شارائىت دېگەن نېمە؟
يىقىندا كىتاب سىتىۋىلىش ئۈچۈن ناھىيمىزدىكى بىرشەخسىي كىتابخانىغا بارغان ئىدىم.كىتابخانىدا تۈرمىدە جازا ئۆتەپ يىقىندىلا تۈرمىدىن چىققان بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ئىگەللىشىمچە ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيسىگە ئېگە بولۇپ،مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگەكىرىپ قالغان ئىكەن.گەپ ئارلىقىدا ئۇنىڭ خىلىلا بىلىمى بارلىقى ئايان بولدى.ئۇ مۇنداق دىدى:‹‹ ھازىر كۆپىنچە كىشىلەر بىلىم ئىگەللەشكە،تىل ئۈگىنىشكە سەل قارايدۇ.كىشىلەرھەدىسىلا شارائىتتىن قاخشايدۇ.ئەمىلىيەتتە ئويلاپ باقىدىغان بولساق شارائىت ھەر ۋاقت بار .گەپ بىزنىڭ ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشىمىزدا.ياپۇنيىلىك مەلۇم بىر ئەدىبنىڭ كىتابىدا شارائىتقا مۇنداق تەبىر بىرىلگەن‹ شارائىت دىمەك سېنىڭ بارلىق قىلغان ئەمىلىي ئىشلىرىڭنىڭ يىغىندىسى› ،ھەر جايدا ئۆزىگە يارىشا شارائىت بولىدۇ.مانا مەنمۇ جازا مۇددىتى ئۆتەش جەريانىدا خەنزۇتىلى ئۈگىنىپ خەنزۇچە خەۋەرلەرنى چۈشىنەلىگۈدەك،تىل ئالاقىسىدەئۆزۈمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك بولدۇم.ئۇنىڭدىن باشقا شۇيەردە ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئالىي تىخنىكۇم دىپلۇمىنى ئىلىپ چىقتىم››.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم.بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا شارائىتتىن، ۋاقىتتىن قاخشاپ يۈرىدىغانلار ناھايتى كۆپ،بىراق بار شارائىتتىن،ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ ياشاۋاتقانلار زادى قانچىلىك ؟
مەن بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇنى قىلاي دىسەم ۋاقت يوق ،بۇنى قىلاي دىسەم شارائىت يوق دىگەن گەپلىرىنى تولا ئاڭلايمەن.بىراق دەل شۇلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتلىرىنى غەيۋەت-شىكايەت،ئۈنۈمسىزئىشلاربىلەن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنىمۇ ھەم بىلىمەن.
قايسى كۈنى دەرس سۆزلەۋىتىپ ئوقۇغۇچىلارغا كىچىك تۇرۇپلا نام چىقارغان ئەراپات،ئەختەمجان،ئابدۇۋەلى ئابدۈشۈكۈر قاتارلىقلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئىيتىپ بەردىم. بۇچاغدا دەرستە سەل كەينىدىراق بىر ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ ‹‹ مۇئەللىم ،ئۇلاردا بار شارائىت بىزدە يوق ئەمەسمۇ؟››دىۋىدى ، ئۇ ئوقۇغۇچىغا‹‹ قولىڭىزدىكى كىتابلار، سىزگە دەرس سۆزلەۋاتقان مۇئەللىملەرشارائىت ئەمەسمىكەن؟سىلەر دەرسلەرنى ياخشى ئۈگەنسەڭلار شارائىت دىگەن ئۆزلىكىدىن بار بولىدۇ ئەمەسمۇ؟›› دەپ بىرنەچچە ئېغىز قايناپ قالدىم. نىمىشقا؟! چۈنكى بىزنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈگنىش قىلشنى خالىمايدۇ ،ئۇلار ئۈچۈن كۈن ئۆتسىلا،يىل توشسىلابولدى.ئۇلاردا رىقابەت ئىڭى، بىلىم ئېڭى دىگەنلەر بەكلا ئاجىز .شۇڭا كۈن بويى ئويۇن–تاماشا بىلەن ئۆتكىنى ئۆتكەن،ئىمتىھانلاردا تۆۋەن نومۇر ئىلىپ قالسىمۇ خىيالىغاكىرىپ قويمايدۇ.ئەنە ئاشۇلاردا ئۈگىنەي،تىرىشاي دىسە ۋاقت،شارائىت دىگەن تولۇپ يىتىپتۇ،بىراق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ھالى بولسا.....
چوڭلىرىمىزغانىسبەتەنمۇ شۇنداق! مەكتەپلىرىمىزدە كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار ۋاقتلىرىنى ئۈنۈمسىزئىشلارغا سەرپ قىلىپ خىزمەتكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ھەردائىم ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن قاخشاپلا يۇرىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ھالىنىڭ قانداقلىقى ئۆزىگە ئايان. بىزدەپايدىلىنايلى،بىرەر ئىش قىلايلى دىسەك شارائىت ،ۋاقت دىگەن يەتكۈچە بار.گەپ بىزنىڭ ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشىمىزدا،ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قانداق تەدبىقلىشىمىزدا!
مەن ئىلگىرى يىزىقچىلىقنى ياخشى كۆرەتتىم،شۇڭا كۈندىلىك خاتىرە يىزىشنى ئادەت قىلغانئىدىم.كىيىن‹‹چارچاپ قالدىم،ۋاقت چىقىرالمىدىم...›› دىگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇئادىتىم تاشلىنىپ قالغان ئىدى.ئەمىلىيەتتە ۋاقت بار ئىدى. مانا ئەمدى بىرەر نەرسە يازاي دىسەممۇتازا قاملاشتۇرۇپ يازالمايۋاتىمەن،ئەسلى شۇبويىچە تىرىشىۋەرگەن بولسام بەلكىم بۇ چاغقىچەخىلى نۇرغۇن نەرسىلەرنى يىزىۋەتكەن،يىزىقچىلىق ئىقتىدارىممۇ ئۆسۈپ قالغان بولاتتى.مانا ئەمدى شۇ ھورۇنلۇقنىڭ زىيىنىنى كۆرۈۋاتىمەن.
شىنجاڭ تېلىۋىزىيەئىستانسىسى ئونۋىرسال سەنئەت قانىلىنىڭ ‹‹ تەلەي يۇلتۇزى ›› پروگراممىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بىر جۈملە ھەردائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ‹‹ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغائەمەس،بەلكى تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!››. مەن بۇسۆزنى ھەربىرقىتىم ئاڭلىسام قەلبىم ھاياجانلىق تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ كىتىدۇ.
شۇنداق،بىز پۇرسەت كۈتۈپ ئۇخلاپ يىتىۋەرمەي،بار شارائىتتىن،ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنى كۈچەيتسەك،مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشساق، ئىشىنىمەنكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نۇرغۇن پۇرسەتلەر بىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ!
شۇڭابىز ‹‹ بەرسەڭ يەيمەن،ئۇرساڭ ئۆلىمەن›› دىگەن خوراپىي قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ،ئىددىيىمىزنى ئازاد قىلىپ،بار شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە،بۇئارقىلىق ئۆزقەدر-قىممىتىمىزنى يارىتىشقا ،بەخىتكە ئىرىشىشكە تىرىشايلى! ھەدىسىلا قاخشاپ ئۆتىۋەرمەيلى!قاخشىغاندىن ھىچ پايدا چىقمايدۇ.پەقەت ئەمىلىي ھەركىتىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا بەخت بىزگەقۇچاق ئاچىدۇ!
مەنمۇ دەيمەنكى‹‹پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس،بەلكى ئىزچىل تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!››
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت511 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-8 05:40 PM