مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15429|ئىنكاس: 92

ئۇيغۇر مېلىيادېرلىرىنىڭ بېكىنمىچىلىكى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94318
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 06:02:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


جوڭگۇدا كىم ئەڭ بۇرۇن بېيىغان؟شەكسىز جاۋاپ شۇكى ئۇيغۇرلار.80-يىللاردا تۇتام -تۇمام پۇللارنى،تاغار-تاغار پۇللارنى سۆرەپ يۈرۈپ سودىگەرچىلىك قىلغان ئۇيغۇرلار ئىچكىرىدە باشقا مىللەتلەرنى ھەيران قالدۇرغان.ئايرۇپىلاندا توشۇلىۋاتقان دوللارلار،شىياڭگاڭ،ئوتتۇرا شەرقتىن  كىلىۋاتقان ئالتۇنلار ئۇيغۇرلارغا قاراپ ئېقىۋاتقان مەنزىرىلەر زور بىر سودا كارۋىنى شەكىللەندۈرگەن.جوڭگۇ تارىخىدىكى ھەيران قالارلىق زايۇم سودىسىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار...
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پەن -تېخنىكا دەۋرى ھەممىنى ئۆزگەرتىپ قارا سودىغا كىرىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر بايلار تاپقان بايلىقىنى قۇچاقلاپ يېتىپ ساقلاشتىن باشقا ئىشنى قىلالماسلا بوپقالدى.شىددەت بىلەن يامرىغان پەن-تېخنىكا ئېنقىلابى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىخەتەر ،ئېغىر سانائەت كەبى ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە قەدەم بېسىشتى.بۇنىڭدىمۇ سېلىش ئەمەس ئېلىش بىلەن شۇغۇللاندى.بەزىللىرىنىڭ ئۆمۈر بويى تاپقان مال دۇنيالىرى بىر بىنا سېلىش بىلەنلا تۈگىدى خالاس.
تۆۋەندە مەن ئۆزۈم بىلىدىغان بىر نەچچە مىلىيادېرلار بىلەن ئىختىسادى چۆكۈش توغرىسىدا تەھىلىل يۈرگۈزىمەن.
مىلىيارد پۇل ئاز پۇل ئەمەس،لىكىن بۇ مىلىيارد پۇلنى 90-يىللاردىلا تاپقان ئۇيغۇرلار يوق ئەمەس،كۆپچىلىك سودىگەرلەر شۇ چاغلاردىكى مىلىيادېرلارنى ماڭا تەپسىلى سۆزلەپ بەرگەن.<<بېنىز>>،<<تويوتا>>ماركىلىق داڭلىق ئاپتومبىللارنىڭ خىروم قاپ،ئورۇندۇق قاپلىرىنى تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرلار بار.<<جىيەنلىباۋ>>،<<ۋاخاخا>>،<<كولا>>قاتارلىق  ئىچىملىكلەرنىڭ خام ئەشياسىنى(خام ئەشياسى خەشەك گۈلە،قارا گۈلە)تەمىنلىگىنىمۇ ئۇيغۇرلار،بۇلار بىلەن يېقىن بولغاچقا تېخىمۇ تەپسىلى توختالمايمەن.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا <<مىرەن>>شېركىتىنىڭ تاجىكىستاندىكى بىر تىجارەت تۈرىدىنلا كۈنلىكى 500000سوم ساپ كېرىم بولىدىكەن،ئۇيغۇرلاردا كۈنلۈك ساپ پايدا ھېساۋاتى بىلەن ھېساپ كىتاپ قىلىش 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىلا باشلانغان.
مۇقۇم مۈلۈك بىلەن قىممەت ھىساپلىغاندا <<قىران بۈركۈت>>شېركىتىنىڭ لېدىرى قۇدرەت ھاجىمنىڭ مەبلىغى مىلىياردتىن ئاشىدۇ،ئۇنىڭ دۆڭكۆۋرۈكتىكى <<قىران بۈركۈت >>(كۆلىمى 32000كۇۋادىراتى مېتىر)سودا سارىيىدىن تاشقىرى ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى تەرەققىيات رايۇنىدا 50 مو يېرى بار ئىدى،ھازىر ئۇ يەرلەرنى قانداق قىلدى بىلمەيمەن.يەنە خوتەندە 52000كۇۋادراتى مېتىرلىق سودا-سارىيى بار.ئىستانبۇلدا نەچچە مىلىيون دوللارغا يارايدىغان داچىسى بار.مۇقۇم مۈلۈك قىممىتى بويىچە ھىساپلىغاندا بايلىقى مىلىياردتىن ئاشىدۇ.
يەنە دىسەم يەنە بار،<<قۇتاد>>سودا سارىيىنىڭ خوجايىنى ئەمەت ئەپەندىنىڭ بايلىقمىۇ ھەددى ھىساپسىز،دەسلەپتە پۇل-مۇئامىلە ،گۈلە -قاقچىلىق بىلەن بېيىغان.
يوغانباش بېيجىڭغا كەپتۇ دىسە دوللارلەسسىدە چۈشەتتى،يوغانباش بېيجىڭدىن كىتىپتۇ دىسە ئىچىكىرىدىكى دوللارنىڭ باھاسى شاپپىدە ئۆسەتتى دىيىلگەن يوغانباشنىڭ(بۇ ئادەم ھازىرغىچە پاراكەندە ھالەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىنى دىمەيمەن)بايلىقىمۇ ئىنتايىن كۆپ.پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىن قول ئۈزگەندىن كىيىن ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە ھاۋالە مەبلەغ سېلىش بىلەن شۇغۇللانغان.
بايلىقى يۈز مىلىيوندىن ئاشىدىغانلارنى كونا ئۆلچەم بويىچە مىلىيادېر ھىساپلايدىغان بولساق ئۇيغۇرلاردا مىلىيادېر دىگەن ساماندەك،ساناپ ئۈلگۈرتەلمەيمەن،قارا قورساق تەلۋىلىكتىن باشقا ئىلىمنىڭ يۇقى بولمىغاچقا يوپۇرۇلۇپ كەلگەن تېخنىكا ئېنقىلابىدا ھېچ ئىش قىلىشقا پېتىنالماي تاز كاللىسىنى چۈمكەپ ھازىر ھەممىسى ئىجارىكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئۈرۈمچىدىكى مەرگىزى بانكىلارنى نەخ پۇل بىلەن تەمىنلەۋاتقانلار كىملەر؟ئۇيغۇرلار،ئىشەنمەمسىز؟ئاي ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر بايلارنىڭ تېلپۇنى سايراپ كىتىدۇ،<<بىزگە پۇل قويۇپ بەرگىن ،بىر كۈنلىكلا>>بانكا باشلىقى شۇنداق دەپ تېلپۇن ئۇرىدۇ،10مىلىيون قويسىڭىز بىر كۈنلىكىگە پەقەت بىر كۈنلىكىگىلا 20000سوم بىرىدۇ،جازانىخورلىقلىرىنى بىر-بىرسىگە ئۇختۇرماي پۇل قويۇپ بىرىدىغانلار ساماندەك،كۆز ئالدىمدا تالاي يۈز بەرگەن ئىشلار بۇ.ئەنە شۇنداق پۇل قويغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلگەنلىرىنى ئويلىسام ئىچىم سىيرىلىدۇ.ئۇيغۇرلاردىلا نەخ پۇل بار،ئۈرۈمچىدىكى بانكىلارغا خالىغانچە كىرىپ چىقىڭ،قايسى قەۋەتكە چىقسىڭىز سىزنى ھېچكىم توسىمايدۇ،پەقەت ئۇيغۇر بولسىڭىزلا،چۈنكى ئۇيغۇرلار نەخ پۇل سودىسى قىلغاچقا ئۇلار بانكىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارنى ئاجايىپ باي ھىساپلايدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئالتۇن كارتىسى ئاقمايدۇ،چۈنكى بانكىغا كىرگەن ھەممە ئۇيغۇردا دىگۈدەك ئالتۇن كارتا بار،شۇڭا ئۇلار ئىناۋەتكە ئالغىلى ئۇنىمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىش ۋاقىراش باشلىنىدۇ،ئۆچرەت تۇر،تۇرمايمەن...ئىشلار مۇشۇنداق.ھەر قايسى قەۋەتلەردىكى مەخسۇس خانەلەردە دوللار ئالماشتۇرىدۇ،پۇل تىجارىتى قىلىدۇ.باشقىلاردا نەخ پۇل يوق،قەرز ئالىدۇ،ئاندىن قەرز پۇلىغا ماشىنا ،ئۆي سېتىۋالىدۇ،ئىشلار مۇشۇنداق.
بىر كۈنى ئاققوۋۇقتىكى جوڭگۇ بانكىسغا پۇل ئالغىلى بارسام پۇل ئېلىپ كەلمەپتۇ،بولمىسا ئالدىنقى كۈنى تېلپۇن ئۇرۇپ قويغان،شۇنىڭ بىلەن پۇل كەلگۈچە زالدىكى سافاداسومكىنى بېشىمغا قويۇپ  سۇنايلىنىپ ياتسام بىر ئۇيغۇر بالا كىرىپ سۆزلەپ كەتمەسما <<سىللى ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ مۇشۇنداق ياتامسىلە >>دەپ بەك خىجىل بولدۇم،ئۇنىڭغا <<ھەي بانكا بىزنىڭ تىجارەت سورۇنىمىز،بزى ھەمىشە مۇشۇ يەردە،بانكا باشلىقلىرىنىڭ،ئىشچى خىزمەتچىللىرىنىڭ ھالى قالماي چاي قۇيۇۋاتسا نىمانداق چالۋاقايسىلە>> دىسەممۇ ئۇنىماي سۆزلەپ كەتتى .كىيىن ئويلىسام راست خاتا قىپتىمەن.
بىر چاغلاردا شۇنداق دەپ يۈرەتتىم <<بانكىغا كىرسەم ھەممە پۇل ئۇيغۇردىكىدەك،تالاغا چىقساملا ھەممە ئۇيغۇر قەلەندەردەك>> ،قارا سودا بىزنى قارا دەۋىرگە باشلاپ كىردىمۇ ئۇقمايمەن، ئۇيغۇرلاردىكى ھەددى -ھىساپسىز بايلىق كۆمۈلۈپ ،بېسىلىپ ياتماقتا،<<مىراج>>نىڭ خوجايىنلىرىدىن بىرى بولغان كېرىم<<ساراڭ>>بىر چاغلاردا شىنجاڭدىكى ئالتۇنلارنىڭ 3تىن 2 قىسمى قەشقەرلىك تۈلكىلەرنىڭ قولىدا دەپ يۈرەتتى،مانا ھازىر ئېسىمگە كەپ قالدى...ھاھااھاھ...
تاپقان تەرگىنىنى ساقلاپ قېلىش،بىخەتەر ياشاش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىلىيادېرلىرى ئەنە شۇنداق بېكىنمە ھالەتتە ياشىماقتا،تالاي ئىشسىزلار بولسا باشقىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تەلمۈرۈپ ئۆتمەكتە.بايلىق ئېسىلزادە ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا ئۆتمىگۈچە،ئالى مەلۇماتلىقلارنىڭ قولىغا ئۆتمۇگۈچە ئىشسىزلىق بېسىقمايدۇ ئەلۋەتتە!
بېشىمدىن ئۆتكەن،ئۇنتۇپ قالغان يەرلىرى ئېسىمگە كەپ قالسا ئىنكاس شەكىلىدە يازارمەن ئىنشا ئاللاھ...

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bilgateken + 29 دەلىللەر يېتەرلىك
Zulpikar + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 129   باھا خاتىرىسى

ئاستا ماڭساڭمۇ،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8146
يازما سانى: 1373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59260
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 07:25:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تىما ئۇستىدە ،\ماقالە يازاي دىگەنتىم...سىزنىڭ جانلىق چىقىپتۇ،،،داۋامنى كۇتىمەن..

ئاستا ماڭساڭمۇ،ئالدىڭغا قاراپ ماڭ!
‹‹ئەرلىرى يىغلاۋاتىدۇ، نامازلاردا،
  ئاياللىرى ئەيىش ئىشرەتتە،قاۋاقلادا.››
بولسا بۇندا مىللەت يول تاپالماس ھەرزامان،
تاپتى گەر،كاللا كەتتى بۇزدى شۇزامان. !!!!!!
1،2،3     دەل مۇشۇنداق ،      


سىز1  مەن 2 كىم3؟؟؟

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8979
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36614
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7244 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 07:27:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەن - تېخنىكىغا مەبلەغ سالسا..ۋاھ.

باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82469
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 07:46:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     پۇل ئۇيغۇردا دەڭ...    توۋا دەي ،ھەي................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 08:18:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر،خوتەنگە مەبلەغ سالسا تېخىمۇ بېيىيدۇ.ھازىر بىر قىسىم ئىچكىرىدىكى پۇلدارلار چىقىپ ئۆي-زىمىن،يەرلەرنى كۆپلەپ سېتىۋالىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ھاۋالە ئارقىلىق مەبلەغ سالسىمۇ بۇلاتتى...........قاقۋاشلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82469
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 08:38:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئىشەنسىڭىز بىز ئاۋۇ سودا ساراينىڭ،ماۋۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنىنىڭ پۇلى دىسەك، باشقىلار پالانچى ناھىيەدىكى،پوكۇنچى شەھەردىكى 60-70پىرسەنىت قۇرلۇشىنى مەن قىلغان دەپ كىلىدۇ،بىرەر ئولتۇراق رايونىغىلا 40-50 بىنا سالىدۇ،ئومۇمى قەۋەت سانىنى قوشسىڭىز مىڭغا بارىدۇ، شۇنچە كۆپ ئۆينى بەش يىلغا قالماي سېتىپ تۈگىتىدۇ، قارىسىڭىز شۇنداق ئاددى.... ئەمما قېرىغىنىغا باقماي ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىدىغان كىچىك كىتاۋىنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ،
    سىز-بىزلەرمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ كاتتا بېيى مۇسابايوفنىڭ ۋەسىيىتىدە   _پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي،بىلىمنىڭ خوجايىنى بولۇڭلار دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى، قۇرئان كەرىمنىڭ نىمىشقا ئىقراق(ئوقۇ)دىن باشلانغىنىنى بىلىپ يەتكەن بولساقتۇق كاشكى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80066
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3557
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 08:40:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانىڭغا  نىمە دەپ ئىنكاس  يىزىشىمنى بىلىمىدىم .  ئەمما   بىر تۈركۈم  ياشلار  تىرىشىۋاتىمىز .  مىلياردىرلاردىن قاقشاشنىڭ  ئورنى بىر موچەن تېپىش قانچە توشۇككە  ن كىرىپ چىقىدىغىنى ئۆزى بىلىدۇ .  بىر نەچچە  مىلىاردىر بولغانغا ئىش پۈتمەيدۇ .   ئەمدى قالىغنى بىز ياشلارغا باغلىق .  بىز قىلىدىغان  ئىشلار جىق . يوقتىپ قويغان ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ  يۇرمەي  ئەمدى تاپايلى .
ھەمدە  قولىمىزدا بارنى چىڭ تۇتايلى !
بۇ ماقالە  بەك ياخشى چىقىپتۇ . مەن ياقتۇردۇم . مەن بىزنىڭ بايلارنىڭ قايسى نۇقىتىدا كەتكۈزۈپ قويغىنىنى ئىزدەپ يۇرەتتىم . 80 -يىللاردا نۇرغۇن شۇ دەۋرىنىڭ ياشلىرى  جۇرئەتلىك ھالدا مۇشۇ سودىلارنى قىلغانكەن . ئەمدى بىزمۇ بۇ دەۋرىنىڭ ياشلىرى   ئۆزىمىزنىڭ زاماننى يارىتىشىمىز كېرەك .    ئەمدى بىزنىڭ زامانىمىز كەلدى .

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24247
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7298 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 08:41:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقىستان تەۋەلىكىىكى ئۇيغۇر مىلىيادىر توغۇرلۇق ئازىراق نەرسە كۆرىۋېدىم..
ھازىرقى دەۋىردە پۈتۈن بىر مىللەتتىن بىر تال مىلىيادىر چىقمىسا بۇ پەقەت بولمايدۇ...
ئاپتورنىڭ دىمەكچى بولغىنىنى مەن چۈشەندىم،
شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ بەزىلەردە ..

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80066
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3557
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 08:42:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنە تەڭتۇشلىرىمغا دەيدىغنىم .  كاللاڭلاردا  بار پىلانلارنى يىزىپ بېقىڭلار  ، ئاندىن  ئەمەلگە ئاشۇرۇش  ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىڭلار .  ھەرىكەت بەرىكەت دەيدىغان گەپ بار .

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24247
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7298 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 08:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايلىق ئېسىلزادە ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا ئۆتمىگۈچە،ئالى مەلۇماتلىقلارنىڭ قولىغا ئۆتمۇگۈچە ئىشسىزلىق بېسىقمايدۇ ئەلۋەتتە!

بۇ گەپ ئىنتايىن توغرا..ئۇيغۇرلاردا مەبلەغ سالغۇچىلار كۆپىيىشى كىرەك..

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش