مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1381|ئىنكاس: 16

ئوقۇش پۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16520
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3662 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 06:22:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                 ئوقۇش پۇلى

                                                    (ھېكايە)

                                                 ئاپتورى:پادىشاھ

ئۇ قايرىلىپ تۇرۇپ «دادا بولدى قايتىپ كەت»دېدى.دادا ئۈندىمەستىن ئۇنىڭ ئارقىدىن مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى.«داد،قايتىپ كەت،ئۆزۈم بارالايمەن.»ئۇ دادىسىنى قايتىپ كېتىشكە ئۈندىدى.دادىسى ھە دېگىنىچە توختاپ قالدى.

ــ «قانداقلا بولمىسۇن دېققەت قىلغىن ئوغلۇم،بېرىپلا تېلىفون قىلغىن!»بولامدۇ

ئۇ ئارقىدا قېلىۋاتقان دادىسنىڭ سايىسىگە قارىغىنىدا،كۆڭلى بىئارام بولۇشقا باشلىدى.ئەسلىد دادىسى ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويماقچىدى بىراق ئائىلە ئىقتىسادى يار بەرمىگەچكە بارمايدىغان  بولغاندى.

تۇيۇقسىز ــ«توختا ئوغلۇم،توختا »دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ئۇ ئارقىغا قايرىلدى دادىسى يېقىنلاپلا كېلىۋاتاتتى ،ئۇ دادىسى تەرەپكە ماڭدى ۋە:

ــ دادا نېمە بولدى؟دەپ سورىدى.ئۇ ئوغلىنىڭ يېنىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ سول مەيدىسىگە تىكىلگەن يانجۇقنى بىر نەچچە قېتىپ سىللىغان ھالدا:

ــ ئوغلۇم بۇ ئوقۇش پۇلۇڭدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن،ئۇنى باشقا جايغا سېلىۋالساڭ سەل بىخەتەر بۇلارمىكىن دىدى.

ــ قايەرگە سالىمەن دادا.

ــ ئايىقىڭنىڭ ئاستىغا شۇنداق قىلساڭ سەل بىخەتەر بۇلارمىكىن دەيمەن.

ــ ماقۇل ئەمىسە سەن دىگەندەك قىلايلى ئوغۇل  يانجۇقىنى سۆكۈپ پۇلنى چىقاردى.دادا پۇللارنى قوللىرى تىترىگەن قىياپەتتە ئىككىگە بۆلۈپ بىر بۆلىكىنى ئوڭ ئايىقىنىڭ ئىچىگە يەنەبىرنى سول ئايىقىنىڭ ئىچەگە سالدى.ۋە خاتىرجەم بولغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ مەھەللىگە يۈرۈپ كەتتى.ئۇ  تاغ يولىنى بويلاپ ئىلگىرلەشكە باشلىدى،بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ئايىقىدىكى پۇللار پۇتىغا پېتىپ ماڭغۇدەك مادارى قالمايلا قالدى.ئۇ يوغان بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئايىقىنى سېلىپ پۇلللارنى چىقاردى پۇلنىڭ بىر نەچچە ۋارىقى  ھۆل بولۇپ رەڭگى ئۆچۈپ كەتكەندى.ئاپلا دېگىنىچە يەنە بىر ئايىقىنى سالدى ئۇ پۇللارمۇ   شۇنداق بولغاندى.«قانداق قىلارمەن»دېگىنىچە پۇللارنى رەتلەشكە باشلىدى ئۇ. تۇيۇقسىز چىققان شامال پۇللارنى ئۇچۇرۇشقا باشلىدى،پۇللار  چۆپلۈك،ئازگال،دۆڭلۈكلەرگە ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى.ئۇ بىر تەرەپتىن پۇل تەرسە يەنە بىر تەرەپتىن يېغلايتى...

بىر ھازادىن كېيىن ئۇ پۇللارنى رەتلەپ ساناشقا باشلىدى.1000سوم كام چىقتى ئۇ ئەتراپنى بىر نەچچە قېتىم ئىزدىگەن بولسىمۇ قالغان پۇللار تېپىلمىدى قانداق قىلارمەن؟ئۇ ناھىيگە بارىدىغان ئاپتۇبۇسقا كېچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى.

مەكەتەپە كەلگەن كۈنىلا ئۇ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇۋەتتى،بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئەھۋالىنى ئېيتتى ۋە دەرستىن سىرت ئىشلەيدىغان ئىش تاپتى.شۇنۇڭ بىلەن ئۇ دادىسىغا تېلىفون قىلدى.

ــ دادا مەندىن خاتىرجەم بول،مەكتەپ ۋە مۇئەللىملەر بەك ياخشى ئىكەن مەن تېخى ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەيدىغان بولدۇم دىدى.
ــ مەن سېنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنەتتىم.ئۆتكەندە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مىڭ سوم پۇلىنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىم .

مەن چوقۇم ئوغلۇم ئەمەس چۈنكى ئوغلۇم ئۇنچىۋالا ھامەقەتلەردىن ئەمەس دەپ ئويلىغاندىم دىدى دادىسى كۈلۈپ تۇرۇپ.دادىسىنىڭ  بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆز چانقلىرىدىن ياش سىرغىشقا باشلىدى...








  
  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-16 06:24 PM  


دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3344
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 08:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىڭ سۇم قانداق پاتقاندۇ ئاياقنىڭ ئىچىگە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 08:38:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكا كارتىغا سېلىۋەتمەي

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95193
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-4-21
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 08:44:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنچىۋالا دوت ئادەم يوقتۇ؟

مەن بولسام ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،بىر دوستۇمنڭ تەۋسىيەسى بىلەن مۇنبەرگە  

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10965
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2223 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 08:45:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆزەل يوللىغان ۋاقتى  2013-12-16 08:31 PM
مىڭ سۇم قانداق پاتقاندۇ ئاياقنىڭ ئىچىگە؟

100 يۈەنلىك پۇلدىن 10 قەغەز.........  قانچىلىك توملۇقتا كېلە سىزچە؟؟؟؟  پىتەكنىڭ قېلىنلىقىدەكمۇ كەلمەيدۇ.....  ئەلۋەتتە پاتىدۇدە..........

ئاتىنىڭ پەرزەنتكە بولغان مىھرى چوڭقۇردە........  ئاۋۇ بالىمۇ  ئاشۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي دەپ تىرىشۋېتىپدۇ....  
بەزى بالىلار باركىن، ئاتا - ئانىسى مىڭبىر جاپادا تاپقان پۇللىرنى مەكتەپلەردە بۇزۇپ- چېچىپ خەچلەپ تۈگىتىدۇ،،،، تېخى پۇل يەتمىدى، ئۇنىڭغا پۇل تاپشۇردۇق، بۇنىڭغا پۇل تاپشۇردۇق دەپ باھانە تېپىپ بىرىدۇ، ئەمەليەتتە ئۇنداق ئەمەس.........  ۋاڭبا.... دىبا........ ھەددىدىن ئاشقىنى جۇبا........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20209
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1687 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 09:45:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكاينىڭ تېگى مەنىسىنى چۈشنۇپ ئۇقۇڭلار تورداشلار

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20209
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1687 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 09:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ياخشى يېزىپسىز!!! ھەر قېتىم شۇ شەيتان ئۆيلىرىدە بولۋاتقان شۇ ئىسراپچىلىق، بۇزۇقچىلىقنى كۆرگىنىمدە، شۇ ئېتىزدا جاپا تارتىپ ئىشلاۋاتقان ساددا دېھقان يادىمغا كېلىدۇ

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

باشقىلار كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4026
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18664
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 10:07:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆزەل يوللىغان ۋاقتى  2013-12-16 08:31 PM
مىڭ سۇم قانداق پاتقاندۇ ئاياقنىڭ ئىچىگە؟

ئىقتىسادى ياخشى بولمىغاچقا، ئاياق ئالىدىغان پۇلى يوق. دادىسىنىڭ كونا ئايىقىنى چوڭ كەلگىنىگە قارىماي كىيىۋالغان ئوخشايدۇ. ھې ھې ھې .

پۇلنىڭ ئاياق ئىچىگە پېتىش، پاتماسلىقى مۇھىم مەسىلە ئەمەس بۇ ھېكايىدە.  جاپاكەش ئاتىنىڭ بالىنىڭ ئوقۇشىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن جاپاغا چىدىشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. مۇشۇنداق بالىلار كۆپىنچە مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇ.

يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە    ئىملاغا دېققەت قىلايلى قېرىنداشلار!!!!

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 931
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2747
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2044 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 10:21:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داداىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان رىشتى ۋە ئىشەنچىسى....

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 10:27:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز.  قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش