مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8006|ئىنكاس: 38

قىشتا يۇمۇرنىڭ باھاسى ئۆسكىدەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6911
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 08:16:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىشتا يۇمۇرنىڭ باھاسى ئۆسىدىكەن دەپ ئاڭلاپ خىلى كۆپ يۇمۇرلارنى ئامبارغا بىسىپ قويغانتىم. توڭلاپ قالغىلى تۇرۇپتۇ. شۇڭا ئىسسىغىدا سىتىۋىتەي دەپ شۇ.

نىم بىلەي؟ يۇمۇرنىڭ ئەمەس كۈلكىنىڭ باھاسى ئۆسىدىغانلىقىنى. بۇدا يۇمۇرنىڭ ئورنىغا كۈلكە بىسىپ قويسام بولغۇدەك.ۋەيران بولغىلى قىل قالدىم زادى.



مۇنبەر رادىئوسى: مۇنبەرداشلار دېققەت! مۇنبىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى  مىسرانىم(ئابابەكرى مۇختەر)   ئاياللار ھاجەتخانىسدىن بىر قاش قەلەم، بىر لەۋ سۇرۇق، بىرجۈپ ئالتۇن بىلەيزۈك تېپىۋېلىپ، ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇردى، ئۇنىڭ بۇ روھىدىن ئۆگىنەيلى!
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كىمنىڭ ئەڭ چاۋاك چالغىنىنى بىلەمسىز؟  چوقۇم بوغالتىر  (چۈنكى ئۇ ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىشكە باھانە تاپالمايۋاتىتى ئەمەسمۇ؟)


مۇئەللىم: ، بىرنىڭ كەينىدىن بىرى دىگەنگە جۈملە تۈزەڭ.
خارسەن: ئىشتىن چۈشۈپ دادام ئۈزۈلمەي ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى.
مالىم: سېنىڭ قانچە داداڭ بار؟


مەخەتجان يولدىن بىر يارىغا سۈركەيدىغان ناھايىتى ئاز قالغان بىر سىقما دورىنى تېپىۋېلىپ، ئۇياققا ئۆرۈپ قاراپ،
بۇياققا ئۆرۈپ قاراپ، تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماي، ئاخىرى يانچۇقىدىن بىر كىچىك بەكىنى چىقىرىپ قولىنى شارت قىلىپ كېسىپ،
دورىنى كەسكەن يەرگە سۈركەپ قويۇپ:  ئىسراپ بولمىسۇن-دېگۈدەك



مۇئەللىم: سىيېرغا جۈملە تۈزەپ بېقىڭە، خان؟
گۈلبەشكەر: بىر تۇياق سېير.
مۇئەللىم : ياخشى، يەنە بىرنى تۈزۈپ بېقىڭە خان.
گۈلبەشكەر: يەنە بىر تۇياق سېير. ھى ھى




نازىلە0998: ئۇھ، بۇ ئۆي ئىشلىرىدىن جاق تويدۇم. مەنلا قىلامدىم سايەك!
ئىرى: ئامال يوق جانىم، يا ئىككى خوتۇن ئېلىشىمغا قوشۇلمىسىڭىز.


گۈلسمئاينىڭ ئىرى ئاچچىغىدا:  سەن باغۇ 6 سومغىمۇ يارىمايسەن-دەپتۇ.
گۈلسۈمئاي : نىمە دىگىنىڭ ، بۇ سۆزىڭنى ئىسپاتلاپ بەر.
ئىرى  ئاغزىدىن چىققان بۇ سۆزگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەقىلىنى ئىشلىتىپ، بىر تاكسى نى چاقىرىپتۇ.
تاكسى كىلىپ ئىشىك ئالدىدا سېگنال بىرىپتۇ.   
ئىرى بولسا گۈلسۈمئاي  بىلەن ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، تاكسىچىدىن: دا بازاغا قانچىگە ئاپىرىسەن؟ دەپ سوراپتۇ
شوپۇر:  6سوم  
گۈلسۈمئاينىڭ ئىرى : ئايالىم بىلەنچۇ؟
شوپۇر: ئوخشاش 6سوم.
ئىرى  بولسا گۈلسۈمئاي گە قاراپ تۇرۇپ: كۆردۇڭمۇ سىنى تېخى ھېساپقىمۇ قاتمايدۇ-دىگۇدەك




سودا ساراينىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئۈنلۈك توۋلاپ :
ھۆرمەتلىك مېھمانلار ھازىر سىېرىق كوينەك كەيگەن ئۈچ ياشلىق بىر ئوغول بالىنى تېپىۋالدۇق ،بالىسىنى يوقاتقوچىلار دەرھال كۈتۈش ئۆيىگە كېلىپ بالىسىنى ئېلىپ كەتسۇن.
ئېشىك تۈۋىدە تورغان زۇمرەت دوستىغا شۇنداق پىچىرلاپتۇدە:
بالامغا قارايدىغان ئادەم تېپىلدى، يۈر ،تاللا بازىرىنى ئايلانغاچ كۆڭۈل ئېچىپ كېلەيلى




سىنىپ مۇدىرى باھادىردىن : ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجەڭ نېمە ئۈچۈن ۋاسكېتبول ئوينىغاندىكىدەك ياخشى ئەمەس ؟

باھادىر: مۇئەللىم ، ۋاسكېتبول مەيدانىدا ھەمكارلىشىدىغانلار بار . ئىمتىھان مەيدانىدا ھەمكارلىشىدىغان ئادەم يوق - تە ! دېگۈدەك






<< ئەڭ - ئەڭ سۆيۈملۈك زۇمرەت،- دەپ يېزىپتۇ يىگىت باغاقچىگە، - سىزنى يەنە بىر قېتىم مالال قىلغىنىمنى ئەپۇ قىلغايسىز، مېنىڭ خاتىرەم بەل ناچار! تۈنۈگۈن سىزگە تەكلىپ قويغىنىمدا، سىزنىڭ، (بولىدۇ)ياكى (بولمايدۇ) دېگەنلىكىڭىزنى زادىلا يادىمغا ئالالمايۋاتىمەن.>>
<< قەدىرلىك ۋېل،- دەپتۇ زۇمرەت جاۋاپ خېتىدە، - خېتىڭىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم، تۈنۈگۈن مېنىڭ (بولمايدۇ) دېگىنىم ئېسىمدە، بىراق بۇ سۆزنى كىمگە دېگەنلىكىمنى زادىلا ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن




بايخىنىم  تېلىفۇندا بىر ئىككى سائەتلاپ ۋاقىراپ سۆزلىشىپ، پۈتۈن ئالەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ  بېشىنى بەك ئاغرىتىدىكەن. بىر كۈنى تېلىفۇن جىرىڭلىشىغا باي خىنىم ئېلىپ يېرىم سائەت سۆزلىشىپتۇ، بۇنىڭدىن ھەيران بولغان ئىرى  : "خوتۇن بۈگۈن ياخشىغۇ، ئاران يېرىم سائەتلا سۆزلەشتىڭ" دىسە،
باي خىنىم : "ۋېيەي !، قاراڭ ، بىرسى تېلىفۇننى خاتا ئۇرۇپ قاپتىكەن" دىگۈدەك



باھادىر بىر كۈنى بوغالتىر بىلەن بىلەن قىمار ئويناپ يۈز يۈەن ئۇتتۇرىۋېتىپتۇ ۋە قاخشاپ  بوغالتىرغا يالۋۇرۇپتۇ :" بۇرادەر ئۆتۈنۈپ قالاي ياردەم قىلغىن ، ئايالىم ئەگەر ئۇتتۇرۋەتكىنىمنى بىلىپ قالسا مېنى بوش قويىۋەتمەيدۇ . "  " ئۆتۈنۈپ قالاي پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرسەڭ ، بولمىسا مەن ياشىيالمايمەن ."  بوغالتىر خۇرسىنغىنىچە پۇلنى باھادىرغا تەڭلەپتۇ . " بۇرادەر ،- دەپتۇ باھادىر، خاپا بولماي يەنە ئەللىك يۈەن بەرسەڭ بولامدۇ ، مېنىڭ بىچارە ئايالىم مېنى ئۇتۇپتۇ دەپ قالسۇن



باي خىنىمنىڭ ئۆيىگە بىر چاشقان كىرىۋىىلىپ شۇنداق زېرىكتىرۋېتىپۇ . كېچىسى ئۇخلىيالمىغان باي خىنىم تاختا مۈشۈكنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا ئورناتقىلى يەمچۈك ئىزدەپ پۈتۈن ئۆينى ئاختۇرۇپ ھېچ نەرسە تاپالماپتۇ. ئاخىرى كاللسىغا بىر ئىش كەپتۇ ،بېرىپلا بىر ژورنالنى ئېچىپ ئۇنىڭدىن پىشلاقنىڭ رەسىمىنى كېسىپ ئېلىپ ئۇنى تاختا مۈشۈككە ئورنىتىپتۇ.لىكىن ئەتىسى قارىسا ھېلىقى پىشلاقنىڭ رەسىمى يوق،بىر چاشقاننىڭ رەسىمى تۇرغۇدەك




باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا دۆلەت رەئىسى بولۇشنى ۋە باۋما ماركىلىق ماشىنام بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم ، تولۇقسىزغا چىققاندا ئۆلكە باشلىقى بولۇشنى ۋە ئاۋتو ماشىنام بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ۋىلايەتنىڭ ۋالىسى بولۇشنى ۋە شاڭخەي داجۇڭ ماشىنام بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم، كېيىن ئالىي مەكتەپكە چىققاندا بولسا كەنت باشلىقى بولۇشنى ۋە موتسىكىلىتىم بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم، مانا ئەمدى جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن بولسا ئائىلە باشلىقى بولۇشنى ۋە ۋېلىسىپىتىم بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ يۈرۈپتىمەن، نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ ئارزۇيۇم نېمىگە ئايلىنار؟؟




.بىر كۈنى بىر مەست ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتسا ساقچىلار توساپتۇ .ساقچىلار ئەمدا تەكشۈرەي دەپ تۇرسا ياندىلا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ.ساقچىلار شۇ يەرگە يۇگۈرۇپ كېتىپ قاپتۇ،بۇنى كۆرگەن مەست دەرھال ماشىنىغا چىقىپ قېچىپ كېتىپتۇ.
ئەتىسى ئۇ مەست ئۆيىدە ئۇخلاپ ياتسا ساقچىلار كېلىپ ئۇنىڭ ئىشىكىنى چىكىپتۇ.ئۇ ئادەمئىشىكنى ئېچىپتۇدە ساقچىلارنى كۆرۈپ <ئاخشام ھاراق ئىچكىنىمنى ھەرگىزئىقرار قىلمايمەن قېنى قانداق قىلىسىلەركىن> دەپ ئويلاۋاتسا ساقچى <ئەپەندىم ماشىنىڭىزنى ئەكەپ قويدۇق بىزنىڭ ساقچى ماشىنىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىڭ>دىگىدەك




كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ئاچامغا ئۇكاڭغا ئوبدان قارا دەپ مېنى ئاچامغا بېرىپ قويۇپ ئۆزى ئىشلىگىلى كەتتى. ئاچام بولسا دوستلىرى بىلەن «مېھماندارچىلىق» ئوينىماقچى بولۇپ مېنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ئۇلارنى ئوينىغىلى قويماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ كۆمۈر دۆۋىسىدىن بىر نەچچە پارچە كۆمۈر پارچىسىنى ئېلىپ كېلىپ ماڭا: «ماۋۇلارنى پاكىز يۇيۇپ ئاقارتىپ بولۇپ كەلسەڭ ئاندىن سېنىمۇ قېتىپ بىللە ئوينايمىز» دېدى...  مەن بىچارە  ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر چۈشتىن كېيىن كۆمۈر يۇيۇپ چىقتىم. ئەمدى چوڭ بولۇپ ھەممىنى چۈشنىپ يەتتىم



مەن باشلانغۇچنىڭ 2يىللىقتا دەرىس بېرىۋاتقان مەزگىلدە ئوقۇغۇچىلاردىن سورىدىم.
بالىلار :سىلەر چوڭ بولغاندا نىمە كەسىپ قىلماقچى ؟ باي خىنىم سىز جاۋاب بېرىڭ.
باي خىنىم: مەن چوڭ بولغاندا راڭپىزا دۇكىنى ئاچىمەن.
مەن:بۇ نىمە گەپ  ،ئاۋالقى قېتىم مەن داڭلىق سوتچى بولىمەن دەۋاتقانتىڭز غۇ؟
باي خىنىم :مۇئەلللىم مەن قوش خىزمەت قىلسام بولا؟   



چارتىكىن ناھايىتتى بايكەندە بىر كۈنى نۇرغۇنلىغان پۇل خەجلەپ ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ماشىنىسىدىن بىرنى سىتىۋاپتۇ
چارتىكىن ماشىنىسنى ئىشىك ئالدىغا قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كىتىپتۇ .
  ئەپچىلەم بۇ ماشىنىنىڭ شۇنداق ئىسىللىقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ-دە ماشىنا كەينىدىكى 4*4 دىگەن بەلگىنى كۆرۈپتۇ ۋە كۆڭلىدە"مۇشۇنىمۇ بىلمەمدىغاندۇ؟"دەپ ئويلاپ خىشتىن بىرنى ئىلىپ
16=دەپ يىزىپ قويۇپتۇ .
   بۇنى كۆرۇپ چارتىكىننىڭ شۇنداق ئاچچىقى كىلىپ ئەپچىلەمنى  تىللاپلا كىتىپتۇ ۋە نۇرغۇنلىغان پۇل خەجلەپ ئوڭشاتقۇزۇپتۇ .
2  - كۈنى ئەپچىلەم يەنە شۇنداق يىزىپ قويۇپتۇ.
چارتىكىن يەنە  نۇرغۇنلىغان پۇل خەجلەپ ئوڭشاتقۇزۇپتۇ.
ئەپچىلەم 3-كۈنىمۇ  يەنە شۇنداق يىزىپ قويۇپتۇ .
چارتىكىن  ئاخىرى تاقەت قىلالماي يەنە  نۇرغۇنلىغان پۇل خەجلەپ ماشىنىسنىڭ كەينىگە 16=  4*4 دەپ ئويغۇزۇپتۇ .
بىركۈنى ئەپچىلەم ھەدەم  بۇنى كۆرۈپ ئنتايىن خۇشال بولۇپتۇ-دە"ئەمدى مىنىڭ مەقسىتىمنى چۈشۈنۈپتۇ "دەپ
قولىغا خىشنى ئىلىپ توغرا بەلگىسنى قويۇپ قويۇپتۇ  



مۇئەللىم: بىر تەرەپتىن، يەنە بىر تەرەپتىن دىگەنگە جۈملە تۈزەڭ.
بانكىر: مەن بىر تەرەپتىن كىيىمىمنى سېلىپ، بىر تەرەپتىن ئىشتىنىمنى كەيدىم.
مالىم: زادى كەيدىڭمۇ سالدىڭمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-8 06:39 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 39 ئاران مۇشۇنچىلىك پۇل .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:23:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كىشىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسى ئۇچراپ قېلىپ بۇ كىشىدىن سوراپتۇ:
سەن كىچىك ۋاقتىڭدا جىق پۇل تېپىشنى، ھەر كۈنى توختىماي قولۇڭغا پۇل كىرىپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتىڭ. ھازىر بۇ ئارزۇيۇڭ ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟
ئاشتى – دەپتۇ بۇ كىشى – ھازىر ھەر كۈنى قولۇمغا پۇل كىرىپ تۇرىدۇ، باغلام باغلام پۇللار بۇ قولۇمدىن ئۇ قولۇمغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ
-        ياخشى بوپتۇغۇ؟ كاتتا خوجايىن بولغان ئوخشىمامسەن؟
-        ياق، ئاپتوبۇستا بېلەت ساتقۇچى بولدۇم.

ئۈندىدار قوشۇۋېلىش نامى: Nuristan

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:23:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەق قىززىقكەن . گەرچە بىزنى ئۆگەي كۆرگەن بولسىڭىزمۇ  رەھمەت.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 245
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1707 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:25:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنى بەك قېتىپ كىتىپسىزغۇ يۇمۇرغا،سېتىۋالاي دىسەم پۇلۇم ئاز جۇماقارىغاندا قېپ قالغان پۇلۇمغا قارىمايلام ئىسمىمغا قاراپ يۇمۇرغا قاتقان ئوخشايسىزسۇمەييەنى سەل چەكتىن ئاشۇرۇپ يۇمۇرغا قېتىپسىز ،ئامال بولسا تەھرىلىۋىتىڭەئۇ تېخى توي قىلمىغان تۇرسا

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 245
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1707 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:26:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمما ھەممىسى بىرسى بىرسىىن قاملىشىپ كىتىپتۇ جۇما ،ئۇزۇن بولغان سىزنىڭ تىمىڭىزنى كۆرمىگىلى ماڭا

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3863
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10138
تۆھپە نۇمۇرى: 629
توردا: 9493 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:26:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا، خېلى قىزىقارلىق ئىكەن، رەھمەت سىزگە، ھارماڭ

ئالى ئەزا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100498
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-12-5
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:42:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقارلىق ئىكەن، رەھمەت سىزگە، ھارماڭ

ئەتە كۇرشەيلى باللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:51:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخەتجان ناۋايغا بىر يىۋەن بىرىپ؛- زاغرا ناندىن بىرنى بىرىڭ!-دىگەن ئىكەن،ناۋاڭ ناندىن يېرىمنى بىرىپتۇ.مەخەتجان ناۋايدىن سەۋەبىنى سورسا،ناۋاي مۇنداق دەپتۇ؛
  -ھازىر سۇنايدىن ناغرا قىممەت،توقاچتىن زاغرا قىممەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:54:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخەتجان ناۋايغا بىر يىۋەن بىرىپ؛- زاغرا ناندىن بىرنى بىرىڭ!-دىگەن ئىكەن،ناۋاي ناندىن يېرىمنى بىرىپتۇ.مەخەتجان ناۋايدىن سەۋەبىنى سورسا،ناۋاي مۇنداق دەپتۇ؛
-ھازىر سۇنايدىن ناغرا قىممەت،توقاچتىن زاغرا قىممەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1084
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 12:28:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.بىزلەكۈلىمىز ،سىز كۈلدۈرىسىز  .يۇمۇر قالمىدى بىزدە .
2.ئانام مۇنداق دەيتتى دائىم (ئۇدىگەن بىرنەچچە ئەۋلات شەھەرلىك  پۇشتى ):
ئەتتى خوتون ئەتتاھىيياتۇ خوتۇن
ئون يىل شەھەر كۆرسەتسەڭمۇ
زاغرا كىكىرەر ،يوڭ پۇرار
سەرالىق لاي قوڭ خوتۇن .
قارىغاندا زاغرا لار  شۇنداق گەپچى،خۇشخۇي ئوچۇق يوروق كېلىدىكەن
3.ئوزۇن بولۇپتۇ مۇنداق كۈلمىگىلى .يوللايلى ھارمايلى دەرتكەلمىسۇن .رەھمەت .  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش