۇلا ئارزۇسىز بولسا بۇ جاھان؟.
دېدىم مەن ئىنساندا ئارزۇ بولمىسا،
ھاياتلىق مەنىسى مەڭگۈ يۇقالغان.
سورىدى ۋىسالنىڭ مەنزىلى قايان،
مەنزىلگە بارامدۇ ھەممىسى يېتىپ؟.
دېدىم مەن سۆيگۈگە تەلپۈنگەن قەلىب،
قالمىسۇن تار يولدا نىشاندىن ئىزىپ.
سورىدى ھەرباشقا ھەرخىل دەرت-ئەلەم،
كىلەركەن بۇ نېمىش جاۋابى قايان؟.
دېدىم مەن ھاياتلىق ئەگرى-تۇقاي،
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ئەڭ تۇلۇق بايان.
چۈشەندىم دېدى ئۇ مەنىلىك بېقىپ،
ھاياتلىق گۈزەلكەن ئارزۇلار بىلەن.
سۆيگۈگە تەلپۈنسە ھەر ئاجىز يۈرەك،
ھاياتلىق تۇلاركەن مۇھەببەت بىلەن.
كەلسىمۇ قانچىلىك ئېغىر دەرت-ئەلەم،
كىتەركەن ھەممىسى ئاخىر ئۇنتۇلۇپ.
ھاياتلىق نىشانىڭ بولمىسا ئىنىق،
كۈنلىرىڭ ئۆتەركەن ئوڭ-سول سۇقۇلۇپ.
بارىكاللا ئېيتتىم مەن، خاتىمە بەردىم،
ھاياتلىق ئۆزى بىر مۇرەككەپ جەريان.
تىرىشقىن، كەسكىن بول، ئىرادەڭ مەھكەم،
ھاياتلىق يولىدا بولما سەن سەرسان.
مەنبە: ئۆزەم (بۆرە چىشى) لوپنۇر
2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-1 10:06 PM