yulhun45 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 04:13 PM 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز قېرىندىشىم كەچۈر؟
قېر ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .
ۋاقىتنى ھىساپلىغىنىم توغرا ئىكەن .خاتالاشماپتىمەن . غۇلجا دىيارى ئىنتايىن پاكىز ، ھاۋاسى ساپ ، ئادەملىرى خۇشچاقچاق بەك ياخشى يۇرت . يېزىلىرىدىكى ئادەملەرمۇ بەك مېھماندوست . ئەتكەن چايلىرى تىلىمىزدىلا قالىدۇ . تىجارىتىڭىزنىڭ مەڭگۈ روناق تېپىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن . ئاللاھ ئىنسابىنى ، ئۆمرىنى بەرسۇن . بىر ئائىلە كىشىلىرى گۈزەل ماكانىڭلاردا مەڭگۈ بەخىتلىك ياشاڭلار .
ئەسلى ئىنكاسىمدىكى ئەقلى قابىلىيتى نورمال ئادەملەر دەپ يىزىپ شۇنىڭ يېنىغىلا يەنە ئاياللار دەپ قۇشۇپ قويغىنىمغا دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىز . مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئاياللارغا قارىتىلغان . يەنى ، ئەقلى قابىلىيتى نورمال ئاياللار بۇ كېچىدە بەزىلىرى بالا باقىدۇ ، بەزىلىرى خىزمەت قىلىدۇ ، بەزىلىرى ئۇخلايدۇ .يەنە بەزىلىرى ئاللاھ زىممىمىزگە چۈشۈرگەن ئاياللىق مەجبۇرىيتىنى ئۆتەيدۇ .
پەقەت ھېچقانداق ئىشى يوق ، بىكارچىلىقتىن زىرىكىپ قالغان ، ياكى ئاللىقانداق مەقسەتلەردە مارىلاپ ئولتۇردىغان ئاياللارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا .
يەنە توغرا چۈشەندۈرەلمىگەن بولسام ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز .