مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2572|ئىنكاس: 11

ئامىرىكا پاي بازىرى چۇشۇپ، ئالتۇن كۈمۈش بازىرى ئۆستى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8401
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 07:44:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ئامىرىكا پاي بازىرى چۇشۇپ، ئالتۇن كۈمۈش بازىرى ئۆستى


   روجىستىۋا بايرىمى ۋە يىڭى يىل بايرىمىدىن كىيىن ئامىرىكا پاي بازىرىدىن داۋجىنىس ۋە ناسداك كۆرسەتكۇچى ئاجىز تەۋرىنىشنى داۋاملاشتۇردى .ئىلگىركى ئامىرىكا پاي بازىرىنىڭ شىددەتلىك ئۆسىشىدىن كىيىنكى تۇنجى قىتىملىق ئامىرىكا پاي بازىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ھىساپلىنىدۇ .ئىلگىركى بازار ئۆتكىلىدە ئامىرىكا پاي بازىرى شىددەت بىلەن ئۆسۇپ تارىخى چوققا نۇقتا ياراتقان .مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ،مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۇركۇملەپ قەغەز پۇل ساھەسى ۋە پاي بازىرىغا ئىقىپ كىرىشى سەۋەبىدىن ، قىممەت مىتال بازىرىدا قىزغىنلىق سۇسلاپ كەتتى .
  مانا ئەمدىلىكتە ئامىرىكا پاي بازىرىنىڭ ئۇدا ئىككى كۇنلۇك تۆۋەنلەش ھالىتى قىممەت مىتال بازىرىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ ،ئالتۇن كۈمۈش بازىرىدا بۇ ھەپتىلىك چوڭ ئۆسۇش يۆلىنىشىنى شەكىللەندۇردى .خەلىقئارا دوللار كۆرسەتكۇچى بىلەن خەلىقئارا ئالتۇن كۈمۈش قىممەت مىتاللارنىڭ ئوڭ تاناسىپ شەكىلدە تەڭ ئۆرلىشى ، قىممەت مىتال بازىرىدا ھايانكەشلىك ئەھۋالىنىڭ ئىغىرلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ .شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۇش لازىمكى ، بۇنداق ئەھۋالدا ئالتۇن كۈمۈش سودا ماگناتلىرى قەستەن سودا قۇرۇقچىلىقى پەيدا قىلىپ ئالتۇن كۈمۈش بازىرىدا تۇيۇقسىز ئۆسۇش ۋە تۇيۇقسىز چۇشۇش ئەھۋالىنى شەكىللەندۇرىش مۇمكىن .
  ئالتۇن كۈمۈش بازىرى تىخنىكىلىق جەھەتتىن ، بارلىق ۋاقىت بۆلەكلىرى ئۆسۇش يۆلىنىشىگە كىرگەن بولۇپ، ئايلىق ۋاقىت بۆلىكىدىن مۆلچەرلىگەندە ،ئالتۇن كۈمۈشنىڭ چۇشۇش تونىلىدىن مۇۋاپىقەتلىك بۆسۇپ ئۆتكەن .بۇنداق ئەھۋالدا ئالتۇننىڭ 1215دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسى بىرقەدەر مۇھىم دەپ قاراشقا بولىدۇ ، كۈمۈش تەرەپتىن 19.70دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسى بىرقەدەر مۇھىم دەپ قاراشقا بولىدۇ .،ئەگەر ئالتۇن بۇ ھەپتىلىك بازار يىپىلىش باھاسىدا 1225دوللارنىڭ ئۇستىدە يىپىلالىسا ، ئالتۇننىڭ كىلەر ھەپتە 1261دوللاردىكى چوڭ بىسىم نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىش ئىھتىماللىقى كۇچىيىدۇ .كۈمۈش كىلەر ھەپتە 21.40دوللار ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن .

             مەنبەسى :
            ئەسكەرتىش : پايدىلىنشىقىلا بولىدۇ ، سودا ئاساسىي قىلىۋالماڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5599
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1376 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 09:51:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرىكا يەنە پايدا ئالاي دەپتۇ- دە.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14155
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 533 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 09:59:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەن يىل ئالتۇن بىسىۋالغانلار بۇ يىل پايدا ئالامدۇ نىمە باھا ئۆسسە،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14155
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 533 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 10:01:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تويە روجەك مۇنبەر پۇلۇڭغا ئالتۇن ئىلىۋاممىغانغا،
ئۆتكەن يىلى ئالتۇن ئىلىپ بىسىپ قۇيغانلار بۇيىل پايدىنى راسا ئالامدۇ نىمە باھا ئۆسسە،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 03:13:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھامبورگ قاتلىمىسى ئىنسانلارنى ئاچارچىلىققا گىرىپتار قىلدى ، پەقەت نانلا ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىدى ، دىگەن گەپمۇ بۇ ؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
asrari + 21 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 21   باھا خاتىرىسى

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 887
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 11:13:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرىبىر ئالتۇندە.قەدىمدىن تارتىپلا مۇھىم ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن.

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 02:15:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل بازىرىدىكى ئۇيۇن يامان ئۇيۇن جۇما

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 03:23:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 03:13 AM
ھامبورگ قاتلىمىسى ئىنسانلارنى ئاچارچىلىققا گىرىپتار ق ...

نادىر ئىنكاستىن بىرنى كۆردۈم

كىمكى باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4040
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8442
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 03:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇن يەنە ئۈسۈپتۇدە   دىخقانلارنى ئاشلىقى ئۆسسىچۇ...

بۇيەردە نىمە بادۇ.....Www.TizULnix.Com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80963
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 395 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 05:18:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇر يوللايدىغان بولۇپ قالدىم. تۆۋەندىكى تېمىنى ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئىكەن دەپ ئىككى قېتىم يوللىسام، ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئىككى قېتىم ئەخلەتخانىغا تاشلاندى. قېرىنداشلارنىڭ ئىنى-سىڭىللىرىغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى سورايمەن.
------
   ئىتالىيەنىڭ تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتېغا ئىلتىماس قىلىڭ.

              ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىدىكى ئەزىزقىرىنداشلار، مىنىڭ ئىسمىم ئابدۇۋەلى، مەن ئىتالىيەنىڭ تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتېدا ئېلېكترون ئېنژېنىرلىقىدا ئوقۇيمەن.يىقىندا مەن ئوقۇۋاتقان مەزكۇر مەكتەپ ماگېستېرلىق ۋە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى باشلىغاچقا مەن بۇ ئۇچۇرنى ئىمكان قەدەركۆپرەك قىرىنداشلارغا يەتكۈزۈش نىيىتىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم،يازمىدا بەلكىم ئىملا خاتالىقى بولۇشى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئالدى بىلەن مەكتىپىم توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.

مەكتەپ توغرىسدا قىسقىچە چۈشەنچە:
           تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتې ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى پىيېمونتې رايونىدىكى مەركىزى شەھەر تۇرىنغا جايلاشقان بولۇپ، ياۋرۇپاسانائىتىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بۇ مەكتەپ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرسىدا قۇرۇلۇشقاباشلانغان بولۇپ، 1859-يىلى ئەمىلى ئېنژىنىرلىق مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان. بۇمەكتەپنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 都灵理工大学،ئىنگىلىزچە ئىسمى:
          Polytechnic University of Turin . بۇمەكتەپ تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرگەن سانائەت مەكتىۋى بولۇپ، بىناكارلىق،ماشىنسازلىق ۋە ئېلېكترونلۇق ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە خەلىقئاراغا داڭلىق.تۇرىنداFerrari, FIAT قاتارلىق ماشىنالاھىلەش ۋە ياساش زاۋۇتى بار، ھەم ئامرىكىنىڭ ھەممىباب ماشىنسازلىق شىركىتىنىڭ دىزىل ماتور تەتقىتات مەركىزى بار. شۇنداقلا تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتې ئېنژىنىرلىق ساھەسىدە ئىتالىيەدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇنۋىرسىتىتلارنىڭ بىرى.

ئىنىستىتۇت ۋە فاكۇلتىتلار:
         مەكتەپتەجەمئې 7 ئىنىستىتۇت بار يەنى 2 بىناكارلىق ئىنىستىتۇت، 4 سانائەت ئىنىستىتۇت، 1دوكتۇرلۇق ئىنىستىتۇتى، 18 فاكۇلتىت بار. مەكتەپنىڭ تىخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن بىلەلەيسىز: http://www.baike.com/wiki/%E9%83 ... 5%E5%A4%A7%E5%AD%A6،
مەكتەپنىڭ تور بىتى: http://www.polito.it/index.php?lang=en
تەسىس قىلىنغان كەسىپلەرنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن بىلەلەيسىز:
باكلاۋۇرلۇققائائىت كەسىپلەر: https://didattica.polito.it/pls/ ... nco=T&p_lang=EN
ماگىستېرلىق ئوقۇشقا ئائىت كەسىپلەر:
https://didattica.polito.it/pls/ ... nco=T&p_lang=EN
(ئەسكەرتىش: يۇقىرقى توربەتتە ھەر بىر كەسىپنىڭ قايسى تىلدا ئۆتۈلىدىغانلىقى شۇ كەسىپ نامىنىڭ ئارقىسىدا ئەسكەرتىلگەن.)
  ئەگەر سىز يۇقىرىدا دىيىلگەن مەلۇم كەسىپكە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىستىن شۇ كەسىپتە ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەرنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرەلەيسىز: https://didattica.polito.it/pls/ ... it_new?p_a_acc=2014
بۇتوربەتنى ئاچقاندىن كىيىن Engineering ياكىArchitecture نىڭ ئاستىدىكى
1st level, 2nd level, Master دىگەنلەرنى باسسىڭىز مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭدىن ئۆزىڭىز قىزىققان كەسىپلەردە نىمە دەرىسلەرنىڭ ئۆتۈلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.

ئوقۇش راسخوتى ۋە مۇكاپات پۇلى:
          سىزمەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن مەكتەپكەتۆلەيدىغان ئوقۇش پۇلىنى كىمەيتەلەيسىز. ئادەتتە ئوقۇش راسخوتىنى كىمەيتىشتىن بۇرۇن مەكتەپ 1800 ياۋرۇ ئەتراپىدا تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ،لىكىن ئادەتتە ئاساسەن دىگۈدەك ھەممە ئوقۇغۇچىلار بۇ ئوقۇش پۇلىنى كىمەيتىشكەئىلتىماس قىلىدۇ، ھەم ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇش پۇلى كىمەيتىلىدۇ. ئادەتتە بىزگە نىسبەتەن ئوقۇش پۇلىنى كىمەيىتكەندىن كىيىن مەكتەپكە تۆلەيدىغان بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 365 ياۋرۇ ئەتراپىدا بولىدۇ. يەنى 3000يۈەن خەلىق پۇلى ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسلىق چىقىم ياتاقنىڭ چىقىمى بولۇپ، ئادەتتە ئىيىغا كامىدا 2000 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم كىتىدۇ، يەنى 1 يىللىق ئومۇمى چىقىمنى ھىساپلىساق نورمال ئەھۋالدا 35000 كويدىن 40000 كويغىچە پۇل كىتىدۇ.
         ئەمدى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا كەلسەك، ھازىر پېيېمونتې رايونىدىن بىرىلىدىغان EDISUئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار، بۇ مۇكاپات پۇلى 3 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ياتاق، نەقپۇل ۋە مەكتەپ تاماق باھاسىدا ئىتىبار بىرىش قاتارلىقلار.  ئۇندىن باشقا يەنە ماركوپولو پىلانى(خەنزۇچىسى 马可波罗项目)دەپ دۆلىتىمىزنىڭ چىقارغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار، ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مەن ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن. بۇنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ:
http://international.polito.it/zh/node_1106/node_1170/node_1286
        سىز بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا يەنى EDISU غا مەكتەپكە تولۇق تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىلتىماس قىلالايسىز، ھەم ئائىلە ئىقتىسات ئەھۋالىغا قاراپ ئۇلار ھەر بىر ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزىدۇ، ھەم ياتاق ۋەمۇكاپات پۇلىنى شۇ رەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى رەتتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ تارقىتىدۇ. ھەم كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئافرىقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇكاپاتقاكۆپرەك ئىرىشىدۇ. شۇڭا بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئۈچۈن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىنى ئىمكان قەدەر تۆۋەن يازغان ياخشى. 2-يىلىدىن باشلاپ، بۇ مۇكاپات پۇلى سىزنىڭ مەكتەپتىكى دەرىسلەردىن ئالغان نەتىجىلىرىڭىزگە ئاساسەن بىرىلىدۇ. ئەگەر سىز1-يىلى بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بولسىڭىز، 2-يىلى مەكتەپ بەلگىلىگەن نەتىجەئۆلچىمىگە يەتسىڭىزلا ئەسلىدىكى مۇكاپاتنى داۋاملىق ئالالايسىز.
        بۇ مۇكاپات پۇلى بىرىدىغان نەق پۇل 3300 ياۋرۇئەتراپىدا بولۇپ، ياتاققا ئىرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار قايتىدىن ئائىلە ئىقتىسات ئەھۋالىغا ئاساسەن رەتكە تىزىلىپ مۇكاپات پۇلى نامزاتىغا تاللىنىدۇ.
        ئادەتتە9-ئايدا ئوقۇش باشلىنىپ 10-ئاينىڭ بىشىدا ياتاققا ئىرىشكەن ياكى ئىرىشەلمىگەنلىك ئۇچۇرىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاندىن 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا نەق پۇلغا ئىرىشكەن ياكى ئىرىشەلمىگەنلىك ئۇچۇرىنى بىلگىلى بولىدۇ.
      شۇڭا ھەر ئىھتىمالغا قارشى 4000 ياۋرۇ دىن 5000ياۋرۇغىچە نەق پۇل تەييارلاپ چىققان ياخشى.
       بىزنىڭ مىللىتىمىزدە ئېنجېنىرلارنىڭ سانى بەكلا ئاز، شۇڭا بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. قىرىنداشلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مەزكۇرمەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مەكتەپنىڭ ئىلتىماس ئاخىرلىشىش چىكى3-ئاينىڭ 20-كۈنى. بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش پۈتۈنلەي توردىلا بولۇپ، ئىلتىماس قىلىش ھەقسىز. ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ تور بىتىدە تىزىمغا ئالدۇرىسىز،ئاندىن شۇ توربەت تەلەپ قىلغان ماتېرياللارنى تورغا چىقارسىڭىز بولىدۇ. بۇماتېرياللارنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى مەكتەپكە كەلگەن چاغدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا كۆرسىتىسىز.
  مەكتەپكە توردىن ئىلتىماس قىلىش ئادرىسى: http://apply.polito.it/index_en.html
بۇندىن باشقا، مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىنكى بارلىق ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى توربەتتىن بىلەلەيسىز:
http://page.renren.com/601424309/photo/6484143802#6484143798
ئەگەرئىلتىماس جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ۋە ياكى بىلەلمىگەن تەرەپلەر بولساتۆۋەندىكى ئىلخەت ئادرىسىغا ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ:
s184403@studenti.polito.it (ئابدۇۋەلى)
s192058@studenti.polito.it    (ئاتىكەم)
سالاملاربىلەن:
ئابدۇۋەلى.
2014-1-1

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش