ئېغۋا ئامبىرى
( ساتىرا )
ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
كوچىلاردا يالغۇز يۈرسەڭ ‹‹ تەنھاكەن ›› دەيدۇ،
‹‹ لايىق ئىزدەپ تاپالمىغان سەپراكەن ›› دەيدۇ.
قىز- يىگىتلەر بىرگە ماڭسا سەت كۆزدە قاراپ:
‹‹ قاراڭ ئۇ قىز ئەرگە بىر كۈن ھەمراكەن ›› دەيدۇ.
دوست-ئاغېينە تۇتماي ئۆتسەڭ ‹‹ساراڭكەن ›› دەيدۇ،
‹‹ يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بوشاڭكەن ›› دەيدۇ.
ئەل-ئاغېينە، بىرادەرلىك بولساڭ ئەگەردە،
‹‹ شۇ دوستۇڭنىڭ جۇپتى سېنىڭ ئاشناڭكەن ›› دەيدۇ.
ئاز گەپ قىلساڭ ‹‹ بىر مۆرىمەس كەم سۆزكەن ›› دەيدۇ،
گەپ- سۆز قىلىپ شوخراق يۈرسەڭ ‹‹ داپ يۈزكەن ›› دەيدۇ.
بەدخەشلىكتىن خالى يۈرسەڭ لەقىمىڭ ‹‹ پىخسىق ››،
جىق يەپ- ئىچىپ پۇل خەشلىسەڭ ‹‹ ئاچ كۆزكەن ›› دەيدۇ.
كىيىمىڭگە توپا قونسا ‹‹ مەينەت تاز ›› دەيدۇ،
يېڭى كىيىم كەيسەڭ سىنى ‹‹ سۆلەتۋاز ›› دەيدۇ.
بەزى بىرلەر باركى شۇنداق ئېغۋا ئامبىرى،
ئاقنى ‹‹ قارا ››، دۆڭنى ‹‹ ئويمان ››، قىشنى ‹‹ياز ›› دەيدۇ.