ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز مۇنبەرداشلار ، ئالدى بىلەن تېنىڭلارغا ساقلىق ، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق ، كۈنلىرىڭلارغا خۇشاللىقلار تىلەيمەن .
خېلى ۋاقتتىن بېرى ‹‹ مىللىيچە ›› دېگەن بۇ سۆزگە ئۇبدانلا دېققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ، ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشنى ئويلاشقان بولساممۇ ، خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن ماتىرىيال توپلاشقا ۋاقت چىقىرالمىدىم ، بۈگۈن گەرچە تەييارلىقىم بولمىسىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئوي - پىكىرىنى ، كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى بۇ يەردە مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا كۆردۈم . . .
‹‹ مىللىيچە ›› دېگەن بۇ ئۇقۇم ئۆز نۆۋىتىدە ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆز ئۆرۈپ - ئادىتىنى ، مىللەت خاسلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە ئىيتىلغان سۆز بولۇپ ، بۇ ھەرگىزمۇ بىرلا مىللەتكە قارىتىلغان ئۇقۇم ئەمەس ، مەسىلەن : خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ‹‹ مىللىيچە ›› ئەنئەنىسى بولىدۇ ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ شۇنداق ، دۇنيادىكى ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ‹‹ مىللىيچە ›› ئەنئەنىسى ، خاسلىقى بولىدۇ . شۇڭا ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسى توغۇرسىدا سۆز ئاچقاندا ‹‹ مىللىيچە ›› سۆزىنى ئىشلەتمەي ئۆز مىللىتىنىڭ نامى بويىچە ئاتىسا مەنچە شۇ مىللەتنىڭ خاسلىقى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن بولىدۇ ، مەسىلەن ئۇيغۇرلار ياكى ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئۆزىنىڭ ماركىسىنى ‹‹ مىللىيچە ›› ماركا دېمەي ئۇيغۇرچە ماركا دىيىشى كېرەك ، ھەرقانداق مىللەت ئۆز نۆۋىتىدە شۇنداق قىلىشى كېرەك ئەلۋەتتە . يىقىندا توردا ۋە تاراتقۇ ئورۇنلىرىنىڭ خەۋەر ۋە يازمىلىرىدا كۆرسىتىلگەن ‹‹ مىللىيچە ›› كىيىم - كېچەك ، ‹‹ مىللىيچە ›› تائام ، ‹‹ مىللىيچە ›› نەقىش ، ‹‹ مىللىيچە ›› كارخانە . . . قاتارلىق بىرقاتار خەۋەر ۋە مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چىقتىم ( ئەلۋەتتە ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىكلىرىنى ) ، ئەپسۇس ، ئۇيغۇرچە كىيىم - كېچەكلەرنى ، ئۇيغۇرچە تائاملارنى ، ئۇيغۇرچە بېناكارلىق ۋە نەققاشچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرىقىدە ‹‹ مىللىيچە ›› دەپ ئاتىغان ، بۇلار ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتكە ۋەكىل بولالمايدۇ ، شۇڭا ئويلاپ قالدىم ، بۇلار نېمىشقا ‹‹ مىللىيچە ›› دېگەننىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە دەپ ئاتىمايدۇ ، ئۇيغۇر بېناكارلىقى ، ئۇيغۇر كىيىم - كېچەكلىرى ، ئۇيغۇر تائاملىرى ، ئۇيغۇر كارخانىلىرى ، ئۇيغۇر . . . . لىرى ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرغا خاس ئەمەسمۇ ، ئۇلارنى ‹‹ مىللىيچە ›› دەپ ئاتىساق توغرا بولامدۇ ؟ بىرقىسىم كىشىلىرىمىز ‹‹ مىللىيچە ›› ئاتالغۇسىنى ئىنتايىن چولتا ئويلايدۇ ، ئۇيغۇرغا خاس ، ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنىسىگە خاس ، ئۇيغۇرنىڭ ئۆرۈپ - ئادەتلىرىگە خاس بارلىق نەرسىلەرنى ‹‹ مىللىيچە ›› دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قالغان ، ئۇلار ‹‹ مىللىيچە ›› دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە پەقەت ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولالمايدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ ياكى بىلىپ تۇرۇپ كۆڭۈل بۆلمەمدىغاندۇ ، تېمىنى يىزىپ بۇ يەرگە كەلگەندە توردىن بۇ بىر نەچچە رەسىملىك مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش ئۈچۈن كېسىپ كەلدىم .
قەشقەر بازارلىرىدىن باشقا ئورۇنلاردا ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بۇ كاۋا كاۋىپى ئەجىبا ئۇيغۇرچە تائام ، ئۇيغۇرچە يىمەكلىك ئەمەسمۇ ؟ شۇڭا بۇ تېمىنىڭ توغرا يىزىلىشى ‹‹ شىنجاڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇرچە يىمەكلىك ـــ كاۋا كاۋىپى بولۇشى كېرەك . پەقەت بۇلا ئەمەس ، بىز دائىم ئىيتىپ كېلۋاتقان ئۇيغۇرغا خاس ، لېكىن ‹‹ مىللىيچە ›› نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلۋاتقان بارلىق تائاملار ‹‹ مىللىيچە ›› تائام ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرچە تائام ، ئۇيغۇرچە يىمەكلىك دەپ ئاتىلىشى كېرەك .
تومۇرىدا ئېقۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ قېنى بولغان ھەربىر ئۇيغۇر بۇ توڭلاتقۇنىڭ ئۈستىگە يىزىلغان ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ چۈشىنەلمىگەن تەقدىردىمۇ بىر قاراپلا ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن نەقىشنىڭ ئۇيغۇرچە نەقىش ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ ، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا ئۇيغۇرچە نەقىش دېمەي ‹‹ مىللىيچە ›› دەپ ئاتايمىز ؟؟؟
بۇ توغۇرسىدىكى مېساللار بەك كۆپ ، گەرچە بىرقىسىم زىيالىلىرىمىز ، مىللەتپەرۋەرلىرىمىز بۇ توغۇرسىدا كۈچ چىقىرۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز بۇ نوقتىغا بەكلا ئېتىبارسىز قارىماقتا .
ئەتلەستىن تىكىلگەن كىيىمنى ‹‹ مىللىيچە ›› كىيىم دېگەننى ۋە شۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەتلىسىنى ‹‹ مىللىيچە ›› رەخت دېگەننى ، ئۇيغۇر مائارىپىنى ‹‹ مىللىيچە ›› دېگەننى ، ئۇيغۇرچە ناخشا - ئۇسۇلنى ‹‹ مىللىيچە ›› سەنئەت دېگەننى . . . قىسقىسى ئۇيغۇر ئەنئەنىمىزنى ‹‹ مىللىيچە ›› ئەنئەنە دېگەننى كۆپ ئۇچرىتىمىز ، شۇڭا ئاخىردا بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ نوقتا توغۇرسىدا ئويلاپ كۆرۈشىنى ، كۆپ ئېتىبار بېرىشىنى ، ئۆزىمىزنىڭكىنى ، ئۇيغۇرنىڭكىنى ‹‹ مىللىيچە ›› دېگەن نامدا باشقىلارغىمۇ تەۋە قىلىپ قويماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ۋاقت مۇناسىۋىتى بىلەن قالغان مۇنازىرىلەر ۋە كۆز قاراشلار ، ئىلغار پىكىرلەرنى مۇنبەرداشلارغا قالدۇردۇم . بەلكىم قىسقا ۋاقىتتا يىزىلغان تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى سەۋەنلىكلەردىن خالى بولماسلىقى مۇمكىن ، ئويلىنىش ، تولۇقلاش ۋە تۈزۈتۈش سىلەرگە قالدى . . . .
خەيرى ، ئاللا بارلىقىمىزنى ئامان قىلسۇن ، ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئىش - ئوقەتلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن ، بەختلىك كۈنلەر ھەممىمىزدىن يىراق بولمىسۇن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-1 01:51 PM
|