مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1390|ئىنكاس: 14

ئۇنتۇلغان بۇرچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4919
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1667 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-19 10:42:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇنتۇلغان بۇرچ

buruq rasim.jpg

ئۇنتۇغاقلىقمۇ ئىنسان ئۈچۈن غەلتە كىسەل .ياشانغىڭىدا بۇنداق بۇلۇپ قالساڭ ،ئۇ چۈشىنىشلىك ،خەقمۇ كەچۈرىدۇ ،ئۈزۈڭمۇ كەچۈرىسەن .لېكىن ياشلىقىڭدىلا ئۇتۇغاق بۇلۇپ قالساڭ ،بۇنىڭغا خەق تۇرماق ،ئۆزۈڭمۇ كۈلمەي ئىلاجىڭ قانچە !؟

يات بىر شەھەردە ئاغىنەم بىلەن ساياھەتتە بولىۋاتقا چاغلىرىم ئىدى . بىر –بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن تار كوچىلارنىڭ ئىچكىرسىدىكى بىر ئۆينى قونالغۇ قىلغان ئىدۇق . ئېسىڭلاردا بولسۇن : بىز بۇ ئۆيگە شۇ كۈنى كۈندۈزدە ئورۇنلاشقان . بازار ئايلىنىپ قورساقمۇ تازا ئاچقان مەھەلدە ھېلىقى ئۆيگە قايتماقچى بولدۇق . كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى .

ئالدىمىزدا ئىككى يول تۇراتتى . مەن بەزى ئالامەتلەرگە قاراپ ئوڭ تەرەپتىكى كوچىنى شۇ دەپ جەزىملەشتۈردۈم ،لېكىن ئاغىنەم مىنىڭ دىگىنىمگە ئۇنىمىدى .

ئۇ سول تەرەپنى كۆرسەتتى . مەمۇ جاھىل گىپىمدە چىڭ تۇردۇم . ئۇ مىنى ئۇنتۇغاق دىدى ، مەمۇ ئئۇنى يادىڭدا بىرنىمە تۇرمايدۇ دىدىم . ئۇ مەن بۇ شەھەرگە بۇرۇن كىلىپ باققان دىدى . مەن ، بۇرۇن كىلىپ باقمىغا بولساممۇ ،بۇ كوچىدىن تېخى چۈشتىلا چىققان، دېدىم .  بىز خېلى تالاشتۇق .

ئاخىر مەن :

ـــ ئۇنداق بولسا ، ھەر بىرىمىز بىلگەن يولىمىزغا ماڭايلى ،ــ دېدىم . ئۇ كۈلدى ۋە :

ـــ ياق ، سەن بىلەن بىللە ماڭاي ،لېكىن بۇ تەن بەرگىنىم ئەمەس ،ــ دېدى .

مەن غەلبە تەمااسى بىلەن ئۇنى باشلاپ  ئۆزۈم دىگەن كوچىغا ئېلىپ كىردىم . كېتىۋاتىمىز ، كېتىۋاتىمىز ،بىز چۈشكەن ئۆي كۈرىنىدىغادەك ئەمەس . ماڭغانسىرى كىچىك كوچىلار كۆپىيىپ ،كۈرۈپ باقمىغانلا بىريەرگە كىلىپ قالدۇق . مە ئاخىرى گاڭگىرىغان ھالدا ئاغىنەمنىڭ كۆزىگە قاراپ قالدىم .

ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى ۋە گەپ –سۆزسىزلا كەينىگە بۇرۇلدى .مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم . ھېلىقى كوچا دوقمۇشىغا چىققاندىن كىيىن ، ئۇ مىنى بايام دىگەن يولغا باشلىدى .ئانچە ئۇزۇن  ماڭمايلا ھېلىقى ئۆيگە يىتىپ كەلدۇق . مەن ئۇنىڭ كۆزىگە خىجىللىق ئارىلاش قارىدىم . ئۇ كۈلدى ، دىمىسىمۇ ،ئۇ كۈلۈشكە ھەقلىق ئىدى . لېكىن كۆڭلۈمدە بىرنەرسە چىگىش : نىمىشقا ئۇ ئۈزىنىڭكى توغرا بولغاندىكىن ،ئۆز يولىغا كىتىۋەرمىدى ؟ نىمىشقا مىنىڭ كەينىمدىن ماڭدى ؟ مەن كۆڭلۈمدىكى ئويلىغانلىرىمىنى ئۇنىڭدىن سورىدىم . ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى :

ــ مىنىڭ كەينىڭدىن ماڭغىنىم خاتالاشقانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە تۇنۇتۇش ؛ ئۆزۈمنىڭ يولىغا كىتىۋەرگىنىم ، توغرا يولغا سىنىمۇ بىللە ئېلىپ مېڭىش . دوستىنى ئازغۇن يوللاغا يالغۇز سېلىپ قۇيۇش ئادەملىك بۇرچ ئەمەس .

مەن قايىل بولغان ھالدا ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم . ئۇ كۈلدى . ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى ماڭا بايامقى ئۇنتۇغاقلىقىمنى ئەمەس ، بەلكى مەن ئۇنتۇپ قالغان ئاجايىپ بىر بۇرچنى ئىما قىلغانىدى .

(مەنبە : ئەخمەت ئىمىننىڭ «مىنىڭ بىر كۈنۈم » ناملىق نەسىرلەر توپلىمى )


www.uyigilik.com نى زىيارەت قىلىڭ  . تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىساد بىلىملىرىدىن بەھىر ئالالايسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-19 11:32:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن،ھەممىمىز ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتىمىز بۇ بۇرۇچنى.

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 01:11:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahxi timikan

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 02:48:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇ تىپ تىپتىكىلەردىن ئەمەس !  3 يىل بۇرۇن بىر دوستۇم بىلەن  ئىچكىرگە چىققان  بىزمۇ  شۇنداق ئىشقا يولۇققان !  ئۇ ئۆزنىڭ يولغا ماڭدى مەنمۇ ئۆزۇم تاللىغان يولغا ماڭدىم  !
لىكىن 2 مىز ئۆز جايىمىزنى تىپىپ كەپتۇق  !  مۇشۇنداق قاراش خاتامۇ ؟

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4973
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1439 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 10:41:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9332
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 993 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 11:18:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى چوڭقۇركەن .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ھۆكۈمران قەلبىمگە گۈزەل ئارمان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 750 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 11:21:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم

مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مەن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 770
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6749
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 12:17:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر كىشلەر بۇرۇچ نى ئۇنتۇپ قىلۋاتىدۇ. ھەممە ئادەم ماڭلا بولسىكەن دەپ دوستىنى تۇيۇق يولغا تاشلاپ قويۇشتىن يانمايدۇ.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9612
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 12:27:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بو ياخشى تىما ئىكەن. بىز بو بورۇچنى ھەرگىز ئونتوپ  قالماسلغىمز كىرەك.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 12:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن،ھەممىمىز ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتىمىز بۇ بۇرۇچنى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش