ئۈرۈمچى ۋاقتى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 21- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا سىچۋەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خاندېرسېننىڭ 31 نۇمۇر، 10 قىتىم ياردەمچى پاس بىرىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 121-91 نەتىجە بىلەن سىچۋەن ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ يىڭى يىلدىكى تۈنجى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 16 مەيدان غەلبە قىلىش 5 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 31 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 10 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سېنگېلدون 23 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 20 نۇمۇر، 8 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛شىرئەلىجان 14 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 16 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 8 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبېك 3 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
سىچۋەن كوماندىسىدىن مارك فېيبا 32 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ھادادى17 نۇمۇر، 14 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خۇەي تې 21 نۇمۇر، 8 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 8-يانۋار قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا شەنشى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
شىرئەلىجاننىڭ چولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالار چوڭ تىزىملىگىگە كىرىش ئۈچۈن توردا بىلەت تاشلاش ئادىرىسى؛
http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014/
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى
http://waskitbol.com/forum.php