روبائىيلار  
 
 
  
 
 
دۇنيانى قارچۇقتا ئوينىتار كۆزۈڭ ، باھارغا گۈزەللىك بېغىشلار يۈزۈڭ . تەبىئەت ياراتقان نادىر سۈرەتتەك ، دىلرەبا، گۈزەللىك ئالىمى ئۆزۈڭ .  
 
ئۆمرۈڭنىڭ بېغىنى قۇرۇتماي ياشا ، ئۈمىدىڭ گۈلىنى توزۇتماي ياشا . ھەر كىمنىڭ تەقدىرى تەدبىرگە باغلىق ، ئادەملىك بۇرچۇڭنى ئۇنۇتماي ياشا .  
 
مېھنىتىڭ بولمىسا، نېمىتىڭ بولماس ، جۈرئىتىڭ بولمىسا، ھىممىتىڭ بولماس . ئاتىلار سۆزىنى ئۇنتۇما، ئەي جان ، ھىممىتىڭ بولمىسا، قىممىتىڭ بولماس .  
 
ھاياتنىڭ مەنزىلى ئىگىز بىر داۋان ، يوللىرى ئېگىز-پەس، خەتىرى يامان . چېكىنسەڭ غۇلايسەن تېگى يوق ھاڭغا ، ئۆرلىسەڭ تىرمىشىپ قالىسەن ئامان .  
باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى: ئەسەر يوللىغاندا مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 02:05 PM   
 
  |