 |
 |
 |
 |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى ئەزىز تورداشلار،
يېقىندىن بۇيان تۇرمۇش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن پىروگراممىمىزنى ۋاقتىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرەلمەي قالدۇق ،ئەمما ،بۇنىڭدىن كىيىنكى پىروگراممىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك چىقىشىغا ئىشىنىمىز.
مانا سىرداشلار كۆزنىكى پىروگراممىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان30 نەچچە ساننى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ ،پىروگراممىمىزنى يوقلىقتىن بارلىققا كەلتۈردۇق ،ئەلۋەتتە پىروگراممىلارنى ئىشلەش ۋە تارقىتىشلاردا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دوستانە تەكلىبلىرىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ماڭدۇق،
بىز سۆھبەت يۆنىلىشىنى ھەرخىل كەسىپكە قارىتىپ تورداشلارنىڭ مەنىۋىيتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېرىشىۋاتىمىز.
ئۈمۈدىمىز شۇكى پىروگراممىمىزنى ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ئەڭ نادىر ، ئەڭ سەۋىيلىك ،ئەڭ تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار پىروگرامما قىلىپ تورغا چىققۇچى خەلىقنىڭ مەنىۋىيتىنى ئەڭ يۇقىرى تۈستە بېيىتىش.
ھەر قېتىملىق سۆھبەتتىكى ئىنكاسلارنى شۇ سۆھبەت ئىگىلىرىگە چالا قويماي يەتكۈزىۋاتىمىز، ھەرقانداق سۆزلەر بولسا سەمىمىي ھەم چىن يۈرىكىڭىزدىن چىقىرىپ مەزكۇر تېمىغا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز شۇ كىشى بىلەن بىۋاستە سىردىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.
بىز ئەڭ ياخشىسى ئەمەس،بىراق ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تېرىشىمىز.
بۇ قېتىم بىز دىيارىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ناخشىچى ئابدۇقادىر يار ئېلىنى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ،سىردىشىش پۇرسىتىنى ياراتتۇق. تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمز
فىلىم مەزمۇنىنى ھوزۇرىڭلاردا بولسۇن...
چىقمىسا بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ :
http://v.youku.com/v_show/id_XNjQzMzQ1NjM2.html
فىلىم يىدۇ كاۋاپخانىسىدا جۈمەخۇن سۈرەتچىلىكى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىدى! ئالاقىلشىش نۇمۇرى : 15099673331 (ئۇچۇر قىلىڭ)
زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
2013- يىلى 12- ئاينىڭ 04- كۈنى
|
 |
 |
 |
 |
|