ئانىنىڭ قەبرىسى
كېم خى( كورىيە)
ناھايتى قاتتىق قار ياغقان قىشنىڭ بىر كۈنى ئېگىز ھەم خەتەرلىك بىر تاغقا كىچىك بىر جىلغىدىن ئىككەيلەن چىقىپ كەلدى.يېشى چوڭراقى ئامرىكىلىق،ياشراق كەلگىنى كورىيەلىك ئىدى.
قەبرىنى قىلىن قار باسقان بولۇپ،قەبرە تاختىسى قارىماققا ناھايتى ئاددى كۆرىنەتتى.چوڭ ياشلىق ئامرىكىلىق ياش كىشىگە ‹‹ بۇ ئاناڭنىڭ قەبرىسى ،تازىم قىل...›› دىدى.ياش يېگىت ‹‹ گۈپ›› قىلىپ قارغا يىقىلدى.
بۇ ۋەقە 1952-يىلى يۈز بەرگەن.چاۋشىيەننى قايتۇرۇۋىلىش ئۇرۇشى مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتقان پەيتتە،‹‹ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيسى›› بىر تۈركۈم ئەسكەرلەرنى ياردەمگە ئەۋەتىدۇ.ۋېرسىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇپ،ئەينى چاغدا ئەڭ كەسكىن بولغان بىر قىتىملىق جەڭ موشۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىدى.
خەلق ئارمىيسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئاستىدا ‹‹ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيسى›› قەدەممۇ-قەدەم چىكىنىدۇ.چىكىنىش جەريانىدا ۋېرسىن چوڭ قىسىمدىن ئايرىلىپ كىتىپ ،ئۇلاردىن بارغانسىرى يىراقلاپ كىتىدۇ.بىرچاغدا ئۇ تۇيۇقسىزلا بوۋاقنىڭ يېغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىدۇ.يېغا ئاۋازى قارنىڭ تىگىدىن چىقىۋاتاتتى.ۋېرسىن يىغىلىپ قالغان قارنى كولاۋىتىپ،كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالىدۇ.
بىر بوۋاق ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى.ئادەمنى تىخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئانىنىڭ ئۈستىىبىشىدا ھىچقانداق كىيىم يوق ئىدى. ئەسلىدە بۇ ئانا بالىسىنى ھاپاش قىلىپ پاناھلىق ئىزدەۋىتىپ ،مۇشۇ جىلغىغا قاپسىلىپ قالغان،قار يىغىشقا باشلىغاندا ئانا بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن،ئۆزىنىڭ بارلىق كىيىمىنى سىلىپ بالىسىغا كىيدۈرۈپ، بالىسىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان.گەرچە ئانا ئاللىقاچان جان ئۈزۈپ بولغان بولسىمۇ،بىراق ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاق تىخى ھايات ئىدى.
ۋېرسىن بۇ پەۋقۇلئاددە مەنزىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىدۇ.ئۇ جەڭ قورالىدىن پايدىلىنىپ توڭنى چىقىپ چوڭقۇر ئورەك كولاپ بۇ ئانىنى دەپنە قىلىدۇ.ئارقىدىن قاتتىق يىغلاۋاتقان بوۋاقنى ئىلىپ چوڭ قىسىمنى ئىزدەپ كىتىپ قالىدۇ.
ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئۇ بۇ بالىنى ئامرىكىغا ئىلىپ كىتىپ باقىدۇ.بالا ئاستا-ئاستا چوڭ بولىدۇ.ۋېرسىن ئۇنىڭغا ئەينى چاغدىكى ۋەقەنى ئىيتىپ بىرىپ ئۇنى ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاشقا ئىلىپ كىلىدۇ.
قەبرە ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ياشنىڭ كۆز يېشى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىدۇ.
بىر ئازدىن كىيىن يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ،قەبرە ئۈستىدىكى يىغىلىپ قالغان قارنى تازلاشقا باشلايدۇ.ئۇ بەدىنى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن ھالدا قارلارنى پاك-پاكىزە تازىلاپ بولغاندىن كىيىن كىيىمىنى بىردىن-بىردىن سىلىپ قەبرە ئۈستىگە ياپىدۇ.ئاندىن قەبرىگە مەيدىسىنى يىقىپ تۇرۇپ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى قەلبىدە ساقلاپ كەلگەن مونۇ سۆزنى ئىيتىدۇ ‹‹ ئانا،شۇنچە يىللاردىن بىرى قانچىلىك توڭۇپ كەتكەنسىز –ھە!››.
بۇئەسەر‹‹ئوقۇرمەنلەر ›› (读者) ژۇرنىلىنڭ 2007-يىللىق 24- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت511 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-14 12:04 AM