مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 799|ئىنكاس: 7

ماتىريال تەرجىمىچىلىكىگە «غەزەپ ۋە زار» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102920
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2014-1-29
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 07:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىمتىھان سوئاللىرى تەرجىمىچىلىكىگە «غەزەپ ۋە زار»


قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە پايدىلىنىشماتىرياللىرى تەرجىمىچىلىكىدىكى ئىمتىھان سوئاللىرى تەرجىمىچىلىكىدە ساقلىنىۋاتقانبىر قىسىم مەسىلىلەر مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇقسۆزلەر:«ئىمتىھان،مائارىپ،مارىس تىلى،تەرجىمە.

مىللىمائارىپ،ئىمتىھانلىرىمىزنىڭ تەدرىجى ھالدا دۆلەت مائارىپ،ئىمتىھان تەرەققىياتىغاماسلاشتۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ،تەرجىمە ماتىريال،تەرجىمە سوئاللار مەكتەپلىرىمىزگەدەريادىكى سەلدەك ئېقىپ كىرىۋاتىدۇ ۋە ھىچقانداق توسالغۇسىزلا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭۋاقتىنى،زىھنىنى ئىگەللەۋاتىدۇ،گەرچە بۇ تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا «ش»،«ش»دىگەندەك مەخسۇس مۇشۇ ئىجادىيەت ۋە تېجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شېركەتلەرمەيدانغا كەلگەن،بىر قىسىم تۈزگەن ماتىرياللىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بەلگىلىكرول ئويناۋاتقان بولسىمۇ،لىكىن تەيارلىغان بىر قىسىم ماتىرياللىرى يەنىلا ئۆلچەمسىزتىلدا،بىر قىسىم ماتىرياللىرى نەچچە ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ،يەنىلا ئۆز پېتى پەقەتچاپىنىنى يەڭگۈشلەپلا كېلىۋاتىدۇ،بىزمۇ كىتاپخانىنىڭ،مائارىپنىڭ،مەكتەپنىڭئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بىلەن بۇ ماتىرياللارنى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپبېرىپ،ئوقۇتىشىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتىمىز،ئەگەر مۇشۇنداقكېتىۋەرسەك مىللى مائارىپىمىز تەرەققى قىلىپ نەگە بارار دەپ قوسىغىم كۆپۈپتۇرسام،بۇ يىل ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى رايۇنىدىن ئەكەلدۈرۈلگەنمەۋسۈملۈك ئىمتىھان سوئالى مىنى پارتىلاشقا ئېلىپ باردى.

بېلىم كۈندەيىڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان،ئۆزلۈكسىز ئۈگۈنۈش دەۋېرنىڭ تەلىپىگە ئايلانغان ھازىرقىزاماندا، بىلىم-مەدىنىيەت بولۇپمۇ ئالدى بىلەن تىل يىزىق ئۈگەتكۈچى،تارقاتقۇچى،مائارىپنىڭ بۆشۈگى بولغان مەكتەپلەردە،ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق مارىستىلىدا تەرجىمە قىلىنغان سوئاللار،ماتىرياللار،كاتتا گېرېبىللىرىنى تاقاپ،قەھرىمانگېنىراللاردەك مىڭىپ يۈرگەن بولسا،بۇ مىللى مائارىپىمىز، تىل-يىزىقىمىز ئۈچۈنئاپەت بولۇپتۇ،چۈنكى ھازىر %99 ئادەم ساۋادىنى مەكتەپتە چىقىرىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگەدەۋىرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋات چىقىرىش مۇدىتىبارغانسىرى ئۇزۇراپ كېتىپ بارىدۇ.

بۇنىڭدىن كىيىن ماتىرياللار ۋە ئىمتىھان سوئاللىرى تەرجىمەسۈپتىنىڭ ياخشى بولۇپ قېلىشىغا تۈرۈتكە بولۇپ قالار،ئوقۇغۇچىلارمۇ چۈشەنمەيدىغانمارىس تىلىغا ئۇچراپ قىلىپ ئۈگۈنىشىگە، ئىمتىھان نەتىجىسىگە تەسىر يەتمىسۇن دىگەن مەقسەتتە،بۇمەسىلىلەرنى «ئۈرۈمچى رايۇنىنىڭ 2013-2014-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈملۈك ئىمتىھانسوئالى،تولۇق ئوتتۇرا تارىخ زۆرۈر دەرىسلك(1) ۋە (2) نىڭ1-4-بولۈمىگىچە»نىڭتەرجىمىسىنى نوقتا قىلغان ئاساستا ئوتۇرغا قويۇشنى   لايىق تاپتىم.

مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەريانىدا قالايمىقانچىلىقكۆرۈلمىسۇن دەپ گەپنى سوئال    تەرتىپى بىلەن باشلىدىم.ئۈرۈمچى رايۇنىنىڭ2013-2014-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈملۈك   ئىمتىھانسوئالى(تارىخ).

   1-خاتالىق:(يەككەن تاللاش سوئالى).ئەسلى يىكەن تاللاش سوئالى دىسە بوپتىكەن،گەپكەئوخشايدىغانراق قىلىپ.«يەككە»نى يەككەن دەپ يۈرگۈچە.

   2-خاتالىق:ھەر بىر سوئال ئۈچۈن بېرىلگەن جاۋاپلار ئىچىدە پەقەت بىرسىلا سوئالنىڭتەلىپىگە ئۇيغۇن يەنى توغرا،بىلمىدىم تەرجىمان خەت سانىنى كۆپەيتىپ نىمە قىلايدىدىكىن ،ئەسلى «جاۋاپلار ئىچىدە پەقەت بىرسىللا توغرا» دىسە بولىدىغۇ،گەپنىئاۋۇتقىچە.

   3-خاتالىق: (جوڭگۇ تارىخىدىكى تۈنجى پادىشاھلىق سۇلالىسىنى قۇرغۇچى). تارىختاپادىشاھلىق سۇلالىسى دەپ سۇلالە يوق،شيا،شاڭ،جۇ،چىن،خەن،سۈي،تاڭ،سوڭ،يۈەن،مىڭ،چىڭسۇلالىللىرى بار،پادىشاھلىق تۈزۈممۇ چىن سۇلالىسىدا بارلىققا كەلگەن،شۇڭا بۇ يەردە«تۈنجى سۇلالە » ياكى «تۈنجى دۆلەت» دەپ ئالسا بولىدىغۇ.ئاندىن تېگىدىكى (جۇاڭدى)ئەمەس خۇئاڭدى.

   4-خاتالىق :( خەن جىڭدى دەۋرىدىن خەنۋۇدى دەۋرىگىچە،غەربى سۇلالىسى يۈرگۈزگىنى).ئوخشاشلا تارىختا غەربى سۇلالىسى دەپ سۇلالە يوق،ئەسلى «غەربى خەن سۇلالىسى».

   5-خاتالىق : تاللاش سۇئالى 5-،(ۋەزىرنى چەكلەش) ئەمەس « ۋەزىرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش».(B .ئالدى بىلەن ئۈچ ۋازارەت بىر-بىرىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش)ئەمەس،« ئۈچ ۋازارەت بىر-بىرىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش »

   6-خاتالىق :  تاللاش سوئالى 6-،(ئېلىمىزدەئىچكى كابىنىتنىڭ سىياسەت بەلگىلەش تۈزۈمىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتى)،بۇ يەردەتەرجىمان( ئىچكى كابىنىت) بىلەن «باش دىۋان» نى ئالماشتۇرۇپ قويغان،ئۇنىڭ ئۈستىگەباش دىۋاننىڭ سىياسەت بەلگىلەش ھوقۇقى يوق،پەقەت مەسلىھەت بېرىدىغان ئاغۋاتلىقئاپارات.جاۋاپ A.B.C.D لاردا ئوخشاش مەنا ئىككى قېلىپتا تەرجىمە قىلىنغان،ئەسلى مىڭتەيزۇ دىگەندىن كىيىن چىڭ شۈنجى دىيىش كېرەك.ياكى چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى شۈنجىبولغاندىن كىيىن مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى تەيزۇ بولۇشى كېرەك.

   7 –خاتالىق : تاللاش سوئالى 9-،جوڭگۇ يىقىنقى زامان تارىخىدىكى تۈنجى بىرلىككە(كەلمىگەن )بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتىيەسى،مەن بىرلىككە كەلمىگەن پارتىيەنى ئۇقمايدىكەنمەنئەسلى «بىرلىككە كەلگەن» دىسەك توغرا بولىدۇ.

   8-خاتالىق : تاللاش سوئالى 17-،ئافىنادىكى سولۇن ئىسلاھاتى بىلەن جوڭگۇدىكىۋىلايەت،ناھىيە تۈزۈمىنىڭ ھەممىسىنى ئىلگىرلىگەن دىيىشتىكى ئاساس،ئىلگىرلىگەنئەمەس «ئىلگىرلەش».Aجاۋاپتىكى (ئېھتىيازى) ئەمەس « ئېمتىيازى».

   9-خاتالىق : تاللاش سوئالى 19-،A جاۋاپ (قۇلدارلىق تۈزۈم تەدرىجى چۈشكۈنلەشكەن)،تۈزۈمنىڭچۈشكۈنلەشكىنىنى تۈنجى ئاڭلىشىم.ئەسلى«قۇلدارلىق تۈزۈم تەدرىجى يىمىرىلگەن ياكىزاۋالىققا يۈزلەنگەن» دىسە بولىدۇ.

  10-خاتالىق : تاللاش سوئالى 20-،(بىراق پارلامېنىت تۈزۈمىنىڭ شەكلى ئانچە ئوخشاپكەتمەيدۇ)،ئەسلى «پارلامىنىتنىڭ رولى ياكى فونكىسيەسى»

   11-خاتالىق : تاللاش سوئالى 21-،D جاۋاپ،(مىللى توقۇنۇشتىن رايۇن توقۇنۇشقا تەرەققى قىلدى)،ئەسلى «رايۇن توقۇنىشىغا» دىسەك توغرا بولىدۇ.

  12-خاتالىق: تاللاش سوئالى 22-،(چاڭشەن شەھىرىنىڭ) ، ئەسلى « چاڭئەن» شەھىرى بولۇشى كېرەك.

  13-خاتالىق : تاللاش سوئالى 23-،A .( چەت ئەل سودا كارخانىلىرىنىڭ تۈرگە بولۈش بىلەن مەيدانغاكەلگەن)،ئەسلى «تۈرىتكە بولۇشى بىلەن»(B . ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش)، ئەسلى « ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش»بولسا توغرا بولىدۇ.(D. پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققى قىلىشى جوڭگۇ يىقىنقى زامان تارىخى دەۋرىدە)، ئەسلى «جوڭگۇ يىقىنقى زامان تارىخى دەۋرىدە پەيدا بولغان ۋە تەرەققى قىلغان » دىسەكبولىدۇ.

   14-خاتالىق: 27- سوئال بېرىلىشى (جوڭخۇا مىنگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دۆلەتنىڭ بارلىقپۇقرالىرىغا مەنسۈپتۇر. جوڭخۇا مىنگو پۇقرالىرى بىردەك باراۋەر،ئۇلارئېرىق،سىنىپ،دىنغا ئايرىلمايدۇ.......).بېرىلىش ئاساسەن پۈتۈنلەي دىگۈدەك خاتاتەرجىمە قىلىنغان،مىقدارى بەك كۆپ بولغاچقا توغرا تەرجىمىسىنى بەرمىدىم.سۇرالغانسوئالنىڭ ⑵ سىدە( ۋاقىتلىق بۆيۈك زۇڭتوڭنىڭ مۇقىملىقىغاقارىتا قانداق چەكلىمە بەلگىلەنگەن؟ )ئەسلى «ۋاقىتلىق زۇڭتوڭنىڭ ھوقۇقىغا قارىتاقانداق چەكلىمە قويۇلغان؟»

  15-خاتالىق : 28- سوئالنىڭ بېرىلىشى (مەمۇرى ھوقۇق زوڭتۇڭغا تەۋە،ئۇ دۆلەتباشلىقى،يەنە ھۆكۈمەت باشلىقى،يەنە ئارمىيەنىڭ باش قۇماندانى بولۇپ،ئۇرۇشمەزگىلىدە چوڭ ھوقۇقنى مۇستەققىل تۇتۇپ تۇرىدۇ)باشقا چاغدا پاداباقامدىكىن.بىرىلىشى ئاساسەن  پۈتۈنلەيدىگۈدەك خاتا تەرجىمە قىلىنغان، مىقدارى بەك كۆپ بولغاشقا توغرا تەرجىمىسىنىيازمىدىم ،

   16-خاتالىق : 29- سوئال، (مىنگونىڭ دەسلەپكى) جەنۇبى ئوكيان قېرىنداشلار تاماكاشىركىتى ،«مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە» بولۇشى كېرەك.(يېشىك) ئەمەس « يەشىك».2-ماتىريالنىڭ تەرجىمىسى(جەنۇبى ئوكيان شىركىتىنى غوللىتىش،غۇلىغا،شىمالى دېڭىزھۆكۈمىتىنىڭ) دىگەندەك ئاساسەن دىگۈدەك خاتا تەرجىمە قىلىنغان ، مىقدارى كوپبولغاچقا توغرا تەرجىمىسىنى يازمىدىم.

مىنىڭكەلتۈرگەن بۇ مىسالىم پەقەت دىڭىزدىن بىر تامچە،لىكىن مانا مۇشۇ بىر تامچىمۇ بىزگەنۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ،ئويلاپ بىقىڭ، بىز نەچچە ئونمىڭ،نەچچەيۈزمىڭلىغان قارا كۆزلىرىمىزنى بىر مەۋسۈم،تۆت ئاي ئوقۇتۇپ، ئاخېرىدا مۇشۇنداقمارىس تىلىدا يىزىلغان سوئالدىن ئىمتىھان ئالساق قانداق بولىدۇ!بۇ بىزئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن،ئانا تىلىمىز ئۈچۈن بىر نۇمۇس،بىر يوقۇتۇش،بىر ئورنىغاكەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان.

ئاخېرىدامىنىڭ تەكلىپىم ئالدى بىلەن ئالاقىدار ئورۇنلار مائارىپقا،ئوقۇتۇشقا،ئىمتىھانغائالاقىدار تەرجىمىچىلىككە بولغان نازارەتنى،تەپتىش قىلىشنى كۈچەيىتىلسە، ،ئىككىنچىدىنماتىريال تۈزۈپ،تەرجىمىگە تەشكىللەيدىغان،چىقىرىدىغان شىركەتلەرمۇ يىراقنىكۆرۈپ،ئازراق چىقىمنى دەپ ناباپ،ئەرزانچى تەرجىمانلارغا ئىش تاپشۇرماي،«قۇشقاچنىمۇقاسساپ سويسۇن» دىگەن ماقال-تەمسىلىمىزگە رىئايە قىلسا.ئۈچىنجىدىن: ئىككى تىلنىبىلسىلا تەرجىمىچىلىك قىلغىنى بولمايدۇ،خۇددى ئۇلۇغلىرىمىز ئېيىتقاندەكتەرجىمىچىلىك ئەسەرنى قايتا ئېجاد قىلىش دىگەنلىكتۇر،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سەپكەكىرگەندە كۆز ئالدىمىزنىلا كۆرۈپ،مەسۇليىتىمىزنى،مەجبۇرىيىتىمىزنى،بۇرۇچىمىزنىئۇنتۇپ قالمىساق.

يىقىندا بىر مەخسۇس تارىخ ئوقۇغان،تارىىتەرجىمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان دوستۇمدىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپقالدىم،ئەسلى «ئۈ،م» شېركىتى ماتىريال ئىشلىمەكچى بولۇپ «ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىمەخپى نۇمۇرى» دىگەن كىتاپنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ ئالدىنقى 26 مىڭ خەت ئىككى باپنىسىناپ تەرجىمە قىلىشقا،ئەگەر ياخشى قىلالىسا 1000 خەتكە 90 يۈەندىن تەرجىمە ھەققىبېرىدىغان بولۇپ  سۆزلىشىپتىكەن،كىيىنشۇنداق ياخشى تەرجىمە قىلىپ سىناق نۇسخىنى ئەۋەتىپ بېرىپتۇ،بىراق شىركەتتىنتەرجىمىنى باشقا بىرسىگە بەردۇق دەپ خەۋەر كەپتۇ،سەۋەبىنى مەخپى سۈرۈشتۈرسە ئەسلى1000 خەتنى 45 يۈەندىن تەرجىمە قىلىدىغان بىر نوچى تەرجىمان چىقىپتىكەن شۇنىڭغابېرىپتۇ،شۇڭا بۇداقى ماقالەم مەلۇم شېركەتنىڭ ماتىريال تەرجىمىچىلىكى توغرىسىدابولۇشى مۈمكىن،



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-5 11:03 PM  


نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7127
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 03:02:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا، تەرجىمە، ئىملا خاتالىقلىرىغا يول قويماسلىق، تۈزىتىشكە تىرىشىش كېرەك. ئەمما تېما ئىگىسى 13 – سوئالدا سىزمۇ خاتالىشىپسىز، تۈرىتكە ئەمەس، تۈرتكە، ئىككى بوغۇم.

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4673
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 804 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 08:52:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمتىھان سوئاللىرىدىكى خاتالىقلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس.ئىملا خاتالىقىلائەمەس مەزمۇن خاتالىقىمۇ ئادەمنى چۆچىتىدۇ.
ئۆتكەن يىلى 2-ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ چارەكلىك ئىمتىھانىدا مەن تۇرۋاتقان بازاردا بىر يىللىقنىڭ ئەدەبىيات ئىمتىھانى ئىناۋەتسىز قىلىنىپ 2كۈندىن كىيىن قايتا ئېلىندى.نىمىشقا دەمسىز؟؟؟ تولىمۇ كۈلكىلىك،ئوقۇتقۇچى جاپاتارتىپ دەرسنى ئۆتسۇنۇ سوئال چىقارغا جاناپ 1-مەۋسۈم بىلەن 2-مەۋسۈمنى پەرىقلەندۈرەلمەي 2-مەۋسۈمدە 1-مەۋسۈمنىڭ ماتىرىيالىدىن سوئال چىقارغان.
ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ خۇلاسە ئىمتىھانىدا 2-يىللىق ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ماتىماتىكا سوئالىغا « 5دانە قىسقۇچپاقىنىڭ (     )دانە پۇتى بار»دىگەن سوئال چۈشۈپ كۆپەيتىش كەررىسىدىن پايدىلىنىپ بوش ئورۇننى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.ئىمتىھاننى مەكتەپلەر ئارا ئالمىشىپ ئېلىپ،سوئالنى مەركەزلىك بىر يەرگە يىغىلىپ(بازىرىمىز دائىرىسىدە)تەكشۈردىغان بولغاچقا بۇ سوئال تالاش -تارتىش كەلتۈرۈپ چىقاردى.چۈنكى ئوقۇغۇچىلار قىسقۇچپاقىنى كۆرۈپ باقمىغان.بىر قىسقىچپاقىنىڭ قانچە پۇتى بارلىقىنى بىلمەيدۇ.شۇڭا جاۋاپ كۆپ خىل......
مائارىپ بىر ئەزىم دەريا بولسا بۇ دەريا سۈيى بۇلغىنىپ كەتتى........لېيىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 12:37:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە خاتالىقى ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە باردى  . بۇ ھۈكۈمەتنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى تارتىشى كېرەك . ھازىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسىدىن تارتىپ يەرلىك تىلىۋىزىيەلىرىگىچە ئىملا خاتالىقى بەك ئېغىر . مىنىڭچە مۇشۇنداق ئورۇنلارغا خىزمەت قىلىدىغانلاردىن قاتتىق ئىمتىھان ئېلىپ تاللاش كېرەك . مۇشۇنداق كىتىۋەرسە تىل يېزىقىمىز قانداق بۇلۇپ كىتىدۇ ؟

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 12:45:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 03:03:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تەرجىمانلارنىڭ رولى تازا ياخشى جارى قىلدۇرۇلمايۋاتىدۇ.نەدىكى باشلانغۇچ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھان سوئاللىرىنى تەرجىمە قىلىپ يۈرگىچە مۇنداق چوڭ-چوڭ ئىلمىي ماقالىلەرنى،دۇنياغا داڭلىق يۇقىرى سەۋىيىلىك تەبىئىي پەن،ئىقتىساد،ئەدەبىيات-سەنئەت، دىن-پەلسەپە،مائارىپشۇناسلىق،... ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلسا بولمامدۇ؟!
   سوئاللارنى،دەرسلىكلەرنى بىزنىڭ شۇ كەسىپلەردە يېتىشىپ چىققان ئالىملىرىمىز،مۇتەخەسسىسلىرىمىز تۈزۈپ چىقالايدىغۇ؟! شۇنچىلىك ئاددىي نەرسىنىىمۇ ئەمدى تەرجىمە قىلىپ،كىرگۈزۈپ يۈرەمدۇق؟!
    ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىق ئالىملىرىمىزغا نېمىشقا ياردەمچى تەرجىمانلار يوق؟! بۇ ئۇستازلىرىمىز ئالاھىتەن نۇرغۇن ۋاقتى ھەم زېھنىنى سەرپ قىلىپ يات تىللارنى ئۆگىنىدۇ.ئاندىن چەتتە بىلىم ئاشۇرىدۇ. چەت تىلنى ئۆلچەملىك سۆزلەشكە سەرپ قىلغان ۋاقتىنى ئۆز ئانا تىلىدا پىكىر قىلىشقا،ئۆز كەسپىنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلسا بولمامدۇ؟!چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە كەسىپداشلىرى بىلەن ئۆز ئانا تىلىدا تەرجىمانىنىڭ ياردىمى بىلەن پاراڭلاشسا بولىدىغۇ؟! لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتناشقاندا ياندىكى تەرجىمانى ياردەم قىلسىلا بولدىغۇ؟! ‹‹ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلىسەم تەلەپپۇزۇم قانداق بولار ؟ پاراڭلىشالارمەنمۇ؟››دەپ ئۇپراتقان زېھنىنى :‹‹ماۋۇ ماقالەمنىڭ پىكىر سەۋيىسى ۋە چوڭقۇرلۇقى قانچىلىك دەرىجىدە؟ قايسى نۇقتىلارنى ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك؟›› دېگەن يەرگە ئىشلەتسىچۇ؟! ھەي،... بۇ تىل ئۆگەنگەنلەر مۇشۇنداق مۇھىم يەرلەردە،ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا يوق، نەلەردە تايىنى يوق بىر نېمىلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئولتۇرىدىغاندۇ؟!  تەرجىمانلار نېمىنى تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ؟؟؟!!  كورىيەنىڭ ،شىياڭگاڭنىڭ نەدىكى بىر ئەخلەت كىنولىرىنى،سۈپىتى تۆۋەن ماقالىلەرنى،چولپانلارنىڭ ناينايلىرىنى،يۇقارقىدەك تايىنى يوق ئىمتىھان قوللانمىلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن ئاۋارە.   ئەسلى تەرجىمانلار ناھايىتى مۇھىم، يۇقىرى سۈپەتلىك،قىممىتى زور،ئەلگە نەپ بېرەلەيدىغان،بىزنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان كىتاب،فىلىم،كىنو،ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ بۇ ساھەلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرسا بولاتتى. سوراپ باقاي، ھەممە يەردە ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش كۇرژۇكلىرى ئېچىلدى،خەنچە بىلىدىغانلار ساماندەك.لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى ياكى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلىم-پەن ژۇرنىلى،ئىجتىمائىي پەن ۋە جەمىيەت تۈرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!
يوق!!!!!!!!!!!!!!!!
ھازىرغىچە تەرجىمە قىلغان فىلىملەردىن رەسمىي يۇقىرى سەۋىيىلىك،قىممىتى زور ئەسەرلەر قانچىلىك؟؟؟؟؟   
چەتئەل ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە بىز ئاكتىپمۇ؟؟؟؟ تەرجىمانلار ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسى ۋە چەتئەل ئىلىم ساھەسىنىڭ ئالاقىسىدە زادى قانچىلىك رول ئوينىدى؟؟؟؟
بىزنىڭ پەن-مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئالغا بېسىشىغا قانچىلىك تۆھپە قوشتى؟؟؟؟؟؟؟؟؟   
كورىيەنىڭ ئائىلە فىلىمى،مۇھەببەت ناخشىلىرى،دۆلىتىمىزنىڭ بىر پاي ئوقتا مىڭ ياپونلۇقنى سوقىدىغان كىنولىرىنى،تاماكا چېكىپ،ھاراق ئىچىپ ئوڭغۇل-دوڭغۇل چىرقىراپ يۈرگەن ناخشىلىرى،قولىغا گۈل چېكىدىغان ئاقسالىقلىرىنى بىزگە تونۇشتۇرۇشنىڭ زادى نېمە ئەھمىيىتى بار؟؟؟؟؟؟
ئەجىبا تىل ئۆگىنىشىمىز  يات تىلدا سۆزلەيدىغان ھەمجىنىسلار،ئىشرەتخور،كەيىپخۇمارلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىش ئۈچۈنمۇ؟؟؟؟؟؟
ياكى بولمىسا مىنكاۋخەنلەردەك مائاچۈەر،خوتۈيچاڭ يالاپ،دىلنار ئابدۇللانىڭ قىزىدەك يېرىم يالىڭاچ رەسىمگە چۈشەمدۇق؟؟؟؟؟؟
ئەگەر مەن تەرجىمان بولۇپ قالسام ئۆزۈم بىلىدىغان يات تىلدىكى قىممەتلىك ئەسەرلەرنى،ئىلغار قاراشلار بىلەن تويۇنغان لېكسىيەلەرنى،مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى خەلقىمگە تونۇشتۇراتتىم.ھەق ئالمىساممۇ مەيلى،ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ئالىملىرىمىزغا تەرجىمان بولۇپ،ئۇلارنىڭ تىل ئۆگىنىش يۈكىنى يېنىكلىتەتتىم.ئۇلار مېنىڭ ياردىمىم بىلەن تىل ئۆگىنىشكە سەرپ قىلغان زېھنىنى ئۆز تەتقىقاتىغا،كەسپىگە سەرپ قىلىپ يۇقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشسە بۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلاتتىم. ئىلىم ساھەسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ،ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان بولاتتىم.
ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى بىلىم ئامبىرىنىڭ تېزرەك قۇرۇلۇشىنى،زور كۆپ قىسىم ئادەملىرىمىزنىڭ بىۋاستە ئۆز تىلىدا بىلىم ئامبىرىدىن بىمالال،ئوڭاي پايدىلىنىپ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىنى شۇنداقلا ئىلمىي ماقالە ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئۆز تىلىمىزدا يازىدىغان نەشىر-ئەپكارلارنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىنى تىلەيمەن.
ھەممە ئادەمنىڭ تىل ئۆگىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق.لېكىن ھەر بىر ئادەم چوقۇم مەلۇم جەھەتتىكى بىلىم ۋە ئىقتىدارلارنى ئىگىلىشى،كاللىسى قۇرۇق بولماسلىقى كېرەك.
               
                                 

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102920
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2014-1-29
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 06:16:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭمۇ ئاشۇنداق خەلىققە نەپ بېرىدىغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغىمىز بار! لىكىن تەرجىمە ئەسەرنى نەدە؟ قانداق؟نەشىر قىلغۇزىمىز؟ قانداق قىلىپ خەلىق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىمىز؟ ياكى بىرەرسىڭلار،پۇلدارلار مەبلەغ سىلىڭلار، مەندە ئوندەك كىتاپ بار تەرجىمە قىلايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4450
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1245 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 08:29:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمەن. مەنمۇ بىر قانچە يىل تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىقلارغا دەرس بىرىش جەريانىدا شۇنداق ئويغا كېلىپ قالغان ئىدىم. ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتىدىن باشقا پەنلەردە مەيلى ئىمتىھان سۇئالى ياكى باشقا پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى بولسۇن ئاساسەن تەرجىمە شەكىلدە بولغاچقا خاتالىق ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە ساقلاقلىق. بەزى سۇئاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى بىكاردىن ئالىدۇ.سەۋەبى توغرا جاۋاپنى تاپالماي ۋاقىت كىتىدۇ. ئاخىرىغا بىرىپ قارىسىڭىز توغرا جاۋاپ يوق. ئۇندىن باشقا ئاتالغۇلار تەرجىمىسىنى تەرجىمان ئۆزى بىلگىنىچە ئاتايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئاتالغۇ ئەسلى كىتاپتا بىرخىل ،ئىمتىھان ياكى پايدىلىنىش ماتىرىيالىدا بىر خىل بولماقتا. بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىش كىرەك دەپ قارايمەن.

ھايات
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش