  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					
 
 
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت16:00 دە شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى مېھمان كوماندا 
 بۇلۇپ سىچۈەن كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا CBAنىڭ تۆتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىنى ئوينىدى. 
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى113:79نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى. 
 
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خادېسىن ئەڭ يۇقىرى بولغان 26نومۇر، 6ياردەمچى پاس، 2قېتىم تارتىۋېلىش، 1قېتىم قالپاق كەيدۈردى ھەم 10قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 
سىڭگولتون21نومۇر، 1 ياردەمچى پاس، 1قالپاق، 17قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 
ياڭجىڭمىن 21نومۇر، 3ياردەمچى پاس،2قېتىم تارتىۋېلىش،6قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 
بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز شىرئەلىجان 15نومۇر، 3ياردەمچى پاس، 5 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 
سۇۋېي 13نومۇر، 1 ياردەمچى پاس، 9گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 
 
شىنجاڭ كوماندىسى پۈتۈن مەيداندا 14 قېتىم 3نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى. 
ئىككى كوماندىنىڭ تۆت كونتىرولدىكى نومۇرى: 
18:29 
20:24 
13:29 
28:31 
(شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھەممە كونتىرولدا نومۇرى ئالدىدا.) 
شىنجاڭ كوماندىسى كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىنى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 19:30دا مېھمان كوماندا بولۇپ شەنشى كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ. 
 
 
مەنبە:شىنجاڭ كوماندىسى ئۈندىدار سۇپىسى 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   handanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-17 08:40 PM   
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |