مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 710|ئىنكاس: 3

چەمبەر تۇراقلىقى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99727
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2013-11-17
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 02:19:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن مۇنبەرگە چىقىپ قارىسام، چەمبەر تۇراقلىقى 4 كە تەڭ دېگەن بىر تېما كۆزۈمگە چېلىقتى. مەن ماۋزۇسىغا قاراپلا بۇ تېمىنى تاغدىن- باغدىن سەھىپىسىدىكى تېما ئوخشايدۇ دېسەم، پەن مائارىپ بىلىملىرى ئارىسىدا تۇرىدۇ. شۇڭا مەزكۇر تېمىنى يوللاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

چەمبەر تۇراقلىقى ھەققىدە


چەمبەر تۇراقلىقى π ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر تۇراقلىق سان بولۇپ، تەخمىنى قىممىتى 3.141592654 تەڭ. بۇ بىر ئىرراتسىئونال سان( يەنى چەكسىز تەكرارلانمايدىغان كەسىر سان). كۈندىلىك تۇرمۇشتا 3.14 تىن پايدىلىنىپ ئادەتتىكى ھېسابلاش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىمىز. ئون خانىغىچە ئېنىقلىقتا ئېلىنغان قىممىتى 3.141592654 ئارقىلىق نۇرغۇن ھېسابلاش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ. بىناكارلىق ۋە ئالەم فىزىكىسىدىكى ئىنچىكە ھېسابلاشلاردىمۇ يۈز خانىغىچە ئېنىقلىقتىكى قىممىتى يېتىپ ئاشىدۇ.
π نىڭ ئېنىقلىمىسى
π نىڭ ئادەتتىكى ئىنىقلىمىسى بولسا، چەمبەر ئايلانمىسىنىڭ دىئامىتىرىغا بولغان نىسبىتى، يەنى. بۇنى يەنە دىئامىتىرى 2 بولغان چەمبەر ۋە تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 2 بولغان كىۋادىراتنىڭ مەيدانىنىڭ نىسبىتى ئارقىلىق ئېنىقلاشقىمۇ بولىدۇ.
يۇقارقىسى چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ گىئومىتىرىيەلىك ئېنىقلىمىسى. ئەمدى ئالگىبىرالىق ئېنىقلىمىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ:
π بولسا  sin x = 0 نىڭ ئەڭ كىچىك مۇسبەت ھەقىقى يېشىمى. سىنۇس فۇنكىسىيەسىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى بەلكىم ئالىي مەكتەپ ماتىماتىكا كىتابىڭىزدىن تاپالايسىز.

=sin x


π نىڭ قوللىنىلىشىچەمبەر تۇراقلىقىنىڭ قوللىنىلىشى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ، چەمبەرنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى، مەيدانى، شارنىڭ سىرتقى يۈزى ۋە ھەجمى قاتارلىقلارنى توغرا ھېسابلاشتا كام بولسا بولمايدۇ.
π نىڭ تەرەققىياتى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 20- ئەسىردە، قەدىمقى بابىلونلۇقلار چەمبەر تۇراقلىقىنى 3.125 دەپ ھېسابلىغان. ھىندىستاندا بولسا 3.160493 قىممىتىنى ئىشلەتكەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە، ئارخىمىد 3.1418 قىممىتىنى ھېسابلاپ چىققان. مىلادىيە 480- يىلى زۇچۇڭجى چەمبەر تۇراقلىقىنى كەسىر چىكىتىدىن كىيىنكى 7 خانىلىق ئېنىقلىقتا ھېسابلاپ چىققان.

2010- يىلى چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ قىممىتى كەسىر چىكىتىدىن كىيىنكى 5 تىرىللىيون خانىلىق ئېنىقلىقتا ھېسابلاپ چىقىلدى.


π نىڭ ئالاھىدىلىكى
چەمبەر تۇراقلىقىنى بۇنچىۋالا ئېنىقلىقتا ھېسابلاشنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق. نېمىشقا دەپ سورىسىڭىز،               Jörg Arndt, Christoph Haenel  ئىككىسىنىڭ 2011- يىللىق Springer  ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان
Pi - Unleashed ( يەنى ئازاد قىلىنغان چەمبەر تۇراقلىقى) ناملىق ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ جاۋاب بېرەي:
π نىڭ 39 خانىلىق ئېنىقلىقتىكى قىممىتى ئارقىلىق ئالەمنىڭ چوڭلۇقىنى ھېسابلىغاندا، خاتالىق پەرقى بىر دانە ئاتومنىڭ چوڭلۇقىچىلىك بولىدۇ.
ئىلگىرى چەمبەر تۇراقلىقىنى ھېسابلاشنىڭ نىشانى π نىڭ دەۋرىلىنىدىغان ياكى دەۋرىلەنمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئىدى. 1761- يىلى لەمبورت π نىڭ ئىرراتسىئونال سان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى، 1882- يىلى لىندىرمەن π نىڭ ترانسسېندېنتال سان( ئىزدىنىش تور لۇغىتىدىكى تەرجىمىسى)ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. شۇنىڭدىن كىيىن  π نىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى ئېچىپ تاشلاندى.
(ترانسسېندېنتال سان، مەنىسى ئالگىبىرادىن ھالقىغان سان. ئىنىقلىمىسى: ھېچقانداق پۈتۈن سان كوئېففىتسېنتلىق ئالگىبىرالىق تەڭلىمىنى قانائەتلەندۈرمەيدىغان ھەقىقى سان.)

بۇ ئەسەرنىڭ مەنبەسى: بەيدۇپىدىيە( 百度百科) دىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمان ئۆزۈم. كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز پىكىرىم يوق. لېكىن پۈتۈنلەي توغرا تەرجىمە قىلدىم دىيەلمەيمەن.



چالا تىۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100269
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-11-29
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 11:34:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ماتىماتىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما بۈگۈن چەمبەر تۇراقلىقىنى بىلىۋالدىم، رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100845
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-26
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 11:37:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا نا مۇنبەردىكى ئىلىم ئىنقىلابى پارىتلاپتۇ، كۆپرەك ئىزدىنىپ خەقنى تۈزەتكىلى سالسام بولغيدەك، مەن يەنە كىلىمەن

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17219
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1955 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 09:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن، ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر!

رەسىملەر كۆرنمەي قاپتۇ ، تەھرىرلەپ قويۇلسا................

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش