مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8568|ئىنكاس: 9

گۈزەللىڭىز قولدىن كەتمىسۇن (سۇبات) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 02:49:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈزەللىكىڭىز قولدىن كەتمىسۇن

(1)


ئىشخانىدا خىزمەت قىلىدىغان خانىم-قىزلار كومپىيوتېردىن ئايرىلالمايدۇ. بۇنداق تۇرمۇش ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، تېرە تۆشۈكچىسى يوغىناش، چىراي خۈنۈكلىشىش ۋە دانىخورەك چىقىش قاتارلىق تېرە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندە مۇشۇ مەسىلىلەرنى يوقىتىش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.


      تېرە ئاسراشنى ياخشى قىلىش


      ۋاقتىدا يۈز يۇيۇش. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا دەرھال يۈزنى پاكىز يۇيىۋىتىش كېرەك. يۈز يۇيۇش مەلھىمى بىلەن يۈزدىكى ئېلېكترو ستاتىك ۋە چاڭ-توزانلارنى يۇيىۋىتىش كېرەك. يۈزنى يېشىل چاي سۈيى بىلەن يۇساق، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرۋاقىتتا، يۈزدىكى مايلارنىمۇ تازلاپ چىقىرىدۇ.


     ۋاقتىدا مۈڭگۈز ماددىسىنى تازلاش.

مۈڭگۈ ماددىسى يىغىلىپ قىلىش تېرە بۇزۇلۇش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت كومپىيوتېر رادىئاتسىيەسىنىڭ تەسىرىدە مۈڭگۈز ماددىسى باشقا كىشىلەردىن تېز يىغىلىپ قالىدۇ. مۈڭگۈز قەۋىتى بەك قىلىن بولۇپ كەتسە، تېرە يىرىك ھەم قوتۇر بولۇش بىلەن بىرۋاقىتتا، تېرە ئاسراش بويۇملىرىنىڭ سىڭىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا چوقۇم ھەپتىدە بىرقىتىم مۈڭگۈز ماددىسىنى تازلاش كېرەك


     ۋاقتى-ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش.

ھەپتىدە بىر-ئىككى قىتىم سۇ تولۇقلاپ نەملىك ساقلاش يۈزلۈك پەردىسى ، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن كوللاگېنلىق ئاقسىل ھۆسۈن تۈزەش سۇيۇقلىقى ئىشلەتسەك، قورۇقنى يوقىتىش بىلەن بىرۋاقىتتا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.


      يىمەكلىك ئارقىلىق رادىئاتسىيەسىگە قارشى تۇرۇش


      (1) ھەر كۈنى 2~3 ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىپ بىرىش كېرەك. يېشىل چاي ئوكسىدلىنىشقا ۋە رادىئاتسىيەسىگە قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراپ، رادىئاتسىيەنىڭ كۆزگە زىيان يەتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ۋېتامىن A مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك.


      ( 2)ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە كۆكتاتلار


       1 . تەرخەمەك


       تەرخەمەكنىڭ تېرىنى قورۇش ۋە قورۇق يوقىتىش رولى بار بۇلۇپ، تېرىسى قارا ئادەملەرگە نىسبەتەن ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولدۇ .يەنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى يۈز يۇيۇشتىن ئىلگىرى تەرخەمەكنى يالپاق توغراپ يۈزگە سۈركەپ،بىر نەچچە مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۋەتسە يۈزدىكى قارا داغلارنى چۈشۈردۇ.


      2 . شوخلا


      (1) شوخلا شىرنىسىگە ئازراق ئاق ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ يۈز ، قول ۋە بىلەككە سۈركىسە تېرىنى ئاقارتىدۇ ۋە يۇمشاق قىلىدۇ . بولۇپمۇ دانىخورەك چىققان يۈزگە ئىشلەتسە يۈزدىكى ماينى تۈگتىپ ،يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .


       (2) ئىسسىق سۇ بىلەن يۈزنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ ،پاكىز سۈرتكەندىن كېيىن چالا پىشقان پەمدۇرنى سىقىپ سۈينى چىقىرىپ ،يۈزگە سۈركەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيۇۋەتسە ۋە شۇ تەرىقىدە ئەتگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن سۈرتسە يۈزنى پارقىراق، نۇرلۇق قىلدۇ .


        3 . كاۋا

        كاۋا قورۇق يوقىتىدىغان ۋە تېرىنى سىلىقلاشتۇردىغان ياخشى كۆكتات .


       (1) كاۋىنى قىرىپ ،شىرنىسىنى چىقىرىپ،

ئازراق ھەسەل ۋە سۇ قوشۇپ يۈزگە سۈركەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ ،بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەپتىدە 5 ~ 3 قېتىمغىچە داۋاملاشتۇرغاندا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولدۇ .


        (2) كاۋىنى ئاقلاپ،ياپىلاق توغراپ، ئۇنىڭغا تەڭ مىقتاردا سۇ ۋە سېرىق ھاراق قوشۇپ ئېزىپ،مەلھەم بولغۇچە قاينىتىپ، ھەر كۈنى كەچتە يۈزىگە سۈركەپ،ئەتىسى ئەتىگەندە يۇيىۋەتسە بولىدۇ.


        (3) ئاچچىق كاۋىنى ئېزىپ، شىرنىسنى چىقىرىپ ،تېرىگە سۈركىسە ھۆل تەمرەتكىنى يوقىتىپ، قۇرت ئۆلتۈردۇ.تەمرەتكىنى داۋالاپ قىچىشىشنى تۈگىتىدۇ.


         4. ياڭيۇ


        ياڭيۇنى ئاقلاپ ئەزگەندىن كېيىن ،تۇخۇم سېرىقى بىلەن سۈت ئارلاشتۇرۇپ ،ئۇماچسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،ئاندىن مۇۋاپىق دەرجىدە قىزىتىپ،ئۇنى يۈزگە سۈركەپ 20 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۈ بىلەن يۇيۇۋەتكەندە قۇرغاق تېرە يۇمرانلىشىپ ،سىلىقلىشىپ، ئىلاستىكىىلىققا ئىگە بولدۇ .


       چىرايلق بۇلۇشنىڭ بىر نەچچە خىل سىرلىرى


        كۆزىڭىزگە يىڭناسقۇ چىقىپ قالسا:


         پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سۇيىۋېتىپ، قولياغلىققا ئوراپ، يىڭناسقۇنىڭ ئۈستىدىن ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىسسىق سۇغا چىلانغان پاكىز لاتا بىلەن بىر نەچچە قېتىم سۈرتىۋەتسىڭىز تېزلا يۇقاپ كېتىدۇ.


        ئەگەر تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۈزىڭىزگە داغ چۈشۈپ قالسا: چامغۇر ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقتاردا يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ئىلەشتۈرۈپ مەلھەم قىلىپ، ئاخشىمى ياتار ۋاقتىدا يۈزىڭىزنى سۇپۇنلاپ يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن يۈزگە سۈركەپ بەرسە، يۈزدىكى داغنى چۈشۈرىدۇ.


       يۈز يۇيىدىغان سۇغا بىر قانچە تامچە ئاقچىقسۇنى تېمىتىۋەتسە، يۈزنى سىلىق قىلىپ ئاقارتىدۇ.


       پىياز سۈيىنى يۈزگە چېپىپ بەرسە، رەڭگى رويىنى چىرايلىق قىلىدۇ.


       بادام مېغىزىنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى قاش ۋە كىرپىككە سۈرمە قىلىپ تارىتسا، قاش ۋە كىرپىكلەرنى قارايتىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ.


      تۇلۇق پىشقان تاتلىق قۇغۇن مېغىزىنى ئىزىپ، شۇ قوغۇننىڭ سۈيىگە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى داغنى چۈشۈرىدۇ. چىرايدىكى قورۇقلارنى يۇقىتىپ يۈز تىرىسىنى پارقىرىتىدۇ،

ئاقارتىدۇ.


      تەرخەمەك (خۇڭگا) نى ئىككى پارچە قىلىپ، كۈندە 15 مىنۇت ئەتراپىدا سۈرتۈشنى داۋاملاشتۇرسا، يۈزدىكى سەپكۈن يوقىلىدۇ.


       90 گىرام ئاقلىۋېتىلگەن ئۈرۈك مېغىزىنى تۇخۇم ئېغىغا ئارلاشتۇرۇپ ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزگە سۈرتۈپ ئەتىسى يۇيىۋەتسە قورۇق يوقىلىدۇ.


        قېشىڭىز بىلەن كىرپىڭىڭىز قارا ھەم ئۇزۇن بولسۇن دىسىڭىز: سىيادان ئۇرىغى بىلەن بادام يېغىنى ئارلاشتۇرۇپ ئىككى سائەتتە بىر قېتىم كىرپىكىڭىزنى ياغلاڭ، ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرۇڭ، چۇقۇمكى نەتىنجىسىىنى كۆرىسىز.


       موگونىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىسى مول بۇلۇپ، تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە ۋىتامىن بار، ماينى سىرىش رولى بار ئىكەن، ئاياللار دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.


       ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزىڭىزدىكى گىرىمنى پاكىز يۇيىۋېتىڭ. ھەر كۈنى 8 ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىشنى ئادەت قىلىڭ.


مەنبە: توردىن يىغىپ ساقلىغانلىرىم


سالام مۇنبەرداشلار، ئۇزاقتىن بۇيان مۇنبەرنى ئارىلاپ تۇرىۋاتقان بولساممۇ بىرەر نەرسىمۇ يوللىمىدىم. ئاددى بولسىمۇ سىلەرنىڭ گۈزەللىكىڭلار ئۈچۈن...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cubat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-25 03:01 PM  


ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 11:01:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:24:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   سىيادان ئۇرۇقى دېگەن بىز بىلىدىغان سىياداننىڭ ئۆزى شۇمۇ ياكى ئۇرۇقى باشقا بولامدۇ؟

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 03:40:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش سۈرتىڭىزدىكى ياڭزىسى با چوكان جۇمۇ كاساپەت ، توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بۇلاتتى .

ئاپلا ! ئاپام كۆرۈپ قالدى ، تىللايدىغان بولدىدە .

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 04:25:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى مۇنبەردىكى گۈزەللىكنى سۆيگۈچى خېنىملار ‹‹ھۆررەم›› سوپۇنىنى ئىشلەتمەيمۇ جەزبىدارلىشىپ كېتىدىغان بولدى-دە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 05:07 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1406 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 11:14:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاددى ھەم قولايلىق ئۇسۇللاركەن بۇ . رەخمەت جۇمۇ جانىم . كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان خانىم قىزلار چۇقۇم تېرىسىنى ياخشى ئاسرىشى كېرەك . بولمىسا قېرىپ كىتىدۇ مەندەك .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:18:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەركەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95690
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1456
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 01:55:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كومپىيتۇردىكى ئالدىدىكى خىنىملارغا قىلغىدەك ئىش چىقىپتىدە؟.

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 06:53:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ئىنتايىن ئاددى ئۇسۇللار، قىزلار ئۈزىنى ئاسراپ، گۈزەللىكىگە كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدۇ.

شۇڭا قىزلار ساقلىۋېلىڭلار... ئەسقېتىپ قالىدۇ.

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 01:53:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت  جۇمۇ  كىرىندىشىم

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش