مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 139|ئىنكاس: 6

خۇشامەتچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102534
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 589
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 11:56:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خۇشامەتچى


قىزىرىپ،كۆپۈپ يورغۇلتىدۇ سۆزىنى،

كۆرسىتىدۇ يولۋاس كەبى ئۆزىنى،

گۇمان ئىچرە يۈگۈرتىدۇ كۆزىنى،

بارچە ئاۋام ئالدىدا خۇشامەتچى.


بىردەك بولماس تىلى بىلەن ھەم دىلى،

كۆرسىتىدۇ ئۆزنى قابىل،سەرخېلى،

ئېگىلىدۇ قەدەمدە بىر يادەك بىلى،

كۆرسە باشلىقنى يىراقتىن خۇشامەتچى.


يايرار يۈرەك بىراۋ تۆكسە يېشىنى،

ئالۋاستىدەك شورار ھەتتا قېنىنى،

يىراق قىلار ماڭغان يېقىن يولىنى،

رەھىمسىزدۇر ھەم رەزىل خۇشامەتچى.


باشلىق ئۈچۈن كېچەر دوستتىن،ۋىجداندىن،

باشلىق ئۈچۈن كېچەر پۇلدىن،پاكلىقتىن،

باشلىق ئۈچۈن كېچەلمەيدۇ ناھەقتىن،

يالاپ باشلىق تاپىنىنى خۇشامەتچى.


سېتىپ باشلىق سۈرىتىنى قەدەمدە،

ئىزەر ھەركىم قەلبىنى ئەلەمدە،

ئۆتەر كۈنى ماختاش ،ئۆسۈش تەمەدە،

تەرلەپ باشلىق جۇۋىسىدا خۇشامەتچى.


(چىمەنA)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 12:03 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102534
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 589
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 12:10:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بايلىق دىگەن


بايلىق دىگەن


يىراقلىشىپ غۇرۇردىن،

قېزىقمىغىن بايلىققا.

ھالال ئىشلە تەر تۆكۈپ،

قالماي دىسەڭ ئۇياتقا.


شەيتان كەبى يولۇڭدىن،

ئېزىقتۇرار مال-دۇنيا.

يوقىتىسەن ۋىجداننى،

قۇلى بولساڭ ناۋادا.


تاپىمەن دەپ مال-دۇنيا،

ئۆزگىلەرنى تاشلىما.

كىرىپ نەپسىڭ كەينىگە،

كۆزلىرىڭنى ياشلىما.


كۈتەر سەندىن زور ئۈمۈت،

ۋەتەن،خەلقىڭ تائەبەد.

شەيدا بولغىن بىلىمگە،

بايلىق دىگەن شۇ پەقەت.


(چىمەنA)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 12:14 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102534
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 589
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 12:42:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نەسىھەت

نەسىھەت


باغۋەنسىز باغ بولماس،

ئەجىرسىز مېۋە.

بىلىمنى دوست تۇتساڭ،

بولماس كۆز خىرە.


تۇتقۇزساڭ نادانغا ،

جەننەت ماكاننى.

توزغاقتەك توزۇتار،

  ئارزۇ-ئارماننى.


چىكەڭدىن  تەر تۆكمەي،

كۈتسەڭ بەختىڭنى.

شىۋىرغان ئوۋلايدۇ،

قورۇپ تېنىڭنى.


ئۈجمىنىڭ چۈشىشىنى،

كۈتكەچكە پەقەت.

ھورۇنلار مۇراتقا،

يەتمىگەن ئەبەد.


ئۇخلىماي چۈش كۆرسەك،

بولسۇن نەلەززەت.

ھورۇنلۇق كىسلىدۇر،

بىزدىكى ئىللەت.


نەزەر سال ئەتراپقا،

ئويغۇنۇپ ئەمدى.

بەردەم بول بەيگىدە،

سۇلمىغىن قەتئى.


(چىمەنA)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 12:46 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102534
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 589
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 01:37:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆندۈرگەچ بالىنى ئەجەپمۇ يامان

كۆندۈرگەچ بالىنى ئەجەپمۇ يامان


مېھماندەك ئولتۇرۇپ تاللايدۇ تاماق،

باقمىساق راھىغا باتنايدۇ ئۇززاق،

ئاز پۇل خەجىگە بولالماس ياماق،

كۆندۈرگەچ بالىنى ئەجەپمۇ يامان.


گۆش دىسە يىمەي يىگۈزدۇق بالىغا،

ئىش كەلسە قايرىدۇق بالىنى دالدىغا،

يىقىلسا يۆلىدۇق، مىندۈردۇق تايغا،

كۆندۈردۇق بالىنى ئەجەپمۇ يامان.


مەكتەپكە ئىبەرتتۇق يېلنىپ يالۋۇرۇپ،

تاپشۇرۇق ئىشلەندى قەسەم قىلدۇرۇپ،

ئاغزىدىن چىققاننى دەرھال قاندۇرۇپ،

كۆندۈردۇق بالىنى ئەجەپمۇ يامان.


يۇقتۇرسا بەتقىلىق بالام كىچىك دەپ،

جىدەلگە ئارلاشسا بالام ئاپپاق دەپ،

مۇئەللىم چاقىرىتسا تاما قىلدى دەپ،

كۆندۈردۇق بالىنى ئەجەپمۇ يامان.


ئەركىلتىپ بالىنى ياخشى كۆردۈم دەپ،

مەيلىگە قويۋەتتۇق كىيىن ئىگەي دەپ،

ياۋسىنى پۇتاشنىڭ ۋاختى ئەمەس دەپ،

كۆندۈردۇق بالىنى ئەجەپمۇ يامان.


پەگاغا تاشلاندى مەكتەپ فورمىسى،

ئەينەكنىڭ ئالدىدىن كەتمەيدۇ نېرى،

توزدەك ياسىنىپ يۈرىدۇ ھەر كۈنى،

كۆندۈرگەچ بالىنى ئەجەپمۇ يامان.


بولغاچ بىز ئائىلدە پايپىتەك ھەر دەم،

قالمىدى ئىلگىركى بەللىرمىز بەردەم،

تىنمىدۇق قەلىبنى باسسا ئېغىر غەم،

كۆندۈرگەچ بالىنى ئەجەپمۇ يامان.


سەپسالماس بالىمىز باشتىكى ئاققا،

يۈزدىكى قورۇق ھەم كۆزدىكى ياشقا،

خېيالى ئەسىردۇر تاغلارغا،باققا،

كۆندۈرگەچ بالىنى ئەجەپمۇ يامان.


ئوخشاتساق بالىنى كۆكتىكى ئايغا،

سالماقتا بىزنى زەپ ھەر كوي بالاغا،

بارغانچە پۇتىمىز پاتماقتا لايغا،

كۆندۈرگەچ بالىنى ئەجەپمۇ يامان.


ئۆيدىكى بىساتنى تېگىشتى ئاققا،

كەلمەيدۇ كېچىلەپ ئۆيگە ۋاختىدا،

ئىچىمىز تولدى مىڭ مىڭ ئازاپقا،

كۆندۈرگەچ بالىنى ئەجەپمۇ يامان.


توزىدى مامكاپتەك ئارزۇلار بىراق،

قاپلىدى يۈرەكنى تىكەنلەر،قاداق،

مۇزلىغان قەلبىمىز گۇلخاندىن يىراق،

كۆندۈرگەچ بالىنى ئەجەپمۇ يامان.


(چىمەنA)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 01:54 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60475
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3629
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 01:36:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىېرىلىرىڭىز بىر - بىرىدىن ئېسىل چىقىپتۇ. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10679
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10425 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 02:04:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز كوپرەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 497
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1782
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 05:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ،رەھمەت سىزگە.

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش