مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەرتۇرا

قىياپەتتىن بىشارەت ئالغىلى بولامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96014
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 09:54:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاسماندا بۇلۇت بولسا چوقۇم يامغۇر ياغىدۇ دەپ تەبىر بىرەمسىز؟  مەن  ئۇ قىياپەتۇل بەشەر دىگەن كىتاپنى  ئوقۇپ ئالدى بىلەن ئۇستازلاردىن سۆرىدۇم. ئۇستازلىرىم  ئۇكىتاپتىكى سۆزلەرنىڭ قىلچىمۇ ئاساسى يوق دىدى. ئۇ كىتاپچە بولغاندا  بىر ئادەمنىڭ ئەسكى ياكى ئوبدانلىقى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياكى قىسقا ۋاقىتتا ھايات بىلەن خوش لىشىش چىرايغىغا پۇتىۋىتىلگەن  نىمە دىگەن كۇلكىلىك؟  ئۇنداق چىرايىدىن قاراپ بىر كىمنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان بولسا  تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە مەخسۇس ‹‹قىياپىتىگە قاراپ تەقدىر بەلگىلەش›› ئۆرىنلىرى قۇرلۇپ قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ قپللىغا ھاياتى قانداق بولىدىغانلىقى، قانداق ياشاشيدىغانلىقى، قانداق ئۆلىدىغانلىقى توغىرسىدا بىر ئۇقتۈرۈش يىزىپ بەرگەن بولاتتى. ھەم ئىنسانلارمۇ شۇ ئۇقتۇرۇشقا قاراپ ھايات كەچۇرگەن بولاتتى. لىكىن دۇنيادا بۇنداق ئىش مەڭگۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. چۇنكى اللە تەقدىر دەيدىغان بىر نەرسىنى ياراتتى ئاندىن ئۇنىڭ سىرىنى ئۆزىدىن باشقا  ھىچكىمگە بىلدۇرمىدى. ئىمان ئىتقان ھەر بىر موئمىنگە تەقدىرگە ئىمان كەلتۇرۇش پەرىز قىلىندى. يۇقاردىكى كۆز قاراش دەل مۇشۇ اللە بۇيرىغان پەرىز ئەمەلگە قارشى چىققانلىق ھىساپلىنىپ ، اللەتىن سەن تەقدىر قىلغان نەرسىنى مەن بىلىمەن دەپ اللە بىلەن خۇدالىق دەۋاسى قىلغانلىق ھىساپلىنىدۇ. بارلىق شەيئىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىر اللە بىلىدۇ.

ئىلىمنىڭ دۇشمىنى قانائەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103394
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 07:39:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىششىنىمەن

پۇقرا پۇقرانى ئالدىسا تىجارەت بولىدۇ،پۇقرا دۆلەتنى ئالدىسا جىنايەت بولىدۇ،ھۆكۈمەت پۇقرانى ئا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 12:18:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرىسىز، يۇشۇرماي سوراۋېرەي: ئادەمنىڭ چىرايىنى خۇدايىم ياراتقان تۇرسا،ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىدىغان تۇرسا،چىراي بىلەن تەقدىرى قانداقسىگە بىردەك كېلىدۇ؟؟؟ چىرايى كېلىشكەن بولسا ياخشى ئادەم،سەت بولسا يامان ئادەم بولامدۇ؟؟؟
‹‹قۇرئان-كەرىم››دە بىز سىلەرنىڭ چىرايىڭلارغا،مال-دۇنيالىرىڭلارغا،كېلىپ-چىقىشىڭلارغا قارىمايمىز،پەقەت سىلەرنىڭ دۇنيادا قىلغان ئىش-ئەمەللىرىڭلارغا قارايمىز،دېگەندەك مەزمۇندا ئايەت بار.پەيغەمبىرىمىزمۇ: ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئىرقى،مىللىتى،كېلىپ-چىقىشى،مال-دۇنياسىغا قارىماستىن باراۋەر بولىدۇ،پەقەت قىلغان ئىش-ئەمەللىرى بىلەنلا ئۈستۈن ياكى تۆۋەن بولىدۇ،دېگەندەك مەزمۇندا گەپ قىلىپتىكەن.
   چىرايى كېلىشكەن ئادەم خۇداغا تەسبىھ ئېيىتسا بولىدۇ،تەكەببۇرلىشىشى توغرا ئەمەس.چۈنكى چىرايىنى خۇدايىم ياراتقان.
   چىرايى سەت دەپ كۆزگە ئىلمىسا توغرا بولمايدۇ،چۈنكى خۇدايىمنىڭ ياراتمىشىنى مەسخىرە قىلغاندەك ئىش بولىدۇ.
    بىر ئادەمنىڭ مەن يۇقىرى تەبىقىدىن ياكى كاتتا مىللەتتىن كېلىپ چىققان دەپلا باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشى توغرا ئەمەس.ھەرقانداق ئىنساننى خۇدايىم باراۋەر ياراتقان.ھەم ‹‹قۇرئان-كەرىم›› پۈتۈن ئىنسانلارغا خىتاب قىلىدۇ.ھەرگىزمۇ مىللەتچىلىك ياكى ئىرقچىلىق خىتابنامىسى ئەمەس. ئەرەب تىلىدا چۈشكەن بولسىمۇ ئەرەبلەرگە پايدىلىق قىلىپ ئەمەس بەلكى توغرا ئىش-ئەمەللەرنى قىلغانلارغا پايدىلىق قىلىپ بەرگەن.
    ئادەمنىڭ قىلغان ئىش-ئەمەللىرىگە قاراپ باھا بېرىش كېرەك.
    چىرايىغا قاراپ باھا بېرىشكە راسىتتىنلا ئەقلىم يەتمەيدۇ،قانداق پەرەز قىلغاندۇ؟؟
      

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 03:15:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 05:00 PM
تەبىيئەت   قانۇنىيەتلىرى   :   بۇغداي  ـ  ساماننىڭ  گېپى   ...


  رەھمەت !  بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ئاز قىيىپ قاپسىز . بىر ئىنكاسىڭىز دوكتۇرچە بىر ئىنكاسىڭىز تەنتەكچە ھې ھې ھې
بەكلا ئۇچۇق سۆزلەپ كۆنۈپ قاپتىمەن ئاداش ،رەنجىمەك جۇمۇ ئاداش ھەقىقەتەن بەك ساندۇقچىكەنسىز . مەن بۇ ھاياتىمدا ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنى كۆرۈپمۇ باقمىغان . سانساكۇنىڭ تۇپرىغىدىن تۆگىنىڭ مايىقىنى ئىزدىكەندەك ئىزدەپ يۈرۈپ بىر مۇنچە سۈرەتنى پاكىتقا توغۇرلاپسز .

سىزدىن سوراي مەن سىزدىن ئۇ ئاكىمىزنىڭ تۇرقى مۇنداقكەن-ئۇنداقكەن دىدىممۇ ؟
بۇندىن كىيىن مازارغا مۇرۇت تىكلەپ مۇنبەردە ئېمىپريە قۇرمەن دىمەڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 03:27 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش